دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ​«شەرقىي - شىمالىي ئاسىيا − ئوتتۇرا - غەربىي ئاسىيا» ئاۋىياتسىيە چوڭ يولى بەرپا قىلىنىدۇ بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز يېڭىدىن 3000دىن ئارتۇق ھاۋالىلىك بېقىش ئورنى كۆپەيتىشنى پىلانلىدى جايلاردا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى يەر شارى بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان لىتىي بايلىقىنى قېزىش، تاللاش، تاۋلاش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن تۈر خوتەندە قوزغىتىلدى ​سودىگەر چاقىرىش قوشۇنى سىرتقا ئەۋەتىلدى، تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەكلىپ قىلىندى 16 تۈردە 33 مىليارد 553 مىليون يۈەنلىك كېلىشىم ئىمزالاندى ۋىلايەت 2023 ـ يىللىق ئىش تېپىپ بېرىپ ياردەم بېرىش بويىچە 116 مىليون يۈەن تۈر مەبلىغى ياردىمىگە ئېرىشتى ​ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ياخشىلىنىپ، سۇ ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ ​ ۋىلايىتىمىزدە ساختا يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىغا زەربە بېرىش بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلدى ۋىلايەتلىك «كۈمۈش ياشلىق»لار پارتىيە قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى قۇرۇلدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام بىلەن نورۇ ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش كۆپ يۈزبېرىدىغان پەسىلگە كىردى! بۇلاردىن قانداق مۇداپىئەلىنىش كېرەك؟
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئانار بۇلۇتۋاقتى:2023-03-02 16:34:04

 قىشتىن ئەتىيازغا ئۆتىدىغان پەسىلدە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى بىرقەدەر تۆۋەن، ھاۋا قۇرغاق بولىدۇ، شۇنداقلا، بۇ، نورۇ ۋىرۇسى ۋە A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىقلار كۆپ يۈزبېرىدىغان پەسىل ھېسابلىنىدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىشقا ئوخشاش، A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام، نورۇ ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشمۇ زۇكام، قىزىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋە نورۇ ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى قايسىلار؟ قانداق تارقىلىدۇ؟ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟ 

  A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋە نورۇ ۋىرۇسى دېگەن نېمە؟

  A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام: A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكامنىڭ تولۇق ئاتىلىشى A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكىمى بولۇپ، جىددىي نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى، كېسەللىك قوزغاتقۇچىسى بىر خىل يېڭى تىپتىكى A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىدۇر. 

  نورۇ ۋىرۇسى: نورۇ ۋىرۇسى بولسا بىر گۇرۇپپا رومكىسىمان ۋىرۇس ئائىلىسى بولۇپ، ئاساسلىقى جىددىي يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئادەتتە كېسەللىك قوزغىلىش يۇقىرى پەللىسى ھەر يىلى 10- ئايدىن كېيىنكى يىلى 3- ئايغىچە بولىدۇ، يۇقۇملىنىش ئوبيېكتى ئاساسلىقى چوڭلار ۋە ئوقۇش يېشىدىكى بالىلاردۇر.

  يۇقۇملانغاندىن كېيىن قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟

  A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملانغاندا باش ئاغرىش، قىزىش، يۆتىلىش، كېكىردەك ئاغرىش، بەدەن ئاغرىش، مۇزلاش، چارچاش، مۇسكۇل تېلىپ ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

  نورۇ ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندا كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، قىزىش، قورساق ئاغرىش ۋە ئىچى سۈرۈش  قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئادەتتە يۇقۇملىنىپ 24 سائەتتىن 48 سائەتكىچە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. بالىلاردا قۇسۇش ئاساس قىلىنىدۇ، چوڭلاردا ئىچى سۈرۈش كۆپ بولىدۇ.

  قانداق تارقىلىدۇ؟

  A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام 

  نەپەس يولى ئارقىلىق تارقىلىشتا، ۋىرۇس تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى، شۆلگەي، ئاجرالما ماددا قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ساغلام كىشىلەر توپىغا تارقىلىدۇ.

  ۋاسىتىلىك ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىشتا، ۋىرۇس يەنە بۇلغانغان كىيىم- كېچەك، قاچا- قۇچا، يۈز- كۆزىنى يۇيۇش بۇيۇملىرى قاتارلىق نەرسىلەر ئارقىلىق ھەزىم قىلىش يولى ياكى بىرىكتۈرگۈچى پەردە يولى ئارقىلىق يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  ئەسكەرتىش: A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكامغا گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار ئاساسلىق يۇقۇم مەنبەسى بولۇپ، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارمۇ يۇقتۇرۇشچانلىققا ئىگە. نۆۋەتتە تېخى ھايۋانلاردىن ئىنسانلارغا يۇقىدىغانلىقىغا دائىر ئىسپات يوق.

  نورۇ ۋىرۇسى 

  چوڭ تەرەت قىلغاندا ياكى قۇسۇقتىن پەيدا بولغان ئائېروزوللۇق ۋاسىتىلىك ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تەرەت تەرىپىدىن بۇلغانغان مۇھىتتا تارقىلىدۇ، ۋىرۇس يەنە بۇلغانغان يېمەكلىك ۋە سۇ ئارقىلىقمۇ تارقىلىدۇ.

  يۇقۇملانغاندىن كېيىن قانداق داۋالاش كېرەك؟

  A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكامدا ئادەتتىكى كىشىلەر قىزىتما قايتۇرۇش، يۆتەل توختىتىش قاتارلىق دورىلارنى كېسەلگە قاراپ ئىشلەتسە بولىدۇ. ئېغىر كېسەل خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپى ياكى كېسەللىك ئەھۋالى بىرقەدەر ئېغىر بولغاندا، ۋاقتىدا نېۋرامىنىك كىسلاتا ئېنزىملىق چەكلەش دورىلىرى (神经氨酸酶抑制剂) (مەسىلەن، ئاۋستاۋېي قاتارلىقلار) بىلەن ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بېرىش، ئەگەر باكتېرىيە ياكى مىكوپلازمىدىن يۇقۇملىنىش قوشۇلسا، ئانتىبىئوتىك بىلەن داۋالاش كېرەك.

   نۆۋەتتە، نورۇ ۋىرۇسىغا قارىتا ئالاھىدە كېسەلگە قارشى دورا ۋە ۋاكسىنا يوق، ئادەتتىكى كىشىلەر كېسەلگە قاراپ ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش قاتارلىق دورىلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ.

  مۇھىتنى قانداق دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك؟

  A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملانغاندا، تەركىبىدە خىلور بار بولغان دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى بىلەن نەرسە- كېرەكلەرنى سۈرتۈش، چىلاش كېرەك.

نورۇ ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندا، تەركىبىدە خىلور بار بولغان دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى بىلەن نەرسە- كېرەكلەرنى سۈرتۈش، چىلاش كېرەك، بىمارنىڭ قۇسۇقى ۋە چوڭ تەرىتىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، شەخسىي مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

ئەسكەرتىش: ئىسپىرتنىڭ نورۇ ۋىرۇسىغا كار قىلمايدۇ.

A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋە نورۇ ۋىرۇسىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

ئۆي ئىچى مۇھىت تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، ئۆي ئىچى ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش. 

ياخشى بولغان قول تازىلىقىنى ساقلاش.

ياخشى بولغان تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، يېمەكلىك ئوزۇقلۇقىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش.

مەكتەپ ۋە يەسلىدە گۇمانىي كېسەل بالىلارنى بايقىغان ھامان، دەرھال ئائىلە باشلىقلىرىغا بالىنى دوختۇرغا كۆرسىتىشنى ئۇقتۇرۇپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىن ئائىلىدە بالىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگىچە ئايرىش.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرىغا بېرىپ، A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەپ، يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش