ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېزا ئىگىلىكى
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، بىر كۈن كەسكىن رىقابەتلىشىش ئارقىلىق ۋىلايىتىمىزنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يېزا ئىگىلىكىدە ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشتا بەسلىشىش پائالىيىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى، مۇسابىقە ئارقىلىق ۋىلايىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي ساپاسى ۋە ئىقتىدار سەۋىيەسى سىنالدى، شۇنداقلا دېلو بېجىرىشكە جۈرئەت قىلالايدىغان، دېلو بېجىرەلەيدىغان، پولاتتەك پاكىتلىق دېلو بېجىرەلەيدىغان يېزا ئىگىلىكىدە ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش قوشۇنى بەرپا قىلىشنى ئەمەلىي تەجرىبە بىلەن تەمىنلدى.
بۇ قېتىمقى بەسلىشىش پائالىيىتىگە ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەردىن كەلگەن توققۇز ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ 36 ئەزاسى قاتناشتى، مۇسابىقىدە، نەق مەيداندا تەقلىدىي قانۇن ئىجرا قىلىپ دېلو بېجىرىش ۋە قانۇن بىلىملىرىگە تالىشىپ جاۋاب بېرىشتىن ئىبارەت ئىككى بۆلەك تەسىس قىلىندى، جەزمەن جاۋاب بېرىش سوئالى، تالىشىپ جاۋاب بېرىش سوئالى، خېيىم ـ خەتەر سوئالى قاتارلىق ھالقىلاردا كەسكىن ئېلىشىش ئارقىلىق، ئاخىرىدا 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن بىرى، ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن ئىككىسى، 3 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن ئۈچى باھالاپ چىقىلدى.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، ماھىرلار ئالدىن پۇختا تەييارلىق قىلدى، ئۇلار مال ساتقۇچىنىڭ رولىنى ئېلىش شەكلى ئارقىلىق ماھارەت سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈردى. توقسۇ ناھىيەسىدىن مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىر تاڭ مى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ سوئاللىرى قانۇن ئىجرا قىلىش تەرتىپى، يېزا ئىگىلىك قانۇنىنى ئىجرا قىلىش، چارۋىچىلىق قانۇنىنى ئىجرا قىلىش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى قانۇنىنى ئىجرا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ، بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتىمىزگە نىسبەتەن ئىنتايىن كۈچلۈك يېتەكچىلىك ئەھمىيىتىگە ئىگە.
ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكىدە ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تارماق ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جياڭپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى بەسلىشىش پائالىيىتى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىدە ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىسلاھاتىنىڭ ئۈنۈمى ۋە قانۇن ئىجراسى قوشۇنىنىڭ ئىستىلى، ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك سىناپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرىنى نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغان، تەجرىبە ئۆگىنىدىغان، كەمتۈكلۈكنى تۈزىتىدىغان ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدۇق.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش