ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما بېي) نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە ئاتلاپ يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش ۋاقتى ئەسلىدىكى 45 خىزمەت كۈنىدىن 15 خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلدى، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار يۆتكىلىپ كىرگەن جاي، يۆتكىلىپ چىققان جايدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ ئارىسىدا قاترىمايلا، ئۆز ئالدىغا توردا بېجىرسە ياكى يۆتكىلىپ كىرگەن جاي ۋە يۆتكىلىپ چىققان جايدىكى بېجىرگۈچى ئاپپارات كۆزنىكىگە بېرىپ يېقىن جايدا بېجىرسە بولىدۇ، خالىغان ۋاقىتتا توردا ئىلتىماس قىلسا ھەمدە بېجىرىش سۈرئىتىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.
45 كۈندىن 15 كۈنگە قىسقارتىلدى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە ئاتلاپ يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق قىسقارتىلغان ۋاقتى قەيەردىن كەلگەن؟ مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاساسلىقى رەسمىيەتلەر ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە ئاتلاپ يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش جەريانىدا چىقىرىپ بېرىلىدىغان «ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش ئىسپاتى» ۋە «ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش ئالاقىسى» ماتېرىيالىنىڭ تەلىپى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش ۋاقتى زور دەرىجىدە تېجەپ قېلىنغان، بېجىرگۈچى ئاپپاراتلار باشقا جايدىكى كۆزنەكلەرنىڭ قەغەز ماتېرىياللىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇش ۋاقتىنى تېجەپ قالغان.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار يۆتكىلىپ كىرگەن جاي، يۆتكىلىپ چىققان جايدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپكە قاترىمايلا، ئۆز ئالدىغا توردا بېجىرسە ياكى يۆتكىلىپ كىرگەن جاي ۋە يۆتكىلىپ چىققان جايدىكى بېجىرگۈچى ئاپپارات كۆزنىكىگە بېرىپ يېقىن جايدا بېجىرسە بولىدۇ، خالىغان ۋاقىتتا توردا ئىلتىماس قىلسا ھەمدە بېجىرىش سۈرئىتىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ توردا بېجىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشىنى ياكى تور سىرتىدا ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ۋاكالىتەن بېجىرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، پوچتىدىن ئەۋەتىش ھاجەتسىز.
سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ئەگەر ئۈرۈمچىدىن باشقا جايغا يۆتكەلمەكچى بولسا، ئىككى خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بېجىرسە بولىدۇ، بىرىنچى، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمىتى APP، شىنجاڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمىتى APP سى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق توردا ئۆلكە ئاتلاپ يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدۇ، ئىككىنچى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاش رايونى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شۆبە مەركىزىگە بېرىپ ئىلتىماس قىلىپ بېجىرسە بولىدۇ.
يۇقىرىقى ئىككى خىل ئۇسۇل ئارقىلىق يۆتكەش ئىلتىماسىنى سۇنغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر تۇتاش پىلانلاش رايونىدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرىش تارماقلىرى توردا يۆتكەش ئارقىلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش ھەققى تاپشۇرۇش ئاي سانى بىلەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەخسىي ئىسچوتىنى ماس قەدەمدە باشقا جايدىكى داۋالىنىش كاپالىتى بېجىرىش ئاپپاراتلىرىغا يوللاپ بېرىدۇ، قارشى تەرەپ قوبۇل قىلىشنى بېكىتكەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرىش ئاپپاراتلىرى سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئاي سانى ۋە ئىسچوتىنى ماس بىر تۇتاش پىلانلاش رايونىغا يۆتكەپ بېرىدۇ.
باشقا جايلاردىن سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۇزاق مۇددەت ياكى ۋاقىتلىق تۇرماقچى بولسا، سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايدا باشقا جايدا داۋالىنىشنى ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمەت سۇپىسى APP سى ياكى شىنجاڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمەت سۇپىسى APP سى ئارقىلىق بېجىرسە بولىدۇ، ئۆزى سۇغۇرتىغا قاتناشقان جاينى تاللاپ ھەم داۋالانغان جاينى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شۇ دەرىجىلىك» قىلىپ تاللىشى كېرەك، ئىلتىماس قىلىپ بېجىرىشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە داۋالىنىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ.
سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى سىرتقا چىققاندا جىددىي داۋالانسا، داۋالانغان جايدىكى داۋالاش ئاپپاراتىدا راسچوت قىلغاندىكى جىددىي داۋالاش بەلگىسىنى ئەۋەتىپ، باشقا جايدا داۋالىنىشنى بىۋاسىتە راسچوت قىلالايدۇ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى باشقا جايدا داۋالىنىشنى ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرمىسىمۇ بولىدۇ. باشقا جايدا ئۇزاق مۇددەت ئولتۇراقلاشقان كىشىلەر ئۇزاق مۇددەت باشقا جايدا داۋالىنىشنى ئەنگە ئالدۇرغاندىن كېيىن، ئەنگە ئالدۇرغان جاي ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى راسچوت قىلىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش