دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 2 - يىغىنى يېپىلدى 2023 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى» پائالىيىتى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شاڭخەيگە بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولدى دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئىلمىي تەكشۈرۈش بويىچە ئون مىڭ مېتىرلىق چوڭقۇر قۇدۇقنى بۇرغىلاش تارىم ئويمانلىقىدا باشلاندى «مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كۈنى» شىنجاڭ ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۈرى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىندى پۇقراۋى كارخانىلار جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى كۆپنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچى ئارقىلىق گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇش ​بالىلارنىڭ قەلبىنى نۇرلاندۇرۇپ، كەلگۈسى ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ​قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولىمىز

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

قابا ناھىيەسى: «پەسىل قۇشلىرى بېكىتى»دىكى باھار يىغىلىشى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-06-05 11:25:46

      4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، قابا ناھىيەسى كۆكتوقاي سۇلۇق يېرى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا، ئاق قۇ، كۈل رەڭ تۇرنا، قىزىل پاچاق لايخورەك، ھاڭگىرت قاتارلىق 100 خىلدىن ئارتۇق قۇش توپ-توپ بولۇپ، بۇ يەردە ئوزۇقلۇق ئىزدەپ، ئويناپ، باھارنىڭ قۇياش نۇرىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى. كۆكتوقاي سۇلۇق يېرى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى چۆل، يايلاق، چىملىق، سازلىق، ئورمان، دەريا، كۆل قاتارلىق مۇرەككەپ، كۆپ خىل يەر شەكلى تىپىغا ئىگە، دۆلىتىمىزدىكى ئۈچ پەسىل قۇشلىرىنىڭ كۆچۈش لىنىيەسىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى مۇھىم تۈگۈن بولۇپ، قۇش بايلىقى ئىنتايىن مول، خاتىرىلەنگەن قۇش تۈرى 182 خىل، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت بويىچە 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قۇش بەش خىل، دۆلەت بويىچە 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قۇش 36 خىل. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قابا ناھىيەسى كۆكتوقاي سۇلۇق يېرىنى قوغداش سالمىقىنى سىجىل كۈچەيتىپ، كۆپ قېتىم ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاپ، سۇلۇق يەرنى يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىپ، ئۇنى كۆچىدىغان پەسىل قۇشلىرىنىڭ گۈزەل ماكانىغا ئايلاندۇردى.

(يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى: ئۇلار جانىمقان، سەي لىلى)

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش