4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئوقۇغۇچىلار پەن - تېخنىكا سارىيىدا FAST شار يۈزلۈك رادىيوتېلېسكوپنىڭ مەنبە بۆلۈمچىسىنىڭ خىزمەت قائىدىسىنى ئىگىلىمەكتە. 8 - قېتىملىق «جۇڭگو ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچۇش كۈنى» يېتىپ كېلىش پەيتىدە، كورلا پەن - تېخنىكا سارىيى ئوقۇغۇچىلارنى «ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچۇش ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرۇپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش» باش تېما قىلىنغان تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچۇشنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىشقا يېتەكلەپ، پەن - تېخنىكا ئارزۇسىنى ئۇرغۇتتى. □شيې لىڭكۇن فوتوسى