دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئوبزور

تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا پولاتتەك كۈرەش ئىزنالىرىنى قالدۇرايلى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-05-04 10:10:19

 شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

«1 ـ ماي» خەلقارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى ھارپىسىدا، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى، شىنجاڭدىكى بەش كوللېكتىپ مەملىكەتلىك 1 ـ ماي ئەمگەك تەقدىرنامىسىگە، 22 شەخس مەملىكەتلىك 1 ـ ماي ئەمگەك مېدالىغا، 27 كوللېكتىپ مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئاۋانگارتى دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى. بېرىلگەن ھەربىر شان ـ شەرەپ جاپالىق ئەمگەك، سەمىمىي ئەمگەك، ئىجادىي ئەمگەككە ئوقۇلغان مەدھىيە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ئەمگەكچىلەرنى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئەمگەكچان ئىككى قولى بىلەن ئىسسىق تەر ئاققۇزۇپ جان تىكىپ ئېلىشىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ كەلمەكتە.

ئەمگەك بەخت يارىتىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش جۇڭگو خەلقى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىكى مۇقەررەر يول دەپ كۆرسەتتى. ھەر ساھە، ھەر كەسىپ، ھەرقايسى سەپلەردىكى ئەمگەكچىلەر جان كۆيدۈرۈپ قىلغان ئەمگىكى بىلەن پولاتتەك كۈرەش ئىزنالىرىنى قالدۇرغاندا، ئۇلۇغ غايە قەدەممۇ قەدەم رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. تارىخ شۇنى قايتا ـ قايتا ئىسپاتلىدىكى، ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئامما باشتىن ـ ئاخىر دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان، جەمئىيەتنىڭ تىنچ ـ ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان تۈپ كۈچ. يېڭى دەۋر مۇساپىسىدە، مەيلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا بولسۇن ياكى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا بولسۇن، كەڭ ئەمگەكچىلەر قان ـ تەرى ۋە ئەقىل ـ پاراسىتىنى سەرپ قىلىپ، مىڭ يىللىق ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى. بولۇپمۇ شىنجاڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يېڭىش ئەڭ قىيىن بولغان قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتتى... تەستە قولغا كەلگەن نەتىجە ۋە تەرەققىياتتىكى ياخشى ۋەزىيەت تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدىكى كەڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ جاپالىق ئەمگىكى، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق قولغا كەلگەن، يېڭى ئۇلۇغ كۈرەش ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا تېخىمۇ موھتاج.

«تىرىشچان كىشى كىشىلەرنى ياخشىلىققا ئۈندىگۈچىدۇر.» ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ئىلغار خىزمەتچىلەر، مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئاۋانگارتلىرى − ئالىي شان ـ شەرەپكە ئېرىشكۈچىلەر ئەمگەكچى ئاممىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرى، ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلار، شۇنداقلا كەڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ ياخشى ئۆگىنىش ئۈلگىسىدۇر. «20 يىل ئاز ياشاشقا رازىمىزكى، جان تىكىپ بولسىمۇ چوڭ نېفىتلىكنى بويسۇندۇرىمىز» دېگەن «تۆمۈر ئادەم» ۋاڭ جىنشىدىن «قاراماي نېفىتلىكىدىكى تۆمۈر ئادەم» دەپ تەرىپلەنگەن قېيۇم مەتنىيازغىچە؛ «گولدباخ قىياسى»دا بۆسۈش قىلغان ماتېماتىكا ئالىمى چېن جىڭرۇندىن، قوش تىل مائارىپىغا نەچچە ئون يىل كۈچ قوشقان قۇربان نىيازغىچە... دەۋر ئۆزگەرمەكتە، ئىش تەقسىماتىمۇ ئوخشىمايدۇ، لېكىن ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقىنى ئۈلگىلەر ئاددىي خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر كۈنى ئاددىي ئەمگىكى ئارقىلىق قالتىس نەتىجىلەرنى ياراتماقتا. ئۇلار پۇختا قەدەم بىلەن كۈرەش قىلىش ئىزلىرى ئارقىلىق ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى ئىزاھلىدى، مىللەت روھى ۋە دەۋر روھىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرىكىتى ئارقىلىق نەمۇنىلىك تۈرتكە بولۇپ، روھى ئارقىلىق كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنى يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىلھاملاندۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ۋە ئىجاد قىلىش ئارقىلىق «جۇڭگو ئارزۇسى . ئەمگەك گۈزەل»نىڭ سەلتەنەتلىك سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتتى.

بۇ يىل پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلانغان يىل، «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان ئاچقۇچلۇق يىل، شۇنداقلا شىنجاڭ پۇرسەت ۋە خىرىسنى ئىگىلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۈزۈپ بەرگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى بويلاپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىش، ئاسىيا ـ ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى پائال بەرپا قىلىش يولىدا، ھەممە جاي ئەمگەكنى قىزغىن سۆيىدىغان، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىدىغان، ئەمگەك قىلىشقا ماھىر يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەرنى چاقىرماقتا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتلەر كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ غەم ـ ئەندىشە، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئەمگەكنى قەدىرلەيدىغان، ئەمگەكچىلەرنى ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى كەيپىياتنى يەنىمۇ شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئەمگەك قىزغىنلىقى ۋە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇشى كېرەك.

شان ـ شەرەپ ئەمگەكچىلەرگە مەنسۇپ، بەخت ئەمگەكچىلەرگە مەنسۇپ. بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ پايدىلىق پۇرسىتىنى تۇتۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، سەمىمىي ئەمگەك قىلىپ، تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ، ئەمگەك ۋە ئىجادىيەتكە تايىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش