دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش ساۋاتلىرى

زەھىرى ئىنتايىن كۈچلۈك! بۇنداق ئالايېشىل كىچىك قەغەز پارچىسىنى كۆرسىڭىز، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ!
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئانار بۇلۇتۋاقتى:2023-05-26 13:07:23

يېقىندا، تاموژنا خادىملىرى خىزمەت جەريانىدا چېگرا سىرتىدىن كىرگۈزۈلگەن پوچتا يوللانمىسىنىڭ ماشىنىدا تەكشۈرۈلگەن تەسۋىرىنىڭ گۇمانلىقلىقىنى بايقىغان، يەشىكنى ئېچىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق پوچتا يوللانمىسىنىڭ ئىچىدە ۋاكۇئۇملۇق ھىملانغان خالتىغا سېلىنغان ئىككى قەغەز كارتا بارلىقى بايقالغان.

  ئەۋرىشكە ئېلىپ باھالاش ئارقىلىق، ئىككى قەغەز كارتىغا يېڭى تىپتىكى زەھەر LSDدىن جەمئىي 100ى يوشۇرۇلغانلىقى بېكىتىلگەن.

  LSD (ئېرگودىك كىسلاتا دى ئېتىل ئامىد) ئادەتتە «پوچتا ماركىسى» دەپ ئاتىلىدۇ، بىر خىل كۈچلۈك بولغان يېرىم سۈنئىي خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلغۇچى دورا بولۇپ، دۆلىتىمىزدە ئاللىقاچان روھىي كېسەل دورىلىرىنى باشقۇرۇش مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن بىرىنچى تۈردىكى روھىي كېسەل دورىسى.

  زەھەر نىقابلىنىشقا ماھىر، ھەرگىز ئالدىنىپ قالماڭ.

  تۇرمۇشىمىزدا ياشلار، ئۆسمۈرلەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئالايېشىل چاپلىما قەغەز، چىرايلىق ئورالغان كەمپۈتلەرنى كۆرسە ئاسانلا ھوشيارلىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ، ئەگەر يامان ئادەملەر ئۇلارنى ئازدۇرسا، تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشى مۇمكىن.

  زەھەردىن ساقلىنىش ماھارەتلىرى

  1، زەھەرنىڭ تۈرى ۋە زىيىنىنى بىلىش، بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى زەھەرنىڭ نىقابىنى ئېنىق بىلىش، بۇ ئارقىلىق زەھەرنى تېز پەرقلەندۈرۈش، زەھەرنى رەت قىلىش كېرەك.

  2، ياشلار، ئۆسمۈرلەر كېچىلىك بەزمىخانا قاتارلىق ئادەملەر مۇرەككەپ بولغان، ۋاراڭ- چۇرۇڭ بولىدىغان كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا ئاز بېرىشى كېرەك، بۇ جايلاردا زەھەر پەيدا بولۇش خەۋپى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، سەللا دىققەت قىلمىسا ئاسانلا زەھەرنىڭ زىيىنىغا ئۇچرايدۇ.

  3، دوست تۇتۇشتا ئېھتىياتچان بولۇش، ناچار ئادىتى بار دوستلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك. يېنىڭىزدىكى دوستىڭىز سىزگە زەھەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان يېڭى نەرسىلەرنى تونۇشتۇرغاندا، چوقۇم باھانە تېپىپ رەت قىلىڭ.

  4، قارىغۇلارچە قىزىقىش ۋە تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولماسلىق كېرەك، زەھەر چېكىش قايتماس يول، زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغان ھامان، بىر ئۆمۈر شۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان گەپ.

  5، ئاكتىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھىي ھالەتنى ساقلاش، تۇرمۇشنىڭ جاپا- مۇشەققىتى ياكى ئىرادىسىنىڭ چۈشكۈنلۈكى سەۋەبىدىن زەھەر بىلەن ئۆزىنى ناركوز قىلماسلىق، مەسىلە بولسا ئەتراپىدىكى دوستلىرى ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىغا كۆپرەك دەردىنى تۆكۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش