دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېزا ئىگىلىكى

بىر سائەتتە بىر توننىدىن كۆپرەكى تاللاندى! AI چىلاننى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىنچىكە تاللاش ماشىنىسىدا شىنجاڭ دېھقانلىرى تەننەرخنى تېجەپ پايدىنى ئاشۇردى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-12-06 16:33:05

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يەن شياۋتيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر خۇاڭ جېن) 12- ئاينىڭ 4- كۈنى، كۇنيۈ شەھىرى كۇنيۈەن بازىرى جياڭلى چىلانلىق تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئىنچىكە تاللاش سېخىدا، توننىلانغان چىلان يەتكۈزۈش بەلبېغى ئارقىلىق يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتقان چىلاننى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىنچىكە تاللاش ماشىنىسىغا يەتكۈزۈلدى.

 بۇ يىل كۇنيۈ شەھىرى كۇنيۈەن بازىرى جياڭلى چىلانلىق تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى يېڭىدىن AI چىلاننى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىنچىكە تاللاش ماشىنىسىدىن 12 يۈرۈشنى كىرگۈزدى، ھەر بىر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە تۆت ئۈسكۈنە بار بولۇپ، ھەر سائەتتە ئايرىش مىقدارى 1.3 توننىدىن 1.4 توننىغىچە بولىدۇ. ھازىر پۈتۈن زاۋۇت ئۆيىدە بەش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى بار، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچىگە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىنچىكە تاللاش ماشىنىسى سەپلەنگەن بولۇپ، ھەر كۈنى تولۇق يۈكتە يۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق 120 توننا چىلاننى تاللىغىلى بولىدۇ.

چىلان يەتكۈزۈش بەلبېغى ئارقىلىق يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتقان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىنچىكە تاللاش ماشىنىسىغا  ئارقا- ئارقىدىن يەتكۈزۈلمەكتە. خۇاڭ جېن فوتوسى

 AI چىلاننى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىنچىكە تاللاش ماشىنىسى ماتېرىيال يەتكۈزۈش سىستېمىسى، ماتېرىيال رەتلەش سىستېمىسى، يوللاش سىستېمىسى، كۆرۈش سېزىمى سىستېمىسى ۋە ماتېرىيال بىرىكتۈرۈش سىستېمىسىدىن ئىبارەت بەش بۆلەكتىن تەشكىل تاپقان. ئادەتتىكى فوتو ئېلېكتىرلىك تاللاشتىن پەرقلىنىدىكەن، بۇ ماشىنىغا AI ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆگىنىش يۇمشاق دېتالى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، 720 گىرادۇسلۇق سۈرەتكە تارتىپ تاللاش ئارقىلىق تاۋار چىلاننىڭ ئون دەرىجىسىدىن نۇقسىنى بار چىلاننىڭ يەتتە دەرىجىسىگىچە تاللايدىكەن. ئوخشاش بولمىغان خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، يەنە ئوخشاش بولمىغان نۇسخىغا ئاساسەن كۆرۈش سېزىمى ۋە يۇمشاق دېتال ئورنىنى بېكىتىدىكەن.

چىلاننى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاللاش ماشىنىسى 720 گىرادۇسلۇق سۈرەتكە تارتىش ئارقىلىق چىلاننى تاللىماقتا. خۇاڭ جېن فوتوسى

 AI چىلاننى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىنچىكە تاللاش ماشىنىسىنى ئىشلەپچىقارغان كارخانا، خۇبېي شىرۈي ئاپتوماتلاشقان يەتكۈزۈش ئۈسكۈنىلىرى پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ پېڭ مۇنداق دېدى: «ئۈسكۈنە ئارقىلىق تاللانغان چىلاننىڭ ئۇزۇن- قىسقىلىقى ۋە ئۆلچىمى ئادەم كۈچى بىلەن ئايرىش دەرىجىسىگە قارىغاندا تېخىمۇ توغرا، چوڭ- كىچىكلىكى تېخىمۇ تەكشى بولىدۇ، ھەر كىلوگىرامىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئايرىغاندا 0.3 يۈەندىن 0.5 يۈەنگىچە تەننەرخنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.»

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش