دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

شىنجاڭدىكى مەنزىرە رايونلار ئادەملىك ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئۇچقۇ ساياھەت تۈرىنى يولغا قويىدۇ
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-04-03 11:48:59

 (مۇخبىر رېن جياڭ خەۋەر قىلىدۇ) دوستلار بىلەن بىللە، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇغا ئولتۇرۇپ يەردىن قوزغىلىپ، شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، گۈزەل شىنجاڭغا ئېگىزدىن نەزەر سېلىش. فانتازىيەلىك كىنولاردىكىدەك بۇ مەنزىرە رېئاللىققا ئايلانماقتا، يېقىن كەلگۈسىدە، شىنجاڭدىكى مەنزىرە رايونلىرى ئاسمىنىدا ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان ئادەملىك ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئۇچقۇ پەيدا بولىدۇ.

يىخاڭ ئەقلىي ئىقتىدار شىركىتىنىڭ ئادەملىك ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئۇچقۇسى. سۈرەتنى يىخاڭ ئەقلىي ئىقتىدار شىركىتى تەمىنلىگەن

    3-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىيۈ ساياھەت تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتى ۋە باش ئىشتابى گۇاڭجوۋغا جايلاشقان يىخاڭ ئەقلىي ئىقتىدار شىركىتى ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئىككى تەرەپ بىرلىكتە مەبلەغ چىقىرىپ، ئادەملىك ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئۇچقۇ تىجارەت شىركىتى قۇرۇپ، شىنجاڭدىكى مەنزىرە رايونلىرى ئىچىدە تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ساياھەت قىلىش تۈرىنى قانات يايدۇرىدۇ. كەلگۈسى بەش يىلدا، بۇ شىركەت 120 دانە ئادەملىك ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئۇچقۇنى كىرگۈزۈشنى پىلانلىدى.

شىيۈ ساياھەت تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتى ۋە يىخاڭ ئەقلىي ئىقتىدار شىركىتى ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى.

تاڭ شياۋدۇڭ فوتوسى

    يىخاڭ ئەقلىي ئىقتىدار شىركىتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئۇچقۇ پەن-تېخنىكا كارخانىسى، دۇنيادىكى تۇنجى شەھەر ھاۋا قاتنىشى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت، تۇنجى ئادەملىك ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئۇچقۇنى تاۋارلاشتۇرۇپ تاپشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان كارخانا، يەنە جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى تەستىقلىغان تۇنجى ئادەملىك ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئۇچقۇنىڭ ئۇچۇشقا ماس كېلىشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ئورۇن. نۆۋەتتە، بۇ شىركەتنىڭ ئادەملىك ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئۇچقۇسى پۈتۈن يەرشارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 30 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق سىناق تەرىقىسىدە ئۇچتى ھەمدە دۆلەت ئىچىدە گۇاڭجوۋ، جاۋچىڭ، سەنيا قاتارلىق شەھەرلەردە تۆۋەن بوشلۇق ساياھىتىنى قانات يايدۇرۇپ سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈردى.

   «بىز شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى ۋە ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئۈمىد باغلىدۇق، ئادەملىك ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئۇچقۇ بىخەتەر، مۇھىت قوغدايدىغان، تىجارەت تەننەرخى تۆۋەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى ساياھىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك مەھسۇلات، ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ئېگىزدىن كۆرۈش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ» دېدى يىخاڭ ئەقلىي ئىقتىدار شىركىتى ئاسىيا، تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مەسئۇلى سۈي جېڭرى. ئادەملىك ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئۇچقۇنى تەتقىق قىلىپ ياساشتىن باشقا، بۇ شىركەت يەنە ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئۇچقۇغا قوماندانلىق قىلىش، تەڭشەش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى، بۇ سىستېما ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئۇچقۇنى توپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇپ، ئۇچقۇنى سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

يىخاڭ ئەقلىي ئىقتىدار شىركىتىنىڭ ئادەملىك ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئۇچقۇسى سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

سۈرەتنى يىخاڭ ئەقلىي ئىقتىدار شىركىتى تەمىنلىگەن

    شىيۈ ساياھەتچىلىكىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، باش دىرېكتورى لى شىنپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ شېرىك شىركەتنى ئەنگە ئالدۇرۇپ، ئادەملىك ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئۇچقۇنى كىرگۈزۈپ، شىنجاڭدىكى مەنزىرە رايونلىرى ئىچىدە سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق. «يىخاڭ ئەقلىي ئىقتىدار شىركىتى تېخنىكا، يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى، بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەمدە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى تەستىقلاشقا يوللاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ. كەلگۈسىدە، ئادەملىك ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئۇچقۇ كىشىلەرنى مەنزىرە رايونى ئىچىدە تۆۋەن بوشلۇقتا ساياھەت قىلىش بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە مەنزىرە رايونلىرى ئارا ئۇچۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ».

   ئادەملىك ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئۇچقۇنىڭ تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى ساياھەت تۈرىدە، ئالدى بىلەن شىيۈ ساياھەت تىجارىتى ۋە ھەمكارلىقىدىكى تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى، تۇرپان يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونى، ئىلى مەلىكە جيېيوۋ ئۈستىقۇددۇس قورۇقى مەنزىرە رايونى، ۋۇسەيۋەن گۇخەي ئارشاڭ مەنزىرە رايونى قاتارلىقلاردا سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش