ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېزا ئىگىلىكى
9-ئاينىڭ 14-كۈنى، باغراش ناھىيەسىنىڭ ئۇلان جېكسېن يېزىسى ئۇلان جېكسېن كەنتىدىكى 530 مودىن ئارتۇق شاللىقتا، مەيىن شامالدا شالنىڭ خۇش ھىدى كېلىپ تۇراتتى، بېشىنى ئېگىپ تۇرغان شال باشاقلىرى قۇياش نۇرىدا كۆزنى چاقنىتاتتى. بۇ يىل باغراش ناھىيەسىنىڭ ئۇلان جېكسېن يېزىسى «ھەمكارلىق كوپىراتىپى + بازا + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسى بويىچە، تۈجۈپىلەپ تېرىقچىلىق قىلىپ، پۈتۈن يېزىنىڭ شال ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. شالدىن مۇقىم ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ يېزا يەنە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك شالدىن مول ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دۇگۇرجاپ، گۇڭ لىڭ
دېھقانچىلىق تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى دېھقانلارنىڭ شال پەرۋىش قىلىشتىكى مۇھىم نۇقتىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، شالدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ياخشى ئاساس سالدى.
شاللىقتا ئالتۇن رەڭ توق باشاقلار مەيىن شامالدا دولقۇنلىنىپ، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ تۇرماقتا.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش