دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش ساۋاتلىرى

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا قانداق داۋالاش كېرەك؟
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ ئاخبارات تورىۋاقتى:2023-06-01 11:34:46

باش ئېگىش ۋاقتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئورتاق كېسىلىگە ئايلاندى. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە بەك ئەھمىيەت بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى ئۇ پەقەت مۈرە ۋە بويۇن ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ خىل قاراش پۈتۈنلەي خاتا.

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ زىيىنى ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن چوڭ، پەقەت كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كۆرۈلگەن زىيىنى قارىماققا بىر قەدەر كىچىك بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئەگەر نېرۋىنى بېسىۋالسا، ئاسانلا باش قېيىش، باش ئاغرىش، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش، ئاڭ توسالغۇسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

شۇڭا بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، بۈگۈن كۆپچىلىككە بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ بەش خىل ئۆز-ئۆزىنى داۋالاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز.

05.png

1. ياستۇق

ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئادەمنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى دېگۈدەك ئۇخلاش بىلەن ئۆتىدۇ، بۇ جەرياندا ياستۇقنى توغرا تاللاش-تاللىماسلىق ئىنتايىن مۇھىم.

بولۇپمۇ بويۇن ئومۇرتقىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ياستۇق ئۇخلاش جەريانىدا بويۇن ئومۇرتقىسىغا نىسبەتەن ئىنتايىن ھالقىلىق تىرەش رولىنى ئوينايدۇ، ئەگەر ياستۇق بەك ئېگىز ياكى بەك تۆۋەن بولسا، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. قۇرامىغا يەتكەنلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ياستۇقنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئېگىزلىكى 8~15 سانتىمېتىر ئارىلىقىدا بولۇشى كېرەك.

06.png

2. ئۇخلاش ھالىتى

ياستۇقتىن باشقا، ئۇخلىغاندا ئىشلىتىدىغان قىياپەتمۇ ئىنتايىن مۇھىم. بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كېچىدە ئۇخلىغاندا ئەڭ ياخشىسى ئوڭدىسىغا يېتىش ياكى يانچە يېتىش ھالىتىنى ئىشلىتىش كېرەك.

ھەرگىزمۇ ئۇزۇن ۋاقىت دۈم يېتىش ھالىتىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك، بۇ ھالەت بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ، ئويغانغاندىن كېيىن مۈرە ۋە بويۇن قىسمىنىڭ ئاغرىقى تېخىمۇ روشەن بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، مەيلى ئوڭدىسىغا ياتقاندا بولسۇن ياكى يانچە ياتقاندا بولسۇن، كېچىچە بىر خىل ھالەتتە ياتماسلىققا دىققەت قىلىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئاسانلا مۇسكۇللارنىڭ چارچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، پۈتۈن بەدەن سىرقىراپ ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ ئوڭدىسىغا يېتىش بىلەن يانچە يېتىشنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، بۇنداق ئۇخلاش ئادىتى ئەڭ ساغلام.

07.png

3. ئىسسىق ئۆتكۈزۈش

ئىسسىق ئۆتكۈزۈش بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ ھارغىنلىقىنى پەسەيتىشتە ئىنتايىن ئۈنۈملۈك، بولۇپمۇ ئۇزۇن ۋاقىت بېشىنى تۆۋەن سېلىشقا ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە نىسبەتەن، كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن بويۇنغا 15 مىنۇت ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق قاننى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، سۇيۇقلۇقنىڭ ئايلىنىشى مۇسكۇللارنىڭ ھارغىنلىقىنى پەسەيتىش، مۈرە ۋە بويۇننىڭ قېتىشىشى ۋە ھارغىنلىقىنى پەسەيتىش ئۈنۈمىگە يېتىدۇ.

لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئىسسىق ئۆتكۈزگەندە ئىشلىتىدىغان ئىسسىق لۆڭگىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، بولمىسا تېرىنى كۆيدۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن.

08.png

4. بويۇن ئومۇرتقىسىنى چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىش

بويۇن ئومۇرتقىسى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بويۇن ئومۇرتقىسى قىسمىنىڭ چېنىقىشىنى كۈچەيتىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. كۆپچىلىك بويۇنغا قارشى تۇرۇش مەشىقىنى كۆپرەك ئىشلىشى، يەنى ئىككى قولىنى گىرەلەشتۈرۈپ بويۇننىڭ ئارقا تەرىپىگە قويۇپ، ئاندىن بېشىنى كەينىگە، ئالىقىنىنى ئالدىغا قارىتىپ كۈچەپ مەشىق قىلىشى مۇمكىن.

ھەر قېتىمدا 3~5 مىنۇتقىچە قىلسا بولىدۇ، بۇ بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئەگرىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ناھايىتى ياخشى ياردەم بېرىپ، ئۇزۇن ۋاقىت مىدىرلىماسلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان بويۇن ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.

09.png

5. ئۇزۇن ۋاقىت بېشىنى تۆۋەن قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك

خىزمەت جەريانىدا ئۇزۇن ۋاقىت مىدىرلىماسلىق ھالىتىنى ساقلاشقا توغرا كېلىدىغان، بولۇپمۇ باشنى تۆۋەن قىلىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى بۇ خىل كىشىلەر توپى ئارىسىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كەسپىي كېسەل بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.

بويۇن ئومۇرتقىسى مەسىلىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ زىيادە چارچاپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك، ئۇزاق مۇددەت بىر خىل ھالەتتە تۇرۇش بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ ساغلاملىقىغا ئىنتايىن پايدىسىز.

شۇڭا كۆپچىلىك چوقۇم ئامال بار بېشىنى تۆۋەن سېلىپ يانفون ئوينايدىغان ۋاقىتنى ئازايتىش، ئۇزۇن ۋاقىت بېشىنى تۆۋەن سېلىپ يانفون ئوينىماسلىق كېرەك. خىزمەت جەريانىدا ئۇزۇن مۇددەت باش ئېگىش ھالىتىنى ساقلاشقا مەجبۇر بولغان دوستلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر بىر مەزگىلدە باش ۋە بويۇن قىسمىنى مۇۋاپىق ھەرىكەتلەندۈرۈش كېرەك، خىزمەت ئارىلىقىدا ئارام ئالغاندا بويۇن قىسمىنى كۆپرەك چېنىقتۇرۇشقا بولىدۇ.

10.png

يۇقىرىقىلار بويۇن ئومۇرتقىسى بىئاراملىقىنى پەسەيتىشنىڭ ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇش. بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردىن باشقا، بويۇن ئومۇرتقىسى ساغلام بولغان دوستلارمۇ كۈندىلىك تۇرمۇشتا بۇ ئۇسۇللار ئارقىلىق بويۇن ئومۇرتقىسىنى ئاسراشنى كۈچەيتسە بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ ساغلام ياكى ساغلام ئەمەسلىكىگە قارىتا، نۇرغۇن كىشىلەر قانداق ھۆكۈم قىلىشنى بىلمەسلىكى مۇمكىن، دائىم مۈرە ۋە بويۇن قىسمىدا روشەن ئاغرىق سېزىمى پەيدا بولغاندىلا ئاندىن ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، دەپ قارايدۇ.

بۇ خىل قاراش توغرا ئەمەس، ئەگەر بېشىڭىزنى كۆتۈرگەندە ياكى بېشىڭىزنى ئايلاندۇرغاندا دائىم بىئاراملىق ھېس قىلسىڭىز، بۇ بويۇن ئومۇرتقىسىدا مەسىلە بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، ۋاقتىدا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىڭىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش