دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېزا ئىگىلىكى

كېرىيە: نىلۇپەر چىنىسىنى ئۈزۈش، نىلۇپەر ئۇرۇقىنى چىقىرىۋىلىش بېيىش يولىغا تۇتاشتۇردى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-11-23 14:46:04

    11-ئاينىڭ باشلىرىدا، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ يېڭىباغ يېزىسى ئاياغ لەمپە كەنتىدىكى 70 مودىن ئارتۇق نىلۇپەر چىنىسى ئۈزۈش پەسلىگە كىردى. كەنت ئاھالىلىرى نېلۇپەر چىنىسىنى ئۈزۈش، نېلۇپەر ئۇرۇقىنى چىقىرىۋېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بۇ يىل يېڭىباغ يېزىسى 110 مودىن ئارتۇق يەرگە نېلۇپەر ئۆستۈرۈپ، ھوسۇل قىممىتىنى 1 مىليون 330 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈش مۆلچەرلەندى. كەنت ئاھالىلىرى نېلۇپەر چىنىسىنى ئۈزۈۋالغاندىن كېيىن، بىر قىسىم يېڭى نېلۇپەر چىنىسىنى بازارغا ئاپىرىپ ساتىدۇ، ئېشىپ قالغىنىدىن كەنت ئاھالىلىرى نىلۇپەرنىڭ ئۇرۇقىنى چىقىرىۋېلىپ، ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇپ، شەندۇڭ قاتارلىق جايلارغا ساتىدۇ.(ئىختىيارىي مۇخبىر رىزۋانگۈل مەمەتجان، تۇرسۇنگۈل ساۋۇت)

نىلۇپەر چىنىسى ۋە نىلۇپەر ئۇرۇقى يېمەكلىك، گىرىم بۇيۇملىرى، تېببىي دورا  قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ.

كەنت ئاھالىلىرى ئەمدىلا ئۈزگەن نىلۇپەر چىنىسىنى كۆرسەتمەكتە.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش