دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش سىزگە «راھەت» بىلىنگەن بۇ ئادەتلەر سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزنى كاردىن چىقىرىۋاتىدۇ (2) شىنجاڭ: ئەدلىيەلىك باھالاش پىكىرنامىسىگە بىر تۇتاش كود بېرىلىدۇ 5 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پاتېنت مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈشنى قانات يايدۇردى بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭىدىن كۆپەيگەن كېمەيتىلگەن باج، تۆۋەنلىتىلگەن ھەق ھەم قايتۇرۇلغان باج، كېچىكتۈرۈلگەن باج، كېچىكتۈرۈلگەن ھەق 76 مىليارد يۈەندىن ئاشتى ئاپتونوم رايونىمىز 500گە يېقىن كەسپىيلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىنى يېتىشتۈردى شىنجاڭدىكى يەتتە جاي تۇنجى تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە تەبىئىي بايلىقلاردىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىشتا ئۈلگە كۆرسىتىدىغان ناھىيە (شەھەر)بولۇپ باھالاندى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2023 - يىللىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىدىكى 689 پارچە تەكلىپنىڭ ھەممىسى بېجىرىشكە تاپشۇرۇلدى ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتى، سىياسىي كېڭەش خىزمىتى كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىلىرى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 2022 ـ يىللىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

قانداق قىلغاندا ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:ئانار بۇلۇتۋاقتى:2023-02-11 19:14:16

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خاربىن شەھەرلىك 1-مەخسۇس كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى پىسخىكا سەھىيە مەركىزىنىڭ مۇدىرى، ئۇيقۇ مېدىتسىناسى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى شۈ جيا ئۇيقۇ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تەدبىر كۆرسەتتى.

  قانداق قىلغاندا ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟

  شۈ جيا ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەر كۈنى ئاز دېگەندە يەتتە سائەت سۈپەتلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويدى:

  1. بالىنى ھەر كۈنى ئوخشاش ۋاقىتتا ئۇخلىتىش، ئەڭ ياخشىسى سائەت 21 دىن 23 كىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇخلىتىش، ئەتىگەن سائەت 7 دىن بۇرۇن ئورنىدىن تۇرغۇزۇش كېرەك.

  2. ئەگەر شارائىت يار بەرسە 30 مىنۇت ئەتراپىدا چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋاقتى بولۇشى كېرەك.

  3. ئەڭ ياخشىسى بىر ئېغىز ئايرىم ياتاق ئۆيى بولۇش لازىم، ئۆگىنىش قىلىدىغان ئۆي بىلەن ياتاقنى ئورتاق ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. ياتاق ئۆينىڭ مۇھىتى بىخەتەر، ئازادە، قاراڭغۇ بولۇشى، زىيادە مۇرەككەپ بېزەكلەردىن ساقلىنىشى كېرەك.

  4. ياتاق ئۆيدە بىر قېلىن دېرىزە پەردىسى بولۇشى، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ۋە كېچىدە كۈچلۈك كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

  5. بالىلار ئۇخلاشتىن بۇرۇن ياخشى كەيپىياتنى ساقلىشى، زىيادە ھاياجانلىنىش، زىيادە كۆپ تاماق يېيىش ياكى قاتتىق ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

  6. بارلىق ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى بالىلارنىڭ ياتاق ئۆيىنىڭ سىرتىغا قويۇش ھەمدە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشىگە چەك قويۇش، ئۇخلاش بىلەن مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەرنى كارىۋاتقا ئېلىپ چىقماسلىق كېرەك.

  7. قۇرامىغا يەتمىگەنلەر تەركىبىدە قەھۋە ياكى ئىسپىرت بار ئىچىملىكلەرنى ئىچىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

  مۇتەخەسسىسلەر تېز ئۇخلاشقا ئەپچىل چارە كۆرسەتتى

  شۈ جيا مۇنداق دېدى: دەرستىن چۈشكەندە دائىم ھەرىكەت قىلىش، دەرس ۋاقتىدا مۈگدەپ قالماسلىق كېرەك. ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاش ياكى ئۇخلاشقا ياردەم بېرىدىغان مۇزىكا ئاڭلاشقا بولىدۇ، نەپەسنى بوشاشتۇرۇش ئۇسۇلىنىڭمۇ پايدىسى بار. ئەگەر روھىي بېسىم بولسا، چوقۇم دەرد تۆكۈشنى ئۆگىنىۋېلىشى، باش قېتىنچىلىقىنى كارىۋاتقا ئېلىپ چىقماسلىقى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش