5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى چۆچەك شەھىرى تارباغاتاي تېغىدا بىر نەچچە كىچىك قۇملۇق تۈلكىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى، ئانىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ بېقىشى بىلەن كىچىك قۇملۇق تۈلكىسى ئوتلاقتا قوغلىشىپ ئويناپ، تولىمۇ ئوماق كۆرۈنەتتى. بۇ بىر توپ كىچىك قۇملۇق تۈلكىسى ئۇۋىسىدىن چىققىلى ئۇزۇن بولمىغاچقا، سىرتقى دۇنياغا قىزىقىپ قالدى.
قۇملۇق تۈلكىسى دۆلەت 2-دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان، ئاساسلىقى ئوتلاق، چۆللەردە ياشايدۇ، ئاڭلاش، كۆرۈش، پۇراش سېزىمى ئۆتكۈر بولۇپ، چاشقان، قۇش، كەسلەنچۈك، ھاشارات قاتارلىقلارنى ئوزۇق قىلىدۇ. قۇملۇق تۈلكىسى ئادەتتە ئەتىيازنىڭ ئاخىرى، يازنىڭ بېشىدا تۇغىدۇ، ھەر قېتىمدا ئىككىدىن ئالتىگىچە تۇغىدۇ.
(ئاپتور: گو چىڭكې، ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: تارباغاتاي ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش