دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېزا ئىگىلىكى

شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۈزلۈك، قىشلىق كۆكتاتلاردىن مول ھوسۇل ئېلىندى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-11-24 13:00:39
كۇچا شەھىرىنىڭ ئۇچا بازىرى كۆكتاتچىلىق يېڭى كەنتىدىكى دېھقانلار ئۈرۈمچى بازىرىغا سېتىلماقچى بولغان ئوسۇڭنى توشۇپ قاچىلىماقتا.
   ▲ 11-ئاينىڭ 3-كۈنى، كۇچا شەھىرى ئۇچا بازىرى كۆكتاتچىلىق يېڭى كەنتىدىكى دېھقانلار ئوسۇڭ يۇلماقتا(تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇچا شەھىرى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، تەڭشەپ، كۆكتات سورتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ھوسۇللۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەلا سۈپەتلىك كۆكتات كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىنى كېڭەيتىپ، كۆكتات تېرىقچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەدرىجى ھالدا يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىغا ماڭدى.(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن توختى)  

   ▲ 11-ئاينىڭ 2-كۈنى، كېرىيە ناھىيەسى يېڭىباغ يېزىسىدىكى نېلۇپەر چىنىسى ئۆستۈرۈش بازىسىدا، قاتمۇقات نېلۇپەر يوپۇرمىقىنى يېرىپ بىر-بىرىدىن توق ئۆسكەن، نېلۇپەر غولللىرى كۆتۈرەلمەي قالغان نېلۇپەر چىنىلىرىنىڭ كۆزگە تاشلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسىز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭىباغ يېزىسى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، نېلۇپەر چىنىسى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خاس كەسىپلەر ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار ئىسراپىل، تيەن چېنپىڭ، خەيرۇلخان)

   ▲ 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، سانجى شەھىرى ئېرليۇگۇڭ بازىرى گۇاڭمىڭ كەنتىدىكى گىرافىت ئالكىن كۆكتات پارنىكىغا كىرگەندە، موگۇنىڭ خۇش پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى، قار لەيلىسى موگۇسى تۇپراقتىن ئۆسۈپ چىقىپ، پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەرگە ئوخشاش يۇمران ھەم تولغان بولۇپ، ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى. بۇ يىل، بۇ كەنت تۇنجى قېتىم سىناق قىلىپ تېرىغان قار لەيلىسى موگۇسىدىن مول ھوسۇل ئالدى، موگۇ ئۆستۈرىدىغان دېھقانلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۈزۈپ، بازارغا ئاپىرىپ ساتتى. (ئىختىيارىي مۇخبىر خې لۇڭ) 

   ▲ 11-ئاينىڭ 7-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى پارنىكتا شوخلا ئۈزمەكتە. ھازىر، باغراش ناھىيەسىنىڭ بۇمبۇت بازىرى جىگىسېن نۇر كەنتىدىكى پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن شوخلىلار پىشىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، كەنت ئاھالىلىرى ئۈزۈش، ئايرىش، خالتىغا قاچىلاش، بازارغا ئاپىرىپ سېتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ھازىرغا قەدەر، بۇ كەنت 332 پارنىك ياساپ، تۈرلۈك مېۋە-كۆكتاتلارنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇردى. ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ بېيلەن

   ▲ يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ساۋەن شەھىرى ليۇماۋۋەن بازىرى خۇاڭچۈ يېڭى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى پارتىيە ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرىنى تەشكىللەپ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېڭىزغا تېرىغان بەسەيلىرىنى تېزدىن يىغىۋېلىشىغا ياردەم بەردى. سۈرەتتە: 11-ئاينىڭ 4-كۈنى، پىدائىيلار كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ ئېڭىزغا تېرىغان بەسەيلەرنى توشۇشۇپ بەرمەكتە. (ئىختىيارىي مۇخبىر لەن لىڭ)

   ▲ 10-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ليۇشىخۇ يېزىسى شىڭخو كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى ئېتىزدا چامغۇر يىغماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

   ▲ 10-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق باغ-ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ غالىبىيەت يولى كوچا باشقارمىسى نەنلياڭ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى پارتىيە ئەزالىرى، پىدائىيلارنى تەشكىللەپ شىڭخو كەنتىگە كېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ لوبوۇ قاتارلىق زىرائەتلەرنى يىغىشىغا ۋە دېھقانلارنىڭ كۈزلۈك يىغىم ئىشلىرىغا ياردەم بەردى.  پىدائىيلار 10-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)نىڭ ليۇشىخۇ يېزىسى شىڭخو كەنتىدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ لوبۇ ئۈزۈشىگە ياردەملەشمەكتە. سۈن جېنسۇڭ فوتوسى 

   ▲ ھازىر، دەل خۇڭشۇ پىشىدىغان مەزگىل، يېقىندا قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئۇرچى يېزىسى ئاۋات كەنتىدىكى تېرىقچىلىق بازىسىغا بارغىنىمىزدا، ئېتىزلىقتىكى مول ھوسۇل مەنزىرىسى كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى. دېھقانلار يېڭىدىن يىغىۋېلىنغان خۇڭشۇلارنىڭ لايلىرىنى ئادالاش، ئايرىش، ئوراپ قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇرچى يېزىسى تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، دېھقانلارنى خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېرىشقا يېتەكلەپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتتى. (ئىختىيارىي مۇخبىر ھەبىبە ياسىن)

   ▲ 11-ئاينىڭ 16-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى كۇچا شەھىرى ئۈچئۆستەڭ يېزىسى دەرۋازا يار كەنتىدىكى سەۋزە تېرىش بازىسىدا سەۋزە يىغماقتا. بۇ كەنتتە بۇ يىل 70 مودىن ئارتۇق يەرگە سەۋزە تېرىلغان بولۇپ، مو بېشى مەھسۇلاتىنىڭ ئۈچ توننىغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە، ھەممىسى شەھەر رايونىدىكى مېھمانساراي، تاللا بازىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازارلىرىدا سېتىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈچۆستەڭ يېزىسى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ قوناق، سەۋزە، ياڭيۇ قاتارلىق كۆكتات كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.   ۋۇ لې فوتوسى

ئىشچىلار زەنجىۋىل يىغماقتا.

   ▲ ھازىر دەل زەنجىۋىلدىن ھوسۇل ئالىدىغان پەسىل. 11-ئاينىڭ 9-كۈنى، توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ ئاغارسىن بازىرى سار ئۆزەك كەنتىدىكى دېھقان سا يۈشىننىڭ پارنىكىدا، پارنىكنى بىر ئالغان زەنجىۋىل يوپۇرماقلىرى ياپيېشىل، غوللىرى توم بولۇپ، ئوبدان ئۆسكەنىدى. ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز كۇڭ چىڭپىڭ 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش