دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

ئۇسسۇللۇق تىياتىر «ماناس» پامىر ئېگىزلىكىدىن يېتىپ كەلدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-04-10 16:41:39

4 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، ئۇسسۇللۇق تىياتىر «ماناس» شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسىدا ئورۇنلاندى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ خەۋەر قىلىدۇ: 4 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى كەچتە، ئىجادىي ئۇسسۇللۇق تىياتىر «ماناس» شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسىدا ئورۇنلىنىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت ـ سەنئەت بايرىمىدىكى كۆرگەزمە ئويۇن قويۇش سەھنىسىگە چىقتى.

ئۇسسۇللۇق تىياتىر «ماناس» 2019 ـ يىلى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوللىشىدا ئىجاد قىلىنىپ رېپېتىتسىيە قىلىنغان چوڭ تىپتىكى سەھنە ئەسىرى. ئۇنىڭدا شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقى ئەۋزەللىكى تولۇق قېزىلغان بولۇپ، مىللىي ئېپوس «ماناس» بىلەن مىللەتلەر خەلق ئۇسسۇلى پائال يۇغۇرۇلغان، جياڭسۇ ئۆلكىلىك ئويۇن قويۇش گۇرۇھى بىلەن قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكى ھەمكارلىشىپ تاماملىغان، 2020 ـ يىلىنىڭ بېشىدا نەنجىڭدا تۇنجى قېتىم ئورۇنلانغان.

بۇ تىياتىر 2022 ـ يىلى 8 ـ ئايدىن باشلاپ قايتا رېپېتىتسىيە قىلىنغان بولۇپ، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكى، ئاتۇش شەھەرلىك ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكى، ئۇلۇغچات ناھىيەلىك ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكى، ئاقچى ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى، ئاقتۇ ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى ھەمكارلىشىپ تاماملىغان. 3 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنىدىن 23 ـ كۈنىگىچە، بۇ تىياتىر بېيجىڭدا مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر رايونلىرىدىكى سەنئەت يۇرتى − ئۆمەكلىرىنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ كۆرگەزمە ئويۇن قويۇشىغا قاتناشتۇرۇلۇپ، ئۇدا تۆت مەيدان ئورۇنلىنىپ، ياخشى باھاغا ئېرىشكەن.

بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىردا ماناسنىڭ ھاياتىدىكى تۇغۇلۇش، ئىتتىپاق تۈزۈش، توي قىلىش، يىراققا سەپەر قىلىش، قايتىپ كېلىشتىن ئىبارەت بەش مۇھىم نۇقتا نامايان قىلىنغان بولۇپ، چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان ناخشا ـ مۇزىكىلار، جانلىق ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش روھى ۋە يۇرتنى، ۋەتەننى قوغداش ئېتىقادى ئىپادىلەنگەن.

«بېيجىڭدا ئورۇنلانغان ئويۇنلارنىڭ قىزغىن ئىنكاس قوزغىشى ئارتىسلارغا زور ئىشەنچ بېغىشلىدى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇسسۇللۇق تىياتىرنى تۇنجى قېتىم ئورۇنلاپ، مىسلىسىز يۈكسەكلىككە جەڭ ئېلان قىلدى، نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى، بولۇپمۇ ياش ئارتىسلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بىر قېتىملىق مۇھىم ئۆسۈپ يېتىلىش بولدى» دېدى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ خۇامىڭ.

قار ـ مۇزلۇق چوققىلار، ئوتلاقنىڭ ئاۋات مەنزىرىسى، چىرايلىق تويلۇق ئۆي... بۇ تىياتىرنىڭ سەھنە گۈزەل سەنئەت لايىھەسى پامىر ئېگىزلىكىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە خەلق ئۆرپ ـ ئادەتلىرىنى ئۇستىلىق بىلەن قايتا نامايان قىلغان بولۇپ، كىيىم ـ كېچەكلەرنىڭ رەڭدارلىقى، كۆپ خىللىقى ۋە ئەپچىل لايىھەلىنىشى تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى.

«قىرغىز مىللىتى كەشتىچىلىكى، قىرغىز مىللىتى كىيىم ـ كېچەكلىرىنىڭ ھەممىسى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرلىرى، بۇ قېتىمقى سەھنە گۈزەل سەنئەت لايىھەسىمۇ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھازىرقى زاماندىكى رېئال قىممىتى جارى قىلدۇرۇلغان» دېدى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى خانىبېك تۇردى.

ئۇسسۇللۇق تىياتىرنىڭ ئورۇنلىنىشى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ مىللىي ئېپوس «ماناس»نى كۆرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك دىققەت قىلىشىغا ئېرىشتى.

«<ماناس> بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە ئويۇن نومۇر تىزىملىكىدىكى مەن ئەڭ كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان نومۇر ئىدى، خېلى بۇرۇنلا توردىن بېلەت زاكاز قىلغانىدىم، مېنىڭچە ئۇ ئەنئەنىۋى گۈزەللىكىنى يوقاتمىغان ھەم ئىنتايىن مول زامانىۋى ئاڭغا ئىگە ئىكەن، بىزنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىمىزگە ناھايىتى ماس كېلىدىكەن» دېدى تاماشىبىن ليۇ جىڭيۈ.

قىزىلسۇ ئوبلاستىدىن بېيجىڭغىچە، يەنە ئۈرۈمچىگىچە، تاماشىبىنلارنىڭ تەقەززاسى ۋە ئويۇن قويغاندا ئېرىشكەن ئالقىش سادالىرى، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، بۇ تىياتىرنىڭ باش رېژىسسورى بۇھەجەر خۇكىشىنىڭ ئىشەنچىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ گۆھىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش بىزنىڭ ئىجادىيەتتىكى ئەسلىي مەقسىتىمىز، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ سەنئەت ۋاسىتىلىرىنى كېڭەيتىپ، <ماناس>نى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردە ئۇنىڭ جانلىقلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشنى ئۈمىد قىلىمىز».

مىللىي ئېپوس «ماناس» شېئىر، ناخشا، ھېكايە بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن نەزمىي ئېپوس بولۇپ، 2009 ـ يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ ـ پەن ـ مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن، ئۇنىڭدا قەھرىمان ماناس جەمەتىدىكى سەككىز ئەۋلاد كىشىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىنى قوغدىغانلىقى، سىرتنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئورتاق قارشى تۇرغانلىقىدەك ئىش ئىزلىرى مەدھىيەلەنگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش