دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش ساۋاتلىرى

كۆكتوقاي 3 - نومۇرلۇق كان ئازگىلى نېمە ئۈچۈن «تەبىئىي گېئولوگىيە مۇزېيى» دەپ ئاتالغان
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-10-14 11:19:22

كۆكتوقاي شىنجاڭ جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي شىمالىي گىرۋىكىگە، ئالتاي تاغ تىزمىسىنىڭ شەرقىي ئۇچىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئېرتىش دەرياسىنىڭ مەنبە بېشىدىكى بىر كىچىك بازار. كىچىك بازاردا كۆكتوقاي 3 - نومۇرلۇق كان ئازگىلى دەپ ئاتىلىدىغان بىر جاي بار.

كۆكتوقاي 3 - نومۇرلۇق كان ئازگىلىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 200 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 250 مېتىر، كەڭلىكى 240 مېتىر بولۇپ، يان تامدىكى ئايلانما تاغ يولى بۇرمىسىمان شەكىلدە. دۆلىتىمىزدە مەلۇم بولغان 170 خىلدىن ئارتۇق مىنېرالدىن بۇ يەردە 80 خىلدىن ئارتۇقى بار، ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللار كان زاپىسىنىڭ %90تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بېرىللىي بايلىقى مىقدارى جۇڭگو بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرىدۇ. ھەر خىل مىنېراللار ئىنتايىن تەرتىپلىك بۇرمىسىمان، بەلباغسىمان تارقالغان بولۇپ، تارقىلىش پاسىلى ئىنتايىن ئېنىق. ھازىر كان ئازگىلىنىڭ تۆت ئەتراپىدا يەنىلا نۇرغۇن قېزىلمىغان بايلىق بار. چارلاشقا ئاساسلانغاندا، 3 - نومۇرلۇق كان ئازگىلىدا ئېنىقلانغان بېرىللىي ئوكسىدىنىڭ زاپىسى 3 مىليون توننىغا يېتىدىغان بولۇپ، جۇڭگو زاپاس مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %70ىنى ئىگىلىگەن، يوشۇرۇن بازار قىممىتى 8 مىليارد يۈەنگە يېتىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 3 - نومۇرلۇق كان ئازگىلىنىڭ ئۈستى ئوچۇق كان قېزىش مەيدانىنىڭ سىرتى، ئاستى قىسمىدىكى بېرىللىي رۇدىسىنىڭ ساقلانغان زاپىسى 25 مىليون توننىدىن ئاشىدىكەن.

كۆكتوقاي 3 - نومۇرلۇق كان ئازگىلىدا مىنېرال تۈرى كۆپ، سۈپىتى يۇقىرى، زاپاس مىقدارى مول، قاتلاملىرى ئېنىق بولۇپ، دۆلەت ئىچىدە خاس، دۇنيادا ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ، دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق كانادا بېلنىك كۆلى كېنى بىلەن تەڭ تىلغا ئېلىنىدىغان بولۇپ، پۈتۈن يەرشارىدىكى گېئولوگىيە ساھەسىدىكىلەر ئېتىراپ قىلغان «تەبىئىي گېئولوگىيە مۇزېيى» ھېسابلىنىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا كۆكتوقاي 3 - نومۇرلۇق كان ئازگىلى يەنە جۇمھۇرىيەت ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان سىرلىق چوڭ ئازگال. 20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا، ئۇنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان كان مەھسۇلاتلىرى دۆلەتنىڭ زور سوممىلىق تاشقى قەرزىنى قايتۇرۇشقا ئىشلىتىلگەن. بۇ كان جۇڭگونىڭ «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىشى ھەم دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان بولۇپ، «قەھرىمان كان» «تۆھپىكار كان» دەپ تەرىپلەنگەن.

1970 - يىلى 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى سائەت 21 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان تۇنجى سۈنئىي ھەمراھ « دۇڭفاڭخۇڭ 1 - نومۇر» چاڭجېڭ 1 - نومۇرلۇق راكېتا ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو دۇنيادىكى سۈنئىي ھەمراھنى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىيالايدىغان ۋە قويۇپ بېرەلەيدىغان 5 - دۆلەت بولۇپ قالدى. دۇڭفاڭخۇڭ 1 - نومۇر سۈنئىي ھەمراھىغا كۆكتوقاي كېنى تەمىنلىگەن سېزىي ئىشلىتىلگەنىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، 3 - نومۇرلۇق كان ئازگىلى رايونى ( خارابىسى) كۆكتوقاي دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسىغا ئۆزگەرتىلىپ، دۆلەتنىڭ «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى تەتقىقات - ئۆگىنىش بازىسىغا ئايلاندى، كۆكتوقايدىن ئىبارەت بۇ كىچىك بازار شۇ سەۋەبتىن ھاياتىي كۈچكە تولدى. كۆكتوقاينىڭ «جاپا - مۇشەققەتكە چىداش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش، دۆلەت ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرۈش» روھى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدۇ، مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ.

(ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چۈەن جىخۇا رەتلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش