دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

گۈللۈك پانۇس ياساش، تاڭيۈەن يېيىش، رەڭدار خەلق ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن يۈەنشياۋ بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورى ۋاقتى:2023-02-09 12:33:37

2-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئارتىسلار ياڭگىر ئۇسسۇلى ئوينىماقتا. 2-ئاينىڭ 3-كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ خانىقاتام يېزىسى «گۈلخان يېقىپ باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىپ بەختنى چىللاش . خاسىيەتلىك توشقان يىلىدا يۈەنشياۋ بايرىمىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈش» باش تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزدى، ھەر مىللەت ئامما شاد-خۇراملىق ئىچىدە كاتتا يۈەنشياۋ بايرىمىنى كۈتۈۋالدى.

يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى

2-ئاينىڭ 3-كۈنى، ھەر مىللەت ئامما گۈلخاننى چۆرىدەپ ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينىماقتا.

يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى

2-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئاھالىلەر بىرلىكتە تاڭيۈەنگە ئېغىز تەگمەكتە. يۈەنشياۋ بايرىمىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-شى 22-تۇەنى بەخت مەھەللىسىدە «خۇشال-خۇرام يۈەنشياۋ بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش» تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. ھەر مىللەت ئامما بىر يەرگە خۇشال جەم بولۇپ، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىپ، يۈەنشياۋ بايرىمىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى.

شيې جياڭلىن فوتوسى

2-ئاينىڭ 2-كۈنى، كىچىك دوستلار پانۇس تېپىشمىقى تاپماقتا.

شيې جياڭلىن فوتوسى

2-ئاينىڭ 4-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ چۇرگۇل بازىرى جىڭخۇا مەھەللىسىدىكى ئامما دومبىرا چالماقتا. شۇ كۈنى بۇ بازاردىكى ھەر مىللەت ئامما ياڭگىر ئۇسسۇلى ئويناپ، دومبىرا چېلىپ، قارا يورغا ئويناپ، يۈەنشياۋ بايرىمىنى خۇشال-خۇرام كۈتۈۋالدى.

تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

2-ئاينىڭ 4-كۈنى، كىچىك دوستلار قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ چۇرگۇل بازىرى جىڭخۇا مەھەللىسىدە كوچا ئويۇنىنى كۆرمەكتە.

تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

2-ئاينىڭ 4-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى قېيىق ھەيدەش ئويۇنى كۆرسەتمەكتە. شۇ كۈنى، ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ تاشۇ يېزىسىدىكى ھەر مىللەت ئامما ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، يۈەنشياۋ بايرىمىنى خۇشال كۈتۈۋالدى.

ئايگۈل فوتوسى

2-ئاينىڭ 4-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى ئەجدىھا ئۇسسۇلى ئوينىماقتا.

ئايگۈل فوتوسى

2-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئارتىسلار ياڭگىر ئۇسسۇلى ئوينىماقتا.  شۇ كۈنى، قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى «قۇتلۇق توشقان يىلىدا ھەممە ئائىلە شادلىققا تولدى، رەڭدارلىق قوينىدا خەلق تۇرمۇشى نۇرلاندى» يۈەنشياۋ بايرىمى كوچا ئويۇنى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. 20 ۋەكىللەر ئەترىتى ياڭگىر ئۇسسۇلى، ئەجدىھا ئۇسسۇلى، داقا-دۇمباق قاتارلىقلار بىلەن شەھەر ئاھالىلىرىگە بىر مەيدان ئېسىل مەدەنىيەت زىياپىتى بەردى.

خې چېڭچياڭ فوتوسى

2-ئاينىڭ 4-كۈنى، كوچا ئويۇنى ئەترىتىدىكى چارۋىچىلار چاسا ئەترىتى.

خې چېڭچياڭ فوتوسى

2-ئاينىڭ 1-كۈنى، چەرچەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئۇرۇقچىلىق مەيدانى 2-ئەترىتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بىرلىشىپ يۈەنشياۋ بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، كەنت ئاھالىلىرى بىرلىكتە تاڭيۈەن تۈگۈپ، تاڭيۈەن يەپ، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدى.

رىزۋانگۈل ئىسمايىل فوتوسى

2-ئاينىڭ 1-كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە گۈللۈك پانۇس ياسىماقتا.  شۇ كۈنى، چەرچەن ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ يېڭىئۆستەڭ يېزىسى تاغئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بىرلىشىپ يۈەنشياۋ بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، كەنت ئاھالىلىرى بىرلىكتە تاڭيۈەن تۈگۈپ، تاڭيۈەن يەپ، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدى.

رىزۋانگۈل ئىسمايىل فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش