دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

بىر جاينىڭ سۇ-تۇپرىقى | قىش كۈنلىرىدىكى بوزدۆڭدە بىر كۈندە ئۈچ مەنزىرە ھاسىل بولىدۇ
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-02-07 11:36:50

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە

   كېچىدە ئاسماننى تۇمان قاپلىغان بولسىمۇ، سەھەر تۇرغاندا دەرەخلەردىكى قىروۋ كۆزگە چېلىقاتتى؛ ئىشىكنى ئېچىپ يىراققا نەزەر تاشلىغاندا، گىرەلىشىپ كەتكەن تاغ تىزمىلىرى باغرىدا قايناق مەنزىرە كۆرۈنەتتى.

بوزدۆڭ مەنزىرە رايونىدىكى ساليۇت ئويۇنى.
خەن جيەنرۇڭ فوتوسى
   تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونى. بوزدۆڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ بوزدۆڭ قىرغىز يېزىسىغا جايلاشقان بولۇپ، تۆمۈر چوققىسىدىكى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا تەۋە، بۇ جاي نۇرغۇن ئەتىۋارلىق ھايۋانلار ماكانلاشقان جاي بولۇپ، بۇ جايدا مول، كۆپ خىل ئېگىز تاغ ئۆسۈملۈكلىرى ئۆسۈپ كۆپىيىدۇ، بۇ جاي «تەبىئىي ئوكسىگېنخانا» «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قاناس» «تۆمۈر چوققىسى باغرىدىكى شياڭگېلىلا» قاتارلىق گۈزەل ناملارغا ئىگە. مەنزىرە رايونىدىكى ئاقبۇلاق يايلىقى ۋە فېڭلىڭگۇ مەنزىرە نۇقتىسى ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىسى بىلەن نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ نەزەرىنى جەلپ قىلىپ كەلمەكتە.
ياز كۈنلىرىدىكى ئاقبۇلاق يايلىقىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى.
خەن جيەنرۇڭ فوتوسى
   «شىنجاڭنىڭ قار-مۇز ساياھەت بايلىقىنى تونۇشتۇرۇش سالمىقىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، بوزدۆڭ بۇ ئىككى يىلدا تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە قىزىيدىغان مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى» دېدى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى ئونسۇ ناھىيەلىك مەدەنىيەت-ساياھەت گۇرۇھى بوزدۆڭ مەنزىرە رايونىنىڭ باش دىرېكتورى خەن جيەنرۇڭ مۇخبىرغا.
قىش كۈنلىرىدىكى بوزدۆڭ مەنزىرە رايونى.
خەن جيەنرۇڭ فوتوسى
   بوزدۆڭ مەنزىرە رايونىنىڭ قار-مۇز ساياھەت بايلىقى ناھايىتى مول بولۇپ، قىشتا ياغقان نەچچە قېتىملىق قېلىن قار بۇ جاينى تەبىئىي، پۇختا قار تېيىلىش مەيدانىغا ئايلاندۇرىدۇ. شۇنداقلا، كەڭ كەتكەن يايلاق ۋە تۆمۈر چوققىسىنىڭ ئاساسىي رەڭ بېرىشىدە، قىش كۈنلىرىدە بۇ جايدا بىر كۈندە ئۈچ خىل مەنزىرە ھاسىل بولىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ. ئەتىگەندە يېرىم سۈزۈك سۇس تۇمان تۆمۈر چوققىسىنى ئىككىگە ئايرىپ تۇرىدۇ، ئۈستۈنكى يېرىمى كۆتۈرۈلۈۋاتقان قۇياش نۇرىدا قىزىرىپ تۇرىدۇ، ئاستىنقى يېرىمى بولسا تۇماندا ئاپئاق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ؛ چۈشتە ئىللىق قۇياش نۇرى كەڭ تۇپراققا چېچىلىپ، قار تېيىلىۋاتقان كىشىلەر توپى ۋە خاتىرجەم ئوزۇق ئىزدەۋاتقان كالا-قويلار بۇ جاينى بىردىنلا تىنچ، گۈزەل بولغان قىش كۈنلىرىدىكى يۆگىمە رەسىمگە ئايلاندۇرىدۇ؛ كەچتە، چەكسىز كەتكەن يۇلتۇزلۇق ئاسماننىڭ گۈزەللىكى ۋە ھۇزۇرى نامايان بولۇپ تۇرىدۇ.
قىش كۈنلىرىدىكى بوزدۆڭ مەنزىرە رايونى.
خەن جيەنرۇڭ فوتوسى
   خەن جيەنرۇڭنىڭ دېيىشىچە، بۇ جاينىڭ قىش پەسلىدىكى قار-مۇز بايلىقىنى «جانلاندۇرۇش» ئۈچۈن، ئۇلار ئاساسىي ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مەنزىرە رايونىنى تەبىئىي قار تېيىلىش مەيدانى ۋە مۇز تېيىلىش مەيدانى قىلىپ ياساپ چىققان. مەركەزلىك پىلانلاش ئارقىلىق بىر ئۆي، بىر ھويلا، بىر خاسلىققا ئىگە بولغان 100 ئائىلىۋى مېھمانخانا بىرلەشمە گەۋدىسى — بەيچۈەن ئارامگاھىنى لايىھەلەپ چىققان. «ئەتىگەندە ساياھەتچىلەر بىمالال ئويناپ، مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلانسا بولىدۇ، كەچتە ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن ياخشى كۆرگەن ھويلىدىن بىرنى تاللاپ، بىرلىكتە ئەنئەنىۋى تەمدىكى قوتاز گۆشى خوگوسىغا ئېغىز تېگىپ، ئۆزگىچە بولغان خەلق ئۆرپ-ئادىتىنى ھېس قىلسا بولىدۇ» دېدى خەن جيەنرۇڭ.
ياز كۈنلىرىدىكى بوزدۆڭ مەنزىرە رايونى.
خەن جيەنرۇڭ فوتوسى
    مەنزىرە رايونى قىشلىق ساياھەت بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، قەرەلسىز ھالدا گۈلخان كېچىلىكى، ساليۇت ئويۇنى، دېسكو مۇزىكا كېچىلىكى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى. ئاقسۇلۇق ساياھەتچى ئانارگۈل ئوبۇلئېزىز بۇ جاينى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى: «مەنزىرىسى گۈزەل، كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىمۇ كۆپ ئىكەن، كېتىشكە كۆزۈم قىيمايۋاتىدۇ، ھەپتە ئاخىرىدا يەنە كېلىدىغانغا دوستلىرىم بىلەن كېلىشىپ قويدۇم».
مەنزىرە رايونىدىكى خەلق ئىچى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا ۋارىسلىق قىلغۇچى سەنئەتكارلار يېڭى يىلدا بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
خەن جيەنرۇڭ فوتوسى

    مەنزىرە رايونى «ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، شۇ جاينىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش ئۈچۈن، ئەتراپتىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى، يەنە بەيچۈەن ئارامگاھىدا خەلق ئۆرپ-ئادەتلىرى كۆرگەزمىسى كىچىك بازىرى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى مەنزىرە رايونىغا كىرىشكە تەكلىپ قىلدى». خەن جيەنرۇڭ مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلەر نەق مەيداندا قىرغىز مىللىتىنىڭ كەشتىلىرىنى كۆرۈپ، خاس مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىش بىلەن بىللە، يەنە گۈلخاننى چۆرىدەپ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار ئېيتقان «ماناس»نى ئاڭلىيالايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، مەنزىرە رايونىدىكى كەسىپكارلارنىڭ %80ى ئەتراپتىكى دېھقان-چارۋىچىلار بولۇپ، شۇ جايدىكى 300دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ۋاسىتىلىك تۈرتكە بولدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش