دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېزا ئىگىلىكى

شەندۇڭ لىنيى: باش قىش مەزگىلىدە پارنىكتىكى شوخلىدىن ھوسۇل ئېلىندى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-12-04 16:25:18

12- ئاينىڭ 1- كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى لىنيى ناھىيەسى لىننەن بازىرىدا دېھقان پارنىكتىكى پىشقان شوخلىلارنى يىغماقتا.

يېقىندا، شەندۇڭ ئۆلكىسى لىنيى ناھىيەسىدىكى پارنىك شوخلىلىرى پىشىپ يىغىۋېلىش مەزگىلىگە كىردى، شۇ جايدىكى پارنىك شوخلىسى تېرىغان دېھقانلار شوخلىلارنى ئۈزۈپ، قاچىلاپ- توشۇپ بازارغا سېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. لىنيى ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، پارنىكتا شوخلا ئۆستۈرۈش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى، نۆۋەتتە ناھىيە بويىچە پارنىكتا شوخلا ئۆستۈرۈش كۆلىمى 40 مىڭ مودىن ئېشىپ، پارنىكتا شوخلا ئۆستۈرۈش كەسپى شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىدىغان خاس كەسىپكە ئايلاندى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈ سۇخۇي فوتوسى، خەۋىرى

سۈرەتتە: شەندۇڭ ئۆلكىسى لىنيى ناھىيەسى لىننەن بازىرىدىكى شوخلا ئۆستۈرۈش پارنىكى (12- ئاينىڭ 1- كۈنى،  تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

12- ئاينىڭ 1- كۈنى،  شەندۇڭ ئۆلكىسى لىنيى ناھىيەسى لىننەن بازىرىدا دېھقان پارنىكتىكى شوخلىلارنى يىغماقتا.

12- ئاينىڭ 1- كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى لىنيى ناھىيەسى لىننەن بازىرىدا دېھقانلار يېڭىلا يىغىۋېلىنغان پارنىك شوخلىلىرىنى تاللاپ يەشىكلەرگە قاچىلىماقتا.

پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى


مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش