ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش ساۋاتلىرى
گال قىچىشىش، يۆتىلىش بىزدە دائىم كۆرۈلىدىغان بىر قىسىم مەسىلىلەر، زۇكام، يۇتقۇنچاق ياللۇغى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۆتىلىش داۋالاش تەس بولغان بىر خىل كېسەللىك، بىر يۆتەل باشلانسا، تەخمىنەن بىر-ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ساقىيىدۇ، دورىنى كۆپ ئىستىمال قىلسىمۇ پايدىسى يوق، گال قىچىشىشتىمۇ گالدا مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن، ئۇنداقتا بۇ ئالامەتلەر زادى قانداق نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىققان؟ بۈگۈن بىز كۆپچىلىككە جاۋاب بېرىپ باقايلى.
گال قىچىشىش ۋە يۆتىلىشنى نۇرغۇن ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر قۇرغاق پەسىل بولسا، يولدا ماڭغاندا چاڭ-توزان كۆپ بولغانلىقتىن،نەپەس يولى ئارقىلىق گالغا كىرىپ، گالنى بىئارام قىلىدۇ، بۇ ئامىلدىن باشقا، يەنە تاماكا چېكىش، خىمىيەلىك گاز ۋە بەزى ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرىدىنمۇ بۇ ئەھۋاللار پەيدا بولىدۇ، تۆۋەندە بىز يۇتقۇنچاق قىچىشىش، يۆتىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلەرنى تەپسىلىي چۈشىنىپ باقايلى.
1. سوزۇلما يۇتقۇنچاق ياللۇغى
يۇتقۇنچاق قىچىشىش ۋە يۆتىلىش ئاستا خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغىدا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى بولۇپ، ئاستا خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغى ئاساسلىقى قايتا-قايتا يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان يۇتقۇنچاق كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولۇپ، ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى يۇتقۇنچاق قىسمىدىكى شىللىق پەردە ياللۇغىدۇر. بۇ خىل كېسەللىك ئادەتتە قۇرامىغا يەتكەنلەردە كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كېسەللىك ئۇزاق مۇددەت داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈنۈمى بولۇشى ناتايىن. ئاستا خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغى بىمارلىرى بەزى ئېغىر پۇراقلارنى پۇرىغاندا كۆڭلى ئېلىشىدۇ، نۇرغۇن يېمەكلىكلەر كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بۇ يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك، ئادەتتە دوختۇرنىڭ تەكلىپىگە ئەمەل قىلىپ، ۋاقتىدا دورا ئىچىش كېرەك، ئەگەر ھاۋا بىر قەدەر ناچار بولسا، ئەڭ ياخشىسى ماسكا تاقاش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا كېسەللىك ئەھۋالىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق.
2. ھاۋا رايى سەۋەبى
گال قىچىشىش ۋە يۆتەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھاۋا رايى ناھايىتى زور بىر قىسىم ئامىللارنى ئىگىلەيدۇ، بولۇپمۇ دائىم تۇمان، چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىغان رايونلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، بۇنداق ھاۋارايىدا سىرتتا ماڭسا چاڭ-توزان، باكتېرىيە، ۋىرۇس قاتارلىق نەرسىلەر ئاسانلا سۈمۈرۈلۈپ كېتىدۇ، بۇ نەرسىلەر نەپەس يولىغا كىرگەندىن كېيىن نەپەس يولىدا كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا قىلىپ، نورمال نەپەسلىنىشكە، كېكىردەككە تەسىر يەتكۈزۈپ، قۇرۇق قىچىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ چاڭ-توزانلارمۇ ئاستا-ئاستا بەلغەمگە ئايلىنىپ، يۆتەل ۋە نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا تۇرۇۋاتقان شەھەرنىڭ ھاۋاسى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، ئەڭ ياخشىسى ھەر ۋاقىت بىر قەدەر قېلىن ماسكا تاقاش كېرەك، بۇنداق بولغاندا چاڭ-توزاننىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
3. كەسىپ ئامىلى
نۇرغۇن نەپەس يولى كېسەللىكلىرى ئەمەلىيەتتە كەسىپ ئامىلى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ، بەزى خىزمەتلەردە ھەر كۈنى كۆپ مىقداردا چاڭ-توزان پەيدا بولىدۇ، مەسىلەن، نۇرغۇن خىمىيە سانائىتى زاۋۇتلىرىدا چاڭ-توزان كۆپ بولىدۇ، خىمىيىلىك گازلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، بۇ گازلارنىڭ كۆپىنچىسى زىيانلىق بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن، نەپەس يولىنى بويلاپ ئۆپكە ۋە باشقا ئەزالارغا كىرىپ، كېكىردەكنى بىئارام قىلىدۇ ۋە يۆتەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئۆپكە راكى ۋە يۇتقۇنچاق راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ جايلاردا خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەر چوقۇم ئەڭ ياخشىسى گاز چىقىرىپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، ئادەتتە ماسكىنى ئېلىۋەتمەسلىك كېرەك، ماسكىنى قانچە قېلىن تاقىسا شۇنچە ياخشى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش