دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار تەبىئەت ساياھىتى كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-04-16 17:56:47

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ

  ساياھەت جەريانىدا تەبىئەتنى چۈشىنىش، تېرىقچىلىق جەريانىدا مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش. ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار تەبىئەت ساياھىتى نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى بالىلىرىنى ئېلىپ ئەتراپتىكى ئىستىراھەت، سەيلە-ساياھەت يېزا ئىگىلىك نۇقتىلىرىغا بېرىپ ساياھەت قىلىش تاللىدى.

بالىلار دەرەخنىڭ تىلىنى سىيلىماقتا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ فوتوسى

  4-ئاينىڭ 1-كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)نىڭ ئەنەنچۈ بازىرىغا جايلاشقان سەيۋەي شۈيشياڭ ئىستىراھەت كەنتىدە، بالىلارنىڭ توپ-توپ بولۇپ پارنىكتا ئىستىراھەت كەنتىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ كۆكتات توغرىسىدىكى بىلىملەرنى چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلاۋاتقانلىقىنى، ياكى لاي توپا ئارىسىدىن يېڭىدىن بىخلانغان ئۆسۈملۈكلەرنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  «بالىلارنىڭ قاتناشقىنى ئەتىيازلىق كىچىك دېھقانلار يېرىم كۈنلۈك پائالىيىتى» دېدى سەيۋەي شۈيشياڭ ئىستىراھەت كەنتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ سۈيلى.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللىگەن چىچۈ شەنيې تەبىئەت پائالىيەتلىرى مەركىزىدىكى شېن شاشا مۇئەللىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، پائالىيەت مەزمۇنى ئاساسلىقى تۆت تۈرلۈك ئىكەن: بىرىنچىسى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىش. چىڭمىڭ مەۋسۇمى ۋە چىڭمىڭدىكى ئاساسلىق ئۆرپ-ئادەتلەرنى چۈشىنىش، نېمىنىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئىكەنلىكىنى ئۆگىنىش. ئىككىنچىسى، ئاتا-ئانىلار ۋە پەرزەنتلەر ئەتىيازلىق تېرىقچىلىقنى ئورتاق ھېس قىلىش. ئۆزى قول سېلىپ دانىلاپ تېرىش، مايسا تىكىش ۋەزىپىسىنى ھېس قىلىپ، «مىننۇڭ (دېھقانغا ئىچ ئاغرىتىش)» ناملىق شېئىردىكى ئەمگەك قىلىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ۋە تەسىراتىغا ئايلاندۇرۇش. ئۈچىنچىسى، «مومامنىڭ كۆكتات-گۈرۈچ كۇمىلىچى» ناملىق ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار رەسىملىك ئوقۇشلۇقىنى بالىلارنىڭ كۆكتات-گۈرۈچ كۇمىلىچى يېيىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بالىلارغا ئەتىياز كۈنلىرىدىكى باش تېمىلىق كىتاب ئوقۇش بىلەن ئەتىياز كۈنلىرىدىكى دالا تېرىقچىلىق تەربىيەسى جەريانىدا تەبىئەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇش. تۆتىنچىسى، ئارىلاش ياشتىكى بالىلار ئالاقە سورۇنى تەييارلاپ، بالىلارغا دوست تۇتۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش.

بالىلار كۆكتات مايسىسى كۆچۈرمەكتە.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ فوتوسى

  «بۈگۈن مەن دانىلاپ تېرىش، مايسا تىكىش جەريانىغا قاتنىشىپ، ئەمگەك قىلىشنىڭ جاپالىقلىقىنى ھېس قىلدىم، بۇنىڭدىن كېيىن ئاشلىقنى تېخىمۇ قەدىرلەيمەن» دېدى سەككىز ياشلىق كىچىك دوست ۋۇ شىشۈەن.

  «ئائىلە باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەنمۇ بۈگۈنكى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئاندىن چىڭمىڭدا كۆكتات-گۈرۈچ كۇمىلىچى يەيدىغان ئۆرپ-ئادەتنىڭ بارلىقىنى بىلدىم. بالىلارغا ساياھەت قىلىش جەريانىدا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى، تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدۇرۇش ناھايىتى ياخشى ئىش ئىكەن. دېدى ۋۇ شىشۈەننىڭ دادىسى ۋۇ خۇا.

  «دادا، تېز كېلىڭ، مەن بىر تال سازاڭنى تېپىۋالدىم!» بەش ياشلىق لى يەنجاڭ لايغا مىلەنگەن سازاڭنى ئالقىنىغا ئېلىپ ۋارقىرىدى.

  «ھە، بۇ چوقۇم سازاڭ ئانىنىڭ بالىسى.» لى نيەن ئوغلىنىڭ ئالقىنىدىكى سازاڭغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بالىلار پۇراپ بېقىش، سىيلاپ بېقىش، كۆرۈپ بېقىش ئۇسۇلى ئارقىلىق كۆرۈش سېزىمى، ئاڭلاش سېزىمى، تېگىشىش سېزىمىنى ئاشۇرۇپ، تەبىئەتكە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈردى. مەن بۇ يەردە بىر پارچە كۆكتاتلىققا مەسئۇل بولۇپ پەرۋىش قىلىپ، بالامنى تەبىئەتكە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا تەبىئەتنى چۈشىنىش، تەبىئەتنى قەدىرلەشنى ئۆگىتىپ، تەبىئەتنىڭ سىرلىرىنى ھېس قىلدۇرۇپ، يېشىللىقنى قوغدايدىغان پۇقرالاردىن بولۇش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىمەن.»

بالىلار مۇئەللىمنىڭ «مومامنىڭ كۆكتات-گۈرۈچ كۇمىلىچى» ناملىق رەسىملىك ئوقۇشلۇقنى چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىماقتا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ فوتوسى

بالىلار قولى بىلەن تۇپراقنى ھېس قىلماقتا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ فوتوسى

  شېن شاشا مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار تەبىئەت ساياھىتىنىڭ ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىشىدىكى سەۋەب، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەبىئەت تەربىيەسىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ياخشى بولۇۋاتقانلىقىدىن بولغان. ئۇ مۇنداق دېدى: شەھەردە ياشاۋاتقان بالىلار ئېتىزلىق، كۆكتاتلىق ۋە ئورمانلىقنى ئۇچرىتالمايدۇ، تەبىئەت ۋە چۆل-دالادىن خۇشاللىق تاپالمايدۇ. بىز تەشكىللىگەن پائالىيەتلەرگە ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار ئورتاق قاتنىشالايدۇ. ئاتا-ئانىلار تەبىئەت پائالىيىتىدە ئۆزىنى ئەركىن قويۇپ بېرەلەيدۇ ۋە خۇشاللىققا ئېرىشەلەيدۇ، بالىلار تەبىئەتتىن بىلىش، ھېس قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرەلەيدۇ، تەبىئەتنى ھېس قىلىش، تەبىئەت ئۈستىدە ئىزدىنىش پائالىيىتىدە تەبىئەت بىلەن بولغان ئالاقىنى قايتا ئورنىتالايدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش