دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىشتە يېڭىلىق يارىتىلىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىندى 9 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ خاس مېۋە ـ چېۋە (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى 10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى باشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى تۆگە بېقىپ يىلىغا 400 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى ۋىلايەت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قۇربان نىيازنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى ۋىلايەتنىڭ 2023 ـ يىللىق «مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىنغان 451 تۈردە ئىش باشلاندى مەمۇرىي مەھكىمە دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى بىلەن تەرەققىيات ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ئاپتونوم رايوننىڭ 26 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى باشلاندى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى كەسپى تېز سۈرئەتتە ئاشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش، ھەق تاپشۇرۇش خىزمىتى پات ئارىدا باشلىنىدۇ
مۇھەررىر:ئەنۋەرجان ئىمىن
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-09-26 16:12:37

 ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئۆزئارا ياردەم بېرىش-ئۆزئارا قۇتقۇزۇش، مەسئۇلىيەتنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئىدىيەسىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى بولۇپ، ھەر بىر ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدۇ. ھەر بىر شەھەر-يېزا ئاھالىسى (ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار، ياشانغانلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن نورمال بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش، ھەق تاپشۇرۇش خىزمىتىنى ۋاقتىدا تاماملىشىڭىزنى دوستانە ئەسكەرتىدۇ.

2024-يىللىق شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا

شەخسىلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى ھەر بىر ئادەمنىڭ 420 يۈەن

(40 يۈەنلىك ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتا ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)

سىز ھەر بىر ئادەمگە بېرىلىدىغان 643 يۈەندىن تۆۋەن بولمىغان مالىيە ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولالايسىز.

  مەركەزلىك پۇل تاپشۇرۇش ۋاقتى

  2023-يىلى 9-ئايدىن 2023-يىلى 12-ئايغىچە

  ئەگەر سىز 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن ھەق تاپشۇرسىڭىز

2024-يىلى پۈتۈن بىر يىل تەمىناتتىن بەھرىمان بولالايسىز

  2024-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى(ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن كېيىن ھەق تاپشۇرسىڭىز

  ھەق تاپشۇرۇپ ئىككىنچى ئېيىدىن باشلاپ 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولالايسىز.

  2023-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن

  2023-يىللىق شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرسىڭىز

  شەخسىلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى ھەر بىر ئادەمنىڭ 1063 يۈەن بولىدۇ

  سەمىمىي ئەسكەرتمە: 2023-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا

  شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ھەق تاپشۇرۇشى تولۇق سوممىلىق ھەق تاپشۇرۇش ھېسابلىنىدۇ

  سىز ئەمەلىي داۋالىنىش ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن

  2023-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ھەق تاپشۇرۇشىنى تاماملىسىڭىز بولىدۇ

  تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇش مۇددىتىڭىز ھەق تاپشۇرۇپ كېيىنكى ئېيىدىن باشلاپ 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدۇ

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش