دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

باھار ھىدىغا تولغان شىنجاڭدا كۆل بويىدىكى گۈللەر ئېچىلىپ، سۇلۇق يەردە قۇشلار پەرۋاز قىلماقتا
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-05-08 10:23:20

4ـ ئاينىڭ  24ـ كۈنى، كۈنەس ناھىيەسى ئالمىلىق بازىرىدىكى كەڭ مۇنبەت ئېتىزلارغا بوشلۇقتىن نەزەر (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت). پارچە - پارچە ئېتىزلار چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان، شەكلى تەرتىپسىز نۇرغۇن گېئومېتىرىيەلىك نەقىشلەرنىڭ ئۆزئارا ئۇلىنىشىدىن تەركىب تاپقاندەك كۆرۈنىدىغان بولۇپ، نەپىس ئېتىز ماي بوياق رەسىملىرىنى شەكىللەندۈرگەنىدى. جاڭ ۋېنتىڭ فوتوسى

4ـ ئاينىڭ 24ـ كۈنى، سايرام كۆلى بويىدا ئېچىلغان ئاق زەپەر گۈللىرى. 4 - ئاينىڭ ئاخىرىلىرىدا سايرام كۆلى بويىدىكى قار - مۇزلار تېخى تولۇق ئېرىمەي تۇرۇپلا، ئېگىز تاغ يايلاقلىرىدىكى ھەممە يەرنى قاپلىغان ئاق زەپەر گۈللىرى ئارقا - ئارقىدىن ئېچىلىپ، نۇرغۇن ساياھەتچى، فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنى بۇ يەرگە كېلىپ سۈرەتكە چۈشۈشكە جەلپ قىلدى. يۈسۈپ غېنى فوتوسى

 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى سايرام كۆلى بويىدا ئاق زەپەر گۈلىنى سۈرەتكە تارتماقتا. يۈسۈپ غېنى فوتوسى

4-ئاينىڭ 24- كۈنى، ساۋەن چيەنچۈەنخۇ دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىغا بوشلۇقتىن نەزەر(تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت). چيەنچۈەنخۇ سۇلۇق يېرىدە گۈزەل تەبىئىي مۇھىت ۋە مول سۇ مەھسۇلاتلىرى بايلىقى بار، ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ يەرگە كېلىپ ياشايدىغان قۇشلاردىن دۆلەتلىك 2 - دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان چوڭ ئاق قۇ، كۈل رەڭ تۇرنا، ئاق ياستۇق تۇرنا، قارنا قاتارلىق 17 خىل قۇش بار ئىكەن. ئەن كېخۇ فوتوسى

4-ئاينىڭ 24- كۈنى، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئاچچان يېزىسى تەۋەسىدىكى كوئېنلۇن تېغىغا نەزەر سالساق، بۇ يەردە يىل بويى قار ئېرىمەيدۇ، يىراقتىن قارىغاندا، تاغ چوققىلىرى ئېگىز ھەم ھەيۋەتلىك بولۇپ، كۈمۈش لىباس بىلەن قاپلانغاندەك كۆرۈنەتتى، مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل ئىدى. لى جېڭخۇ فوتوسى

4-ئاينىڭ 24- كۈنى، ئاقسۇ دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا ياۋا ئۆردەكلەر كۆلدە ئۈزۈپ ئوينىماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇ شەھىرى سۇلۇق يەرنى قوغداش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، سۇ كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، كۆچۈپ كەلگەن تۈرلۈك ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ياشىشى ۋە كۆپىيىشىنى ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بىلەن تەمىنلىدى، سۇلۇق يەر باغچىسى پەسىل قۇشلىرىنىڭ شادلىق باغچىسىغا ئايلاندى. يەن شۇلىن فوتوسى

4-ئاينىڭ 24- كۈنى، ئاقسۇ دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا ياۋا ئۆردەكلەر كۆلدە ئۈزۈپ ئوينىماقتا. يەن شۇلىن فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش