ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېزا ئىگىلىكى
كەنت ئاھالىلىرى لازىدا تىزىلغان شەكىل ئالدىدا ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينىماقتا. (ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ فاڭجى)
ھازىر، ساۋەن شەھىرى يەنسىخەي بازىرىدا لازىدىن مول ھوسۇل ئالىدىغان پەسىل. 9-ئاينىڭ 22-كۈنى، يەنسىخەي بازىرى «مول ھوسۇلنى تەبرىكلەش پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېمسىدىكى 6-قېتىملىق جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، لازىنىڭ قىزىللىقىنى پائالىيەتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە نامايان قىلدى. بۇ يىل، يەنسىخەي بازىرىنىڭ ئىنچىكە لازا تېرىلغۇ كۆلىمى 40 مىڭ مو بولۇپ، شىنجاڭ بويىچە يېمەكلىك لازىسى تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ %60ىنى ئىگىلەيدۇ، يىلىغا 20 مىڭ توننىدىن ئارتۇق قۇرۇتۇلغان لازا ئىشلەپچىقىرىدۇ، ئۇنىڭ %80تىن كۆپرەكىنى شەنشى، خۇنەن قاتارلىق دۆلىتىمىز ئىچىدىكى لازا پىششىقلاش، يىغىش-تارقىتىش چوڭ ئۆلكىلىرىگە ساتىدۇ.
كەنت ئاھالىلىرى لازىدا تىزىلغان شەكىل ئالدىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە.
ساياھەتچىلەر دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدە تىزىلغان شەكىل ئالدىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە.
كەنت ئاھالىلىرى شوخ ئۇسسۇل ئوينىماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش