دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سىنلىق خەۋەرلەر

ئىلگىرىكى بىر كۈنلۈك ئىش ئىككى سائەتتە تۈگەيدىغان بولدى خوشۇت ناھىيەسىنىڭ پارنىكلىرىدىكى ئۇرۇقنى دانىلاپ تېرىش ماشىنىسى مايسا يېتىشتۈرۈشكە زور كۈچ قوشتى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2023-02-21 19:00:50


   يېقىندا، خوشۇت ناھىيەسى تاغارچى بازىرى ئارۋىن دېرۋىن كەنتىدىكى كۈن نۇرى پارنىكىدا، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، كۆنەكسىمان تاختىلارنى توشۇش، يېيىتىش، ئۇرۇقنى دانىلاپ تېرىش ماشىنىسىنى ئىشلىتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، لازا مايسىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈۋاتاتتى. يېڭى تىپتىكى ئۇرۇقنى دانىلاپ تېرىش ماشىنىسىنىڭ كىرگۈزۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ يەرنىڭ لازا مايسىسى يېتىشتۈرۈش خىزمەت ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئاشتى.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوشۇت ناھىيەسى كەسىپ تەرەققىياتىنى زىچ چۆرىدەپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك پارنىك قۇرۇش ئارقىلىق، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، خاس بولۇشقا قاراپ يۈزلىنىشىنى تېزلىتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يېزا-كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولدى. يېڭىدىن ياسالغان يۇقىرى ئۆلچەملىك پارنىكلارنىڭ ئېگىزلىكى 5.5 مېتىر بولۇپ، ئىلگىرىكى بەلنى ئېگىپ تۇرۇپ مەشغۇلات قىلىش ئاخىرلاشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق پارنىكلارنىڭ تېمپېراتۇرا ساقلاش ئىقتىدارى كۈچلۈك، تېرىش يۈزىدە تۈۋرۈك يوق بولۇپ، ماشىنىلارنىڭ مەيدانغا كىرىپ مەشغۇلات قىلىشىغا قولاي بولدى، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، تېرىقچىلىق تەننەرخى ئازايدى.

   مۇخبىر: جاڭ ئاۋ، يىن تۇڭيۈەن

   نازارەت قىلغۇچى: ماۋ مىڭدۇڭ، لى خۇڭيەن

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش