4-ئاينىڭ 21-كۈنى، قاراماي شەھەرلىك تەنتەربىيە سارىيىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى مەيداندا كىشىلەر لەگلەك ئۇچۇرۇپ، ئەتراپ رەڭگارەڭ تۈسكە كىردى.
تيەن گوجيەن فوتوسى
شۇ كۈنى، قاراماي باھارى لەگلەك بايرىمىنىڭ يۈرۈشلۈك پائالىيىتى بولغان «باھاردا چەكسىز مەنزىرىلەرگە جور بولۇپ، مەدەنىيەت گۈللىرىنى پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇش» تېمىسىدىكى پائالىيەت باشلاندى، نەچچە مىڭ لەگلەك ئۇچۇرۇش ھەۋەسكارى قارامايغا يىغىلىپ، بەس-بەستە ئۆزىنىڭ لەگلىكىنى نامايان قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە بىر مەيدان كۆرۈش سېزىمى زىياپىتى ئېلىپ كەلدى.