دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

باھاردىكى دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلى، شىنجاڭدىكى دېھقانلارنىڭ نېمە ئىشلار بىلەن ئالدىراش يۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-03-20 16:25:47

باھار مەزگىلى

تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەنزىرىسى نامايان بولدى

ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش، باغۋەنچىلىكتىن مول ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن

ئېتىز ـ ئېرىقلاردا، مېۋىلىك باغلاردا

جاي-جايلاردا دېھقانلارنىڭ ئالدىراش سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ

ئۇلارنىڭ نېمە ئىشلار بىلەن ئالدىراش يۈرۈۋاتقانلىقىنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى

 شاپتۇل چېچىكىنى چاڭلاشتۇرۇش

  3-ئاينىڭ 10-كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ بېھىشباغ يېزىسىدا يېزا ئىگىلىك تېخنىكى (سولدا) باغۋەنگە سۇلۇق شاپتۇل چېچىكىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا چاڭلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى ئۆگەتمەكتە.

ۋۇ لې فوتوسى

 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ بېھىشباغ يېزىسى چىنىباغ كەنتىدىكى باغۋەن سۇلۇق شاپتۇل ئۆستۈرۈش بازىسىدا سۇلۇق شاپتۇل چېچىكىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا چاڭلاشتۇرماقتا.

ۋۇ لې فوتوسى

   ھازىر، كۇچا شەھىرى بېھىشباغ يېزىسى چىنىباغ كەنتىگە جايلاشقان زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى سۇلۇق شاپتۇل ئۆستۈرۈش بازىسىدىكى سۇلۇق شاپتۇل چېچەكلىرى چاڭلىشىش مەزگىلىگە كىردى، باغۋەنلەر دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، چېچەكلەرنى چاڭلاشتۇرۇپ، سۇلۇق شاپتۇلنىڭ مېۋىلەش نىسبىتىنى ئۆستۈردى. بۇ يېزا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پارتىيە ياچېيكىسى بىرتۇتاش پىلانلاش، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۈلگە كۆرسىتىش، تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى تۈرتكە بولۇش، دېھقانلار كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈش كەسىپ تەرەققىيات شەكلىنى شەكىللەندۈرۈپ، باغۋەنچىلىك كەسپىنىڭ كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

● لازا مايسىسى يېتىشتۈرۈش

3-ئاينىڭ 8-كۈنى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ يۇڭنىڭ بازىرى ماليەنتەن كەنتى 2-گۇرۇپپىسىدىكى دېھقانلار لازا مايسىلىرىنىڭ ئوتىنى ئوتاپ پەرۋىش قىلماقتا.   چۆ. خۇرە فوتوسى

  3-ئاينىڭ 8-كۈنى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ بورقاي يېزىسى كېرەت كەنت 3-گۇرۇپپىسىدىكى دېھقانلار لازا مايسىسىنى سۇغۇرماقتا.   چۆ. خۇرە فوتوسى

 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ بورقاي يېزىسى كېرەت كەنتى 3-گۇرۇپپىدىكى دېھقانلار لازا مايسىلىرىنى كۆرسەتمەكتە.

چۆ. خۇرە فوتوسى

  ئوت ئوتاش، سۇغىرىش ... يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كەنت ئاھالىلىرى لازا مايسىسى يېتىشتۈرۈش، پەرۋىش قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بۇ يىل، بۇ ناھىيە 100 مىڭ مو يەرگە لازا ئۆستۈرۈشنى پىلانلىدى. يەنجى ناھىيەسى شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ قىزىل لازا ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ بىرى، شۇنداقلا لازا شۇ جايدىكى خەلقنى بېيىتىش كەسپىنىڭ بىرى. شۇ جاينىڭ ئالاھىدە يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق شارائىتى بولغاچقا، يەنجى ئويمانلىقىدىكى قىزىل لازىنىڭ دانىسى يوغان، رەڭگى ساپ ئوچۇق بولۇپ، بازاردا ناھايىتى قارشى ئېلىنىدۇ، ھەر يىلى خېنەن، خېبېي، شەندۇڭ، جىلىن قاتارلىق جايلاردىكى سودىگەرلەر كېلىپ سېتىۋالىدۇ.

● تەك ئېچىش

3-ئاينىڭ 7-كۈنى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈمچىلىك بازىرى بۇلاق كەنتىدىكى دېھقان ماشىنا بىلەن مەشغۇلات قىلىپ تەك ئاچماقتا.

ليۇ جيەن فوتوسى

   3-ئاي كىرىشى بىلەن، تۇرپان شەھىرىدىكى 500 مىڭ مودىن ئارتۇق ئۈزۈملۈك تەك ئېچىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، ئۆزگەرتىلگەن تەك ئېچىش ماشىنىلىرى ھەممىلا ئۈزۈملۈكتە ئۇچراپ تۇرىدىغان بولۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى ياخشى ياردەمچىگە ئايلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرپان شەھىرى ئۈزۈم بارىڭىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ماشىنىلاشقان مەشغۇلاتنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ ۋە قوللىنىپ، ئۈزۈمدىن مول ھوسۇل ئېلىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى.

● يەر ئاغدۇرۇپ تېرىقچىلىققا تەييارلىق قىلىش

3-ئاينىڭ 6-كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى ئايشىن سىرى بازىرىنىڭ سۇ چىقىرىپ سۇغىرىلىدىغان رايونىدىكى ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئېتىزلىقتا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى شوپۇرلىرى دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى رېمونت قىلماقتا.

خۇا يەنمىڭ فوتوسى

3-ئاينىڭ 6-كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى ئايشىن سىرى بازىرىنىڭ سۇ چىقىرىپ سۇغىرىلىدىغان رايونىدىكى ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئېتىزلىقتا دېھقانلار تىراكتور بىلەن تېرىقچىلىق قىلماقتا.

خۇا يەنمىڭ فوتوسى

   3-ئاينىڭ 6-كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى ئايشىن سىرى بازىرىنىڭ سۇ چىقىرىپ سۇغىرىلىدىغان رايونىدىكى ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئېتىزلىقتا دېھقانلار تىراكتور بىلەن بۇ يىل ئەتىيازدىكى «تۇنجى ساپان»نى سالدى. نۆۋەتتە، بۇ ناھىيەدىكى 1 مىليون 356 مىڭ 800 مو ئېتىزلىق تېرىقچىلىق مەزگىلىگە كىردى، دېھقانلار تىراكتورلارنى ھەيدەپ موكىدەك ئۆتۈشۈپ يۈرۈپ يەر ئاغدۇرۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەشغۇلاتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى، ئېتىز باشلىرىدا ئالدىراش مەنزىرە نامايان بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش