دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

سۇ ئىچسىلا كۆپ سىيىش بۆرەكنىڭ ياخشى ياكى ياخشى ئەمەسلىكىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ ئاخبارات تورى ۋاقتى:2023-05-23 17:40:59

ئادەتتىكى ئەھۋالدا، بەدەننىڭ سۈيدۈك چىقىرىش مىقدارى قېتىم سانى ۋە ھەر كۈنلۈك سۇ ئىچىش مىقدارى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، «دۆلىتىمىز غىزالىنىش كۆرسەتمىسى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ھەر كۈنلۈك ئەڭ ياخشى سۇ ئىچىش مىقدارىنى 1500-2000 مىللىلىتىر ئەتراپىدا ساقلاش كېرەك.

02.png

سۇنى مۇۋاپىق تۈردە كۆپ ئىچكەندە، بۆرەكتە ھاسىل بولغان سۈيدۈك مىقدارىمۇ كۆپىيىدۇ، ئوخشاشلا سۇنى ئاز ئىچكەندە، بۆرەكتە ھاسىل بولغان سۈيدۈك مىقدارىمۇ مۇناسىپ ھالدا ئازىيىدۇ.

ئەجىبا كۆپچىلىك كۈندىلىك تۇرمۇشتا مۇنداق بىر ھادىسىنى بايقىغانمىدۇ؟ يەنى ئوخشاش بەدەن ساپاسى، ئوخشاش ياشتىكى كىشىلەر سۇنى كۆپ ئىچكەندە، بەزىلەر سۇ ئىچسىلا كىچىك تەرەت قىلىدۇ، يەنە بەزىلەر سۇنى كۆپ ئىچسىمۇ ھاجەتخانىغا كىرىش مەسىلىسى كۆرۈلمەيدۇ، بۇ زادى قانداق ئىش؟ سۇ ئىچسىلا كۆپ سىيىش بۆرەكنىڭ ياخشى ياكى ياخشى ئەمەسلىكىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟

05.png

ئىچكەن سۇ قانچىلىك ۋاقىتتا ئاندىن سۈيدۈككە ئايلىنىدۇ؟ سۇدىن سۈيدۈككە ئايلانغۇچە نۇرغۇن ئەزالارنى باشتىن كەچۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ھەر بىر ئادەمنىڭ بۇ جەرياننى تاماملاش ۋاقتىدىمۇ بەلگىلىك پەرق بولىدۇ، بۇ بەدەن تېمپېراتۇرىسى، ھەرىكەت مىقدارى، دوۋساقنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە سۇ كەمچىل بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئالاقىدار ئىستاتىستىكىلىق تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئادەتتىكى سۇنىڭ سۈيدۈككە ئايلىنىشى ئۈچۈن تەخمىنەن 30~45 مىنۇت ۋاقىت كېتىدىكەن، لېكىن ئەڭ قىسقا بولغاندا پەقەت 6~8 مىنۇت بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 120 مىنۇت بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

بىز ئىچكەن سۇ نەگە كەتتى؟

1-قەدەم: ئاشقازان

بىز ھەممىمىز ئىچكەن سۇ ئېغىز بوشلۇقى، يۇتقۇنچاق، قىزىلئۆڭگەچ ئارقىلىق ئاشقازانغا كىرىدۇ، سۇ ئاشقازانغا كىرىشتىن بۇرۇن بىر قاتار ھەزىم قىلىش ئورۇنلىرىدىن ئۆتىدۇ، لېكىن ئۇلار تەرىپىدىن سۈمۈرۈلمەيدۇ.

2-قەدەم: ئىنچىكە ئۈچەي، چوڭ ئۈچەي

ئاشقازانغا كىرگەن سۇنىڭ ئاز بىر قىسمى ئاشقازاندىن ئىنچىكە ئۈچەيگە كىرىدۇ، ئىنچىكە ئۈچەيدىكى تولۇق سۈمۈرۈلمىگەن سۇ يېمەكلىك قالدۇقلىرى بىلەن بىللە چوڭ ئۈچەيگە كىرىدۇ، بۇ سۇنىڭ بىر قىسمى چوڭ ئۈچەينىڭ ئىچكى دىۋارىدىكى شىللىق پەردە ھۈجەيرىلىرى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلىدۇ.

3-قەدەم: قان

ھەزىم قىلىش يولىغا كىرگەن سۇ قان ئايلىنىشقا ئەگىشىپ بەدەندىكى ھۈجەيرىلەرگە كىرىدۇ، ئۇنىڭدىكى قان ئايلىنىش ئارقىلىق سۈمۈرۈلمەيدىغان كۆپ مىقداردىكى سۇ بۆرەكتىن سىرغىپ چىقىپ، ئاندىن توقۇلما سۇيۇقلۇقىغا كىرىپ، لىمفا ئايلىنىشى ئارقىلىق يەنە قان ئايلىنىشىمىزغا كىرىدۇ.

4-قەدەم: ئۆپكە

قان ئايلىنىش ئارقىلىق ئۆپكىمىزگە كىرىدۇ، ئۆپكىدىكى سۇ ھەممىمىزنىڭ نەپەسلىنىشى ئارقىلىق ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ.

5-قەدەم: ھۈجەيرە

ھۈجەيرىگە كىرگەن سۇنىڭ بىر قىسمى ھۈجەيرىدە ساقلاپ قېلىنىدۇ، يەنە بىر قىسمى سۈيدۈك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدۇ.

6-قەدەم: تېرە

تېرىمىزنىڭ سىرتقى يۈزىدە نۇرغۇن تەر بەزلىرى بولىدۇ، بۇ تەر بەزلىرىنىڭ سانى نەچچە مىليونغا يېتىدۇ، سۇ ئاۋۋال تېرە ئاستى توقۇلمىلىرىدىكى قان تومۇرلار ئارقىلىق، ئاندىن چوڭ-كىچىك تەر بېزى ئۆتكۈزگۈچ نەيچىلىرى ئارقىلىق تۈك خالتىسىغا كىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا تېرىدىن چىقىپ كېتىدۇ.

گەرچە پۈتكۈل جەريانغا ئۇزۇن ۋاقىت كەتمىسىمۇ، لېكىن سۇ بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن، بىر مىنۇتتا چوڭ مېڭە ۋە قان تومۇرلارغا يېتىپ بارالايدۇ، 10 مىنۇتتا تېرىگە يېتىپ بارالايدۇ، 20 مىنۇتتا جىگەر، يۈرەك ۋە بۆرەك قاتارلىق ئەزالارغا يېتىپ بارالايدۇ.

01.png

سۇ ئىچسىلا سۈيدۈك كۆپىيىپ كېتىدۇ، بۇ بۆرەكنىڭ ياخشى ياكى ياخشى ئەمەسلىكىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟

بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئاددىي، كۆپچىلىكنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا، ھەر بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ئوخشاش بولمايدۇ، بەزى كىشىلەر سۇ ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بەزى كىشىلەر بىر كۈندە پەقەت ئازراقلا سۇ ئىچىدۇ، لېكىن ئۇلار ھاجەتخانىغا ئانچە كۆپ چىقمايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ھەر بىر ئادەمنىڭ بەدەن ساپاسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

نورمال ئەھۋالدا، بىر قۇرامىغا يەتكەن ئادەمنىڭ ھەر كۈنلۈك سۇ ئىچىش مىقدارى تەخمىنەن 2000 مىللىلىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ، گاز چىقىرىش مىقدارى بولسا 1000~2000 مىللىلىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.

سۇ ئىچكەندىن كېيىن، سىيىش قېتىم سانىمۇ باشقا تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، بەدەن سۇ قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، سۇ سۈيدۈككە ئايلىنىدۇ، ئېشىپ قالغان سۇ دوۋساقتا ساقلىنىدۇ، لېكىن ھەر بىر ئادەمنىڭ دوۋساق سىغىمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

03.png

بەزى كىشىلەرنىڭ سۇ ئىچىش سۈرئىتى ناھايىتى تېز، دوۋساقنىڭ زاپاس مىقدارى بىر قەدەر كىچىك بولغاچقا، كىشىلەر سۇ ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ھاجەتخانىغا كۆپ چىقىدۇ.

بەزى كىشىلەرنىڭ سۇ ئىچىش سۈرئىتى بىرقەدەر ئاستا بولغاچقا، دوۋساقنىڭ زاپاس مىقدارى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ، شۇڭا سۇ ئىچكەندىن كېيىن ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت سۈيدۈك ھاسىل بولىدۇ، ھاجەتخانىغا كۆپ بارمايدۇ.

ياللۇغنىڭ غىدىقلىشى

دوۋساقتا ياللۇغلىنىش بولغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بەدەندىكى سۈيدۈك سىيىش مەركىزىي نېرۋىسىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ھاياجانلىنىش ھالىتىدە تۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇمۇ كىشىلەردە پات-پات سىيىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

دوۋساق بىر قەدەر كىچىك

دوۋساق بەدەندىكى سۈيدۈك ساقلايدىغان ئەزا بولۇپ، خالتىلىق قۇرۇلما، سىلىق مۇسكۇلدىن تەركىب تاپقان، داس بوشلۇقىمىزغا جايلاشقان.

دوۋساق بىلەن سۈيدۈك يولى تۇتاشقان جايدا شۆلگەينىڭ يىغىلىپ قېلىشى سۈيدۈكنىڭ چىقىرىلىشىنى تىزگىنلەيدۇ، ھەر بىر ئادەمنىڭ دوۋسىقىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمايدۇ، بەزى كىشىلەرنىڭ دوۋسىقى تۇغما كىچىك بولغاچقا، ساقلانغان سۈيدۈك مىقدارىمۇ بىر قەدەر ئاز بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار سۇ ئىچىپ بولۇپلا ھاجەتخانىغا كىرمەكچى بولىدۇ.

04.png

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش