1. ئوزۇقلۇقنى تەكشى قوبۇل قىلىش، تاماق تاللاشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش
نۇرغۇن يېمەكلىكنىڭ تەركىبىدە ھۈجەيرىنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۆزگىرىش مەنبەلىك ماددىلار بولىدۇ. لېكىن بۇنىڭ ئەكسىچە، يەنە نۇرغۇن يېمەكلىك، مەسىلەن، ۋىتامىن C مىقدارى كۆپ بولغان سەۋزە قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلغۇچى ماددىنى تىزگىنلەيدىغان تەركىبلەر بولىدۇ. شۇڭا، كۈندىلىك غىزالىنىشتا ھەر خىل يېمەكلىكلەرنى قانداق قىلىپ مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشنى ئويلىشىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا بەدەننىڭ ئومۇميۈزلۈك تەڭپۇڭ ئوزۇقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە ئوخشاش بولمىغان يېمەكلىكلەر ئارىسىدىكى بىر- بىرىنى چەكلەش ۋە زەھەر قايتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ، بۇ، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.
2. مەلۇم بىر خىل يېمەكلىكنى ئۇزاق مۇددەت يېيىشتىن ساقلىنىش
بولۇپمۇ، خەتەرلىك يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، سارچى تەركىبىدە ئاز مىقداردا راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار بار، مۇۋاپىق دىققەت قىلىش، ئۇزاق مۇددەت يېمەسلىك كېرەك.
3. بەك تويغىچە يېيىشتىن ساقلىنىش
راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ماس كېلىپلا قالماي، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇ يەنە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئاچقۇچى.
4. ھاراقنى كۆپ ئىچىشتىن ساقلىنىش
راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھاراق ئىچىش مىقدارىنى ئىمكانقەدەر تىزگىنلەش، ئەڭ ياخشىسى ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك.
5. تاماكا چېكىشنى ئازايتىش
راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىمكانقەدەر تاماكا چېكىشنى تىزگىنلەش، ئەڭ ياخشىسى تاماكا تاشلاش كېرەك.
6. تەركىبىدە ۋىتامىن A، ۋىتامىن C، ۋىتامىن E ۋە تالا ماددىسى كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق قوبۇل قىلىش
تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمىدىكى كۆپلىگەن تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋىتامىن Aنىڭ ئالاھىدە بەلگىلەنگەن قوبۇل قىلىنىش مىقدارى ئۆپكە، كېكىردەك، دوۋساق، قىزىلئۆڭگەچ، ئاشقازان، بوغماق ئۈچەي، مەزى بېزى قاتارلىق ئەزالاردا راك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى تىزگىنلەيدىكەن.
ۋىتامىن C نىتروزامىندەك راك پەيدا قىلغۇچى ماددىنىڭ بەدەندە شەكىللىنىشىنى تىزگىنلەيدىكەن.
ۋىتامىن E كۈچلۈك ئوكسىدسىزلاش رولىغا ئىگە، ئادەتتە راك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشىمۇ بىر خىل ئوكسىدلىنىش ھادىسىسى بولۇپ، ۋىتامىن E بۇنداق ئوكسىدلىنىش ھادىسىسىنى تىزگىنلەيدىكەن.
تالا ماددىسى مىقدارى كۆپ يېمەكلىكلەر ئارقا پېشاپنى راۋانلاشتۇرۇشقا پايدىلىق، ئۇزاق مەزگىل قەۋزىيەت بولسا چوڭ ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا تالا ماددىسى مىقدارى كۆپ يېمەكلىكلەرنىڭمۇ راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.
7. قوبۇل قىلغان يېمەكلىك بەك تۇزلۇق، زىيادە قىزىق بولماسلىق
بەك تۇزلۇق، زىيادە قىزىق يېمەكلىكلەرنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا، راك كېسىلىنى قوزغاشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە بولىدۇ.
8. كۆيۈپ كەتكەن يېمەكلىكلەرنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش
ئوتقا قاقلاپ كۆيۈپ كەتكەن يېمەكلىكلەرنىڭ راك پەيدا قىلىش مەسىلىسىگە زىيادە سەزگۈر بولۇپ كەتمەسلىك كېرەك. كۆيۈپ كەتكەن بېلىق، گۆش، كىراخمال، شېكەر قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە ھەقىقەتەن راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار بار، لېكىن ئادەم بەدىنىدىمۇ مۇناسىپ زەھەر قايتۇرۇش ماددىلىرى بار. بىر چەكنى ئويلىشىش كېرەك، كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، مۇۋاپىق بولسا بولىدۇ.
9. كۆكىرىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش
كۆكىرىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش جىگەر راكىنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
10. ئاپتاپقا زىيادە قاقلىنىشتىن ساقلىنىش
قۇياش نۇرىدا ئۇلترا بىنەپشە نۇر بولۇپ، تەبىئىي مۇھىتتىكى ئەڭ كۈچلۈك توساتتىن ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ماددىلارنىڭ بىرى. ئۇزاق ۋاقىت ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ چۈشۈشىنى قوبۇل قىلغاندا، ھۈجەيرە ئىرسىيەت گېنىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، ھۈجەيرىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپى بار. شۇڭا، مەخسۇس ئۇزاق ۋاقىت ئاپتاپقا قاقلىنىشتەك نامۇۋاپىق ئۇسۇللاردىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك.
11. زىيادە چارچاشتىن ساقلىنىش
بۇمۇ بارلىق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە. ئۇزاق مۇددەت زىيادە چارچاش ئىممۇنىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ، راك كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەب بولۇپ قالىدۇ.
12. بەدەننى پاكىز تۇتۇش
قىسمەن ئورۇننىڭ پاكىزلىقىغا دىققەت قىلماسلىق بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى.
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى