دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > ئوبزور

شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا سۇچىلىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيلى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-04-27 10:40:50

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ 1 - قېتىملىق يىغىنىدا، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ 2023 - يىللىق سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىدىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، يىغىندا ئومۇميۈزلۈك ئويلىشىش، بىرتۇتاش پىلانلاپ تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملىنىپ، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچى جارى قىلدۇرۇلۇپ، سۇچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە بوغما ھالەت چەكلىمىسى ھەل قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى پۇختا سۇچىلىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەندى.

سۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ جان تومۇرى، ئۇل خاراكتېرلىك تەبىئىي بايلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىسادىي بايلىق. سۇچىلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئېكولوگىيە مۇقىملىقىنى ساقلاش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. بولۇپمۇ يېڭى تارىخىي شارائىتتا، سۇ بايلىقىنىڭ ئەڭ زور ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش، بولۇپمۇ دىققەتنى دۆلەتنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك 100 مىليارد جىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سۇچىلىق تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشقا تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تېخىمۇ جىددىي تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم، زور تېما. جەزمەن سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سۇچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسىنى سىياسىي، ئىستراتېگىيە، پۈتۈن ۋەزىيەت جەھەتتىن تونۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى رايون ئەھۋالى، سۇ ئەھۋالى، خەلق ئەھۋالىغا قويۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن سۇ بايلىقىنى تەقسىملەشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، سۇ بايلىقىدىن تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سۇ بايلىقىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىدىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

سىستېما قارىشى ئۇللۇق خاراكتېرگە ئىگە ئىدىيە ۋە خىزمەت ئۇسۇلى. بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىستېما قارىشى، ئومۇمىي تەپەككۇر ئارقىلىق سۇ تىزگىنلەش، سۇ باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ سۇچىلىق خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، شىنجاڭ سۇچىلىق تەرەققىياتىغا مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى قۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنى قۇردى، ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىككە كەلگەن سۇ بايلىقىنى تەڭشەش - باشقۇرۇش سىستېمىسى ئۈنۈملۈك بەرپا قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ بايلىقىنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەش، تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك پايدىلىنىش تۈزۈلمە - مېخانىزمى تېخى مۇكەممەل ئەمەس، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننى قاپلىغان سۇ تورى ئەندىزىسى تېخى شەكىللەنمىدى. جەزمەن سىستېما قارىشىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ «بىر تاختا شاھمات»، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك «بىر تاختا شاھمات» بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تارماقلارنىڭ ماسلىشىشى ۋە رايونلارنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش ۋە باشقۇرۇشنىڭ تۈجۈپىلىشىش، قېلىپلىشىش، قانۇنچىللىشىشقا قاراپ ئۆزگىرىشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك. سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ يۆتكەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سۇ تېجەشنى سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تۈپ چىقىش يولى قىلىش، سۇ ساقلاش قۇرۇلۇشىنى سۇ بايلىقىنى تەڭشەش - تىزگىنلەشنىڭ ئاساسى قىلىش، سۇ يۆتكەش قۇرۇلۇشىنى ئىستراتېگىيەلىك سۇ مەنبەسىنىڭ تولۇقلىمىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەر ئۈستى سۈيىدىن تولۇق پايدىلىنىش، سۇ ئامبىرى سۈيىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش، يەر ئاستى سۈيىنى مۇۋاپىق ئېچىش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ سۇ تورى ئاساسىي رامكىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش ئىقتىدارى ۋە ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر. تۈزۈلمە خاراكتېرلىك توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، مېخانىزم خاراكتېرلىك توسۇقلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، سۇچىلىقنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، پىكىر يولىنى ئېچىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى ئارقىلىق تەرەققىياتتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. سۇچىلىققا مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، بازار مېخانىزمىنىڭ سۇ بايلىقىنى تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش ۋاسىتىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇچىلىقتىكى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىكىدىكى پۈتۈن جەمئىيەت ماسلىشىپ سۇ تىزگىنلەيدىغان، سۇچىلىقنى گۈللەندۈرىدىغان بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. سۇچىلىق، سۇ بازىرى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان سۇ باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، سۇچىلىق تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قويۇپ بېرىش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاقىل سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن سۇچىلىق كادىرلىرى، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇش كېرەك. ئىسلاھاتتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، يېڭىلىق يارىتىشتىن ھاياتىي كۈچ قوبۇل قىلغاندىلا، شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشنىڭ يىرىك ئەندىزىدىن تۈجۈپىلىشىش، ئىلمىيلىشىشكە قاراپ ئۆزگىرىشىگە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى قانچە يۇقىرى بولسا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، سىستېمىلىق تۈزەش، ئىككى قولدا كۈچەشتىن ئىبارەت سۇ تىزگىنلەش پىكىر يولىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي ئەسقاتىدىغان ئەمەلىي تەدبىر ئارقىلىق سۇ بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشتا يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش