دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېزا ئىگىلىكى

شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لىنيى شەھىرى چوڭ سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى نازارەت قىلىشقا كۈچ قوشتى
دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش ياردەم پۇلىدا دوست-بۇرادەرلىرىگە ئېتىبار بېرىش تۈزىتىلدى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:خەلق تورىۋاقتى:2023-12-06 11:36:16

 خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 24-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى لىنيى شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئارىلاپ تەكشۈرۈشىگە قارىتا لەنلىڭ ناھىيەسى شىنشىڭ بازارلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئالاقىدار مەسىلە يىپ ئۇچىنى بېجىرىش ئەھۋالىغا جاۋاب بەرگەندە «كەنت كادىرلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يېزا-كەنت ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنى ياردەم پۇلىنى ئېلىشىغا چېتىلىدىغان ئىككى مەسىلە يىپ ئۇچى بىر تەرەپ قىلىنىپ بولدى، ئىككى كەنت كادىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلدى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ئالغان تولۇقلىمىنىڭ ھەممىسى قايتۇرۇپ كېلىندى» دېدى.

  يېزا-كەنتلەردىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يېزا-كەنت ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئىش ئورنى ياردەم پۇلى ئېلىش مەسىلىسىگە قارىتا، لىنيى شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەخسۇس تەكشۈرۈپ، بېجىرىشكە تاپشۇرغان مەسىلە يىپ ئۇچىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، لىنيى شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش مالىيە ياردەم پۇلى مەبلىغىنى «ھەممىباپ كارتا» ئارقىلىق تارقىتىش، باشقۇرۇش مەسىلىسىنى مەخسۇس نازارەت قىلىش خىزمىتى مەخسۇس بەنىدىكى خادىملار چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى نازارەت قىلىش، تۇتاشتۇرۇپ قوللىنىش سۇپىسى ئارقىلىق 44 يېزا-كەنت ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنى ياردەم پۇلى تارقىتىشتىكى بىنورمال سانلىق مەلۇماتنى بايقىغان، بۇنىڭغا چېتىشلىق سومما 115 مىڭ 700 يۈەنگە يەتكەن. تەتقىق قىلىش، ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى نورمالسىز سانلىق مەلۇماتلارنى ئالاقىدار ناھىيەلىك، رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىغا تاپشۇرۇپ بەردى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق 103 ئالاقىدار مەسئۇل خادىم بىر تەرەپ قىلىندى.

  بۇ لىنيى شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ شەھەر بويىچە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش مالىيە تولۇقلىمىسى مەبلىغىنى «ھەممىباپ كارتا» ئارقىلىق تارقىتىشنى باشقۇرۇش مەسىلىسىنى مەخسۇس نازارەت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. بۇ يىل 6-ئايدىن بۇيان لىنيى شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى «سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق ئىقتىدار ھازىرلاش، دەل جايىدا نازارەت قىلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس نازارەت قىلىش خىزمىتى مەخسۇس بەنى تەسىس قىلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش مالىيە تولۇقلىمىسى تارقىتىدىغان نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ كۆزلەپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ نازارەت قىلىش ۋاسىتىلىرىنى كېڭەيتىپ، مەسىلە يىپ ئۇچىنى ئىلغاپ تەكشۈرۈپ، يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش، ساختا مەلۇم قىلىپ كۆز بوياپ ئېلىۋېلىش، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە ئېتىبار بېرىش قاتارلىق ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىنچىكە تەكشۈردى.

  لىنيى شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «<ھەممىباپ كارتا> ئارقىلىق تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى تارقىتىش مالىيە، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، خەلق ئىشلىرى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق كۆپ تارماق، كۆپ ھالقىلارغا چېتىلىدۇ، بىز چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ نازارەتچىلىككە كۈچ قوشۇش رولىنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، خەلققە، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەر بىر مەبلەغنىڭ ھەقىقىي ئېھتىياجلىق ئاممىغا ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش