دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

يازدىكى ئېكولوگىيە مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-06-08 16:29:09

 مەنبە: تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى

    6-ئاينىڭ 3-كۈنى، ھاۋا بوشلۇقىدىن نەزەر سالغاندا، كەچكى شەپەق نۇرىغا چۆمگەن قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ شوركۆل سۇلۇق يىرى ياپيېشىل كۆرۈنىدىغان بولۇپ، سۇلىرى ئەلۋەك، ئوت-چۆپلىرى مول، مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇتۇبى ناھىيەسى «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، چارلاش-قوغداشنى كۈچەيتىش بىلەن سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ھەر خىل يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ۋە ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى، شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى سىجىل ياخشىلىنىپ، جانلىقلار كۆپ خىللىشىپ ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى.
تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى
    6-ئاينىڭ 3-كۈنى، ھاۋا بوشلۇقىدىن نەزەر سالغاندا، كەچكى شەپەق نۇرىغا چۆمگەن قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ شوركۆل سۇلۇق يىرى ياپيېشىل كۆرۈنىدىغان بولۇپ، سۇلىرى ئەلۋەك، ئوت-چۆپلىرى مول، مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل ئىدى.
تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى
    6-ئاينىڭ 3-كۈنى، ھاۋا بوشلۇقىدىن نەزەر سالغاندا، كەچكى شەپەق نۇرىغا چۆمگەن قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ شوركۆل سۇلۇق يىرى ياپيېشىل كۆرۈنىدىغان بولۇپ، سۇلىرى ئەلۋەك، ئوت-چۆپلىرى مول، مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل ئىدى.
تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

    6-ئاينىڭ 4-كۈنى، بوشلۇقتىن ئالتاي شەھىرىنىڭ بېيتۇن بازىرى تەۋەسىدىكى ئىرتىش دەرياسىغا نەزەر سالغاندا، باش يازدىكى ئىرتىش دەرياسى خۇددى بىر يېشىل لېنتىغا ئوخشاش كۆرۈنىدىغان بولۇپ، دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى كەڭ كەتكەن توغراقلىق بىلەن بىرلىشىپ بىر پارچە گۈزەل تەبىئىي مەنزىرە يۆگىمە رەسىمىنى ھاسىل قىلغانىدى.
ليۇ شىخې فوتوسى

    6-ئاينىڭ 4-كۈنى، ساياھەتچىلەر سايرام كۆلىدە ئاق قۇلارنى تاماشا قىلىپ، گۈزەل مەنزىرىلەرنى سۈرەتكە تارتماقتا. 6-ئاينىڭ بېشىدىكى سايرام كۆلى، كۆل بويىدىكى 10 مىڭ مولۇق ئوتلاقتا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان بولۇپ، قوي-كالىلار توپ-توپ بولۇشۇپ يۈرەتتى، كۆپكۆك كۆل يۈزى سۈيىنىڭ سۈزۈكلۈكىدىن تېگى كۆرۈنۈپ تۇراتتى، توپ-توپ ئاق قۇلار سۇدا ئەركىن ئۈزۈپ يۈرەتتى.
جياڭ چېڭلىن فوتوسى
    6-ئاينىڭ 4-كۈنى، سايرام كۆلى بويىدا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلدى. 6-ئاينىڭ بېشىدىكى سايرام كۆلى، كۆل بويىدىكى 10 مىڭ مولۇق ئوتلاقتا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، قوي-كالىلار توپ-توپ بولۇشۇپ يۈرەتتى، كۆپكۆك كۆل يۈزى سۈيىنىڭ سۈزۈكلۈكىدىن تېگى كۆرۈنۈپ تۇراتتى، توپ-توپ ئاق قۇلار سۇدا ئەركىن ئۈزۈپ يۈرەتتى.
جياڭ چېڭلىن فوتوسى
    6-ئاينىڭ 4-كۈنى، ساياھەتچىلەر باغراش كۆلى لۇخۇا پورتى مەنزىرە نۇقتىسىدا ئوينىماقتا. تېمپېراتۇرىنىڭ تەدرىجىي ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-شىسى 25-تۇەن باغراش كۆلى لۇخۇا پورتى مەنزىرە نۇقتىسى سەيلە-ساياھەتنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، نۇرغۇن ساياھەتچى مەنزىرە رايونىدا سالقىنداش، قېيىق ھەيدەش، سۇ ئويناشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلدى.
شيې جياڭلىن فوتوسى
مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش