دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىشتە يېڭىلىق يارىتىلىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىندى 9 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ خاس مېۋە ـ چېۋە (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى 10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى باشلىنىدۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى تۆگە بېقىپ يىلىغا 400 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى ۋىلايەت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قۇربان نىيازنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى ۋىلايەتنىڭ 2023 ـ يىللىق «مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈنى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىنغان 451 تۈردە ئىش باشلاندى مەمۇرىي مەھكىمە دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى بىلەن تەرەققىيات ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ئاپتونوم رايوننىڭ 26 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى باشلاندى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى كەسپى تېز سۈرئەتتە ئاشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشنىڭ ئورنىغا نەق پۇل بەرسە بولامدۇ؟
مۇھەررىر:ئەنۋەرجان ئىمىن
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-09-22 12:30:12

 بەزى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇشنىڭ ئورنىغا نەق پۇل بەرمەكچى بولىدۇ، تېخى بۇنى «ئىشچى- خىزمەتچىلەر ياخشى بولسۇن، دەپ مۇشۇنداق قىلدۇق» دەيدۇ. بۇنداق گەپلەرگە ئەخمەق بولماڭ! بۇنى قەتئىي رەت قىلسىڭىز، توغرا قىلغان بولىسىز. 

   بەزى ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى مائاش شەكلىدە ئېلىۋېلىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى خالىسا تۆلەپ، خالىمىسا تۆلىمەسلىكنى ئويلايدۇ. ئۇلار «مۇشۇنداق قىلساق پايدا ئالغان بولىمىز» دەپ قارايدۇ. بۇنداق «ئۇستاتلىق»نى ھەرگىز قىلماڭ.

   ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشنىڭ ئورنىغا نەق پۇل بەرسە بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە بولمايدۇ! «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى يىغىش ۋاقىتلىق نىزامى»نىڭ 12- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ھەق تاپشۇرغۇچى ئورۇن ۋە ھەق تاپشۇرغۇچى شەخسلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى پۇل شەكلىدە تولۇق تاپشۇرۇشى كېرەك. ھەق تاپشۇرغۇچى شەخسلەر تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى تۇرۇشلۇق ئورۇن شۇ كىشىنىڭ مائاشىدىن ۋاكالىتەن تۇتۇپ قېلىپ تاپشۇرىدۇ.

   ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى توغرىسىدا ئۆز ئالدىغا پۈتۈشۈشىگە يول قويۇلمايدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن نەق پۇل تۆلەيدۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرماسلىق ياكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ئۆزى تاپشۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ.

   كۆپچىلىك چوقۇم كۆزۈڭلارنى يوغان ئېچىڭلار، باشقىلارنىڭ گېپىگە ئىشەنمەڭلار، ئازراق مەنپەئەت كۆزۈڭلارنى ئېتىۋالمىسۇن!

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى



مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش