ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش ساۋاتلىرى
مەلۇم بىر تورداش دوختۇردىن مەسلىھەت سوراپ مۇنداق دېگەن: «مەن بۇ يىل 36 ياشقا كىردىم، خىزمەت تۈپەيلىدىن، ئادەتتە خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە دائىم سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىمەن، ھەر قېتىم مېھماندارچىلىقتا ھاراق ئىچىمەن. دەسلەپتە بەدىنىم كۆتۈرەلەيتتى، لېكىن بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بارغانسېرى ئاجىزلاپ كېتىۋاتىمەن، ھاراق ئىچكەندىن كېيىن قورسىقىم بىئارام بولۇپ، ئىچىم سۈرۈپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى، مەن بىرەر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندىمەنمۇ؟»
ئۇزاق مۇددەت ھاراق ئىچىش سالامەتلىككە زىيانلىق، بۇ نۇقتىنى كۆپ سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق، بۇ كۆپچىلىك چوقۇم بىلىدىغان نۇقتا. ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ھەمىشە ئىچى سۈرۈش قانداق ئەھۋال؟ بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى كۆپ، كونكرېت تەھلىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، كونكرېت قىلىپ تۆۋەندە ئورتاقلىشىپ باقايلى!
ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئىچى سۈرۈش قانداق ئىش؟
ھاراقنى كۆپ ئىچىش
دائىم ھاراق ئىچىش سالامەتلىككە زىيانلىق، بولۇپمۇ ئاشقازان-ئۈچەيگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئەگەر زىيان دەرىجىسى بىر قەدەر ئېغىر بولسا، ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى پەيدا بولۇشى مۇمكىن، ئىچ سۈرۈش ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرىنىڭ تىپىك ئىپادىسى.
ھاراقتىن كېيىن چاي ئىچىش
نۇرغۇن كىشىلەر ھاراق ئىچكەندىن كېيىن چاي ئىچسە مەستلىكنى يېشىدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، ئىسپىرتتىكى ئېتىل ئالكوھول جىگەردە ئايلانغاندىن كېيىن ئاتسېتىك كىسلاتاغا ئايلىنىدۇ، كېيىن چاي بىلەن ئارىلاشتۇرۇلسا ئاسانلا ناچار تەسىر پەيدا قىلىپ ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يېمەك-ئىچمەكنى ماسلاشتۇرۇش مۇۋاپىق بولماسلىق
ھاراق ئىچكەندە، تەبىئىي ھالدا دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، كاۋاپ، ئىسلانغان يېمەكلىكلەر قاتارلىقلار كەم بولسا بولمايدۇ، ئىسپىرت ئەسلىدىنلا سوغۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرگە تەۋە بولۇپ، بىر-بىرىگە ماسلاشتۇرۇلسا ئىچى سۈرۈشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ بۇ يېمەكلىكلەردە بەزىدە تازىلىق مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپ، پاكىز بولمىغان نەرسىلەرنى يېسە ئاسانلا ئىچى سۈرۈپ قالىدۇ.
ئاشقازىنى ياخشى ئەمەس
ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بىر قەدەر قالايمىقان، نۇرغۇن كىشىلەردە ئازدۇر-كۆپتۇر ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش مەسىلىسى كۆرۈلىدۇ، ئىسپىرت بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن ئاشقازان-ئۈچەي يولىدىن ئۆتۈپ، ئەسلىدىنلا ئاجىز بولغان ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنى غىدىقلاپ، ئۈچەينى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ ئاشقازان بىئارام بولۇپ، ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ، ئۈچەي ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش، ئىچى سۈرۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
جىگەرنى ماي قاپلاش
ھاراق ئىچكەندىن كېيىن دائىم ئىچى سۈرۈپ قالسا، جىگەرنى ماي قاپلاشتىن ھوشيار بولۇش كېرەك، ھەممىمىزگە مەلۇمكى ئىسپىرت ئاساسلىقى جىگەردە ماددا ئالماشتۇرىدۇ، شۇڭا ئۇزاق مۇددەت كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچكەندە جىگەرنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
جىگەرنى ماي قاپلاش پەيدا بولۇپ، ئۆت تۇزىنىڭ بىرىكىشى ئازىيىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشى نورمالسىزلىشىدۇ، بۇ ۋاقىتتا كىشىلەر ھاراق ئىچكەندە ياكى ماي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى يېگەندە ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك قوبۇل قىلالماي ئاسانلا ياخشى بولمىغان قورساق كۆپۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ شۇنداقلا ئىچى سۈرۈش كېلىپ چىقىدۇ.
بوغماق ئۈچەي ياللۇغى
ئۇزاق مۇددەت ھاراق ئىچكەندە، ئۈچەي يولى شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، قان تولۇش، سۇلۇق ئىششىق قاتارلىق ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى، يەنى بوغماق ئۈچەي ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يەنە ھاراق ئىچسە مەسىلەن، پىۋىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، كۆپ مىقداردا ئىچكەندە ئاسانلا ياللۇغنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى كىشىلەر مەلۇم خىل پىۋىغا نىسبەتەن زىيادە سېزىمچانلىققا ئىگە بولۇپ، زىيادە سېزىمچانلىق ئۈچەي ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، زىيادە سېزىمچانلىق پىۋىنىڭ كۆكىرىپ قېلىشىدىن پەيدا بولغان زەمبۇرۇغ بولۇشى مۇمكىن، يەنە ئىچ سۈرۈش ئەھۋالىمۇ كۆرۈلىدۇ.
شۇڭا، ھاراق ئىچكەندىن كېيىن دائىم ئىچى سۈرۈپ قالىدىغانلىقىنى بايقىغاندا يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى ئويلىشىش كېرەك، سەۋەبىنى ۋاقتىدا ئېنىقلاپ ئاندىن ۋاقتىدا قاراتمىلىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، زىيىنىنى ئازايتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئىچى سۈرۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇ ئۈچ خىل ئۇسۇلنى سىناپ بېقىش كېرەك
بىز ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئىچى سۈرۈشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندىن كېيىن تەبىئىي ھالدا ئالدىنى ئېلىشنىمۇ ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك، بولمىسا بىئارام بولىدىغىنى يەنىلا ئۆزىمىز، كونكرېت ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
يېمەكلىكلەرنى ماسلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك
ھاراق ئىچكەندە ئامال بار سوغۇق، غىدىقلىغۇچى، سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچمەسلىك، بەلكى ئىسسىق يېمەكلىكلەرنى ئالدىن تاللاش، ئۈچەي يولىنىڭ ئىسپىرت ۋە يېمەكلىكنىڭ قوش غىدىقلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
ئىسپىرتنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كونترول قىلىش
بۇ ئەڭ بىۋاسىتە ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇل، ھاراق ئىچىشتىن كېلىپ چىققان ھەر خىل ئىنكاسلار ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا ئەگەر سىز ھاراق ئىچمىسىڭىز، تەبىئىي ھالدا بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرمەيدۇ، ئەگەر راستتىنلا ئىچمەكچى بولسىڭىز، چوقۇم ئاز ئىچىڭ!
بىرلەمچى كېسەللىكلەرنى ۋاقتىدا داۋالاش
ئەگەر كېسەللىك ئامىلىدىن كېلىپ چىققان ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئىچ سۈرۈش، مەسىلەن، جىگەرنى ماي قاپلاش، بوغماق ئۈچەي ياللۇغى بولسا دەسلەپكى كېسەللىكلەرنى ۋاقتىدا داۋالاش كېرەك، بۇ كېسەللىكلەر ساقايغاندىن كېيىن تۈپ مەسىلە ھەل بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
ئەگەر يۇقىرىقى ئۈچ نۇقتىنى ياخشى قىلالىسىڭىز، ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئىچى سۈرۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىڭىزغا ياردىمى بولىدۇ، ئەڭ ئاددىيسى كۆپچىلىك ئېسىڭلاردا بولسۇن، ئەڭ ياخشىسى ئىسپىرتتىن يىراق تۇرۇڭلار، ئەگەر قىلالمىساڭلارمۇ ئامال بار ھاراقنى ئاز ئىچىڭلار، ئاندىن ئىچكەندە بەزى ئۇسۇللارغا دىققەت قىلىش كېرەك، مەسىلەن، يېمەكلىكنى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىقلار، ئىسپىرتنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنىنى ئازايتىدۇ.
ھاراق ئىچكەندىن كېيىن بۇ 4 ئىشنى قىلىشقا ئالدىرىماڭ، ئۇ بەدىنىڭىزگە زىيانلىق.
1. ھاراق ئىچكەندىن كېيىن قەھۋە، قېنىق چاي ئىچمەسلىك كېرەك
بولمىسا ئاسانلا ئىچى سۈرۈپلا قالماي، يەنە باشقا مەسىلىلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، چۈنكى ئىسپىرت ئادەم بەدىنىدىكى قان ئايلىنىشقا كىرگەندىن كېيىن ئاشقازان، يۈرەك، بۆرەك، جىگەر قاتارلىق ئەزالار بىلەن ئۇچرىشىدۇ.
بۇ چاغدا قەھۋە، قېنىق چاي ئىچسە، ئۇنىڭدىكى بەزى تەركىبلەر نېرۋىنى تېز غىدىقلاپ، قان تومۇرلارنىڭ ھالىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، يۈرەك مۇسكۇلى، قان تومۇرلارغا زىيان يەتكۈزۈپ، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر، بۆرەك كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.
2. ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ياندۇرماسلىق كېرەك
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياندۇرۇش ئادىتى بار، بۇنداق قىلغاندا ئۇلار ئاسان مەست بولۇپ قالمايمىز دەپ قارايدۇ، لېكىن بۇ خىل ئۇسۇل ناھايىتى خەتەرلىك، چۈنكى بىز كېكىردەككە قولنى تىققاندا قورساق قىسمىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، ئاشقازاندىكى يېمەكلىكلەرنى تەتۈر ئېقىتىپ، ئاشقازان ئاستى بېزى نەيچىسى ۋە ئۆت نەيچىسىنىڭ ئىچىگە كىرگەندە ئاشقازان ئاستى بېزى نەيچىسى يات ماددىلار سەۋەبلىك توسۇلۇپ قېلىپ، ئېغىر بولغاندا ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ بۇنداق قىلماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
3. ھاراق ئىچكەندىن كېيىن دورا يېمەسلىك كېرەك
دورا بىلەن ھاراقنىڭ مۇناسىۋىتى «ئىناق» ئەمەس، مەيلى دورا يېگەندىن كېيىن ھاراق ئىچىش بولسۇن ياكى ھاراق ئىچكەندىن كېيىن دورا ئىچىش بولسۇن، ھەممىسى ئىنتايىن خەتەرلىك.
ھاراق ئىچكەندىن كېيىن دورا يېگەندە دورىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىسپىرت يەنە كۆپ خىل دورىلار بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيە پەيدا قىلىپ، «زەھەرلىك» رېئاكسىيە پەيدا بولۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭا كۆپچىلىك چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك.
4. ھاراق ئىچكەندىن كېيىن دەرھال يۇيۇنماسلىق كېرەك
مەيلى سوغاق سۇدا يۇيۇنۇش بولسۇن ياكى ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇش بولسۇن ھەممىسى بولمايدۇ، مەسىلەن، ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇش ئاسانلا بەدەندىكى ئىسسىقلىقنىڭ يىغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مەستلىكنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، يامان سۈپەتلىك قۇسۇش، ھەتتا ھوشىدىن كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ سوغۇق سۇدا يۇيۇنغاندا ئاسانلا سوغۇق سۇنىڭ غىدىقلىشى بىلەن قان تومۇرلار تارىيىپ، ھەتتا يېرىلىپ، تاساددىپىيلىق كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئەڭ ياخشىسى بىردەم ئارام ئېلىۋېلىپ ئاندىن يۇيۇنۇش كېرەك.
ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئىچى سۈرۈش ئەھۋالى ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ، بولۇپمۇ ياز پەسلىدە پىۋىغا كاۋاپ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ماسلاشتۇرغاندا بەك ئاشۇرىۋەتمەسلىك كېرەك، بۇ ئىچى سۈرۈش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش