دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئاتاكىغا ئۆتۈش سىگنالى چېلىندى | ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىغا ئاسفالت ياتقۇزۇش باشلاندى 1 - پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تور سودا سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.13 ئاشتى قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا: رايون - پورت ھەمتۈرتكە بولدى، كەسىپلەر توپلاندى ۋىلايىتىمىز «ئېسىل مال»لىرى بىلەن 3 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى ۋىلايەتنىڭ 2023 ـ يىللىق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بويىچە كەسپىي تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇش باشلاندى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست بويىچە تۇنجى كەسىپلەردە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات فوندى قۇرۇلدى «ئاقسۇ ۋىلايىتى . شىخەنزە داشۆسى»نىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىدە شىنجاڭ سودا ئۆمىكىنىڭ پۈتۈشۈش سوممىسى 1 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېقىنلاشتى «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» بەش جايدا سەييارە قويۇلىدۇ تۇنجى پەسىلدە يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى تارقاتقان قەرز پۇل 10 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

قابا ناھىيەسى: «پەسىل قۇشلىرى بېكىتى»دىكى باھار يىغىلىشى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-04-23 15:49:44

      4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، قابا ناھىيەسى كۆكتوقاي سۇلۇق يېرى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا، ئاق قۇ، كۈل رەڭ تۇرنا، قىزىل پاچاق لايخورەك، ھاڭگىرت قاتارلىق 100 خىلدىن ئارتۇق قۇش توپ-توپ بولۇپ، بۇ يەردە ئوزۇقلۇق ئىزدەپ، ئويناپ، باھارنىڭ قۇياش نۇرىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى. كۆكتوقاي سۇلۇق يېرى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى چۆل، يايلاق، چىملىق، سازلىق، ئورمان، دەريا، كۆل قاتارلىق مۇرەككەپ، كۆپ خىل يەر شەكلى تىپىغا ئىگە، ئېلىمىزدىكى ئۈچ پەسىل قۇشلىرىنىڭ كۆچۈش لىنىيەسىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى مۇھىم تۈگۈن بولۇپ، قۇش بايلىقى ئىنتايىن مول، خاتىرىلەنگەن قۇش تۈرى 182 خىل، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت بويىچە 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قۇش بەش خىل، دۆلەت بويىچە 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قۇش 36 خىل. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قابا ناھىيەسى كۆكتوقاي سۇلۇق يېرىنى قوغداش سالمىقىنى سىجىل كۈچەيتىپ، كۆپ قېتىم ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاپ، سۇلۇق يەرنى يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىپ، ئۇنى كۆچىدىغان پەسىل قۇشلىرىنىڭ گۈزەل ماكانىغا ئايلاندۇردى.


(يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى: ئۇلار جانىمقان، سەي لىلى)

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش