دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېزا ئىگىلىكى

2 مىليون 780 مىڭ مو كۈزگى بۇغدايدىن مول ھوسۇل ئېلىشتا ئۈمىد بار
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-25 11:20:46

    ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. نۆۋەتتە، ۋىلايەت بويىچە 2 مىليون 780 مىڭ مو كۈزگى بۇغداي چېچەك توزۇتۇپ باشاق چىقىرىش مەزگىلىدە تۇرماقتا. 5 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كۈزگى بۇغداينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ۋە باشاق چىقىرىش نىسبىتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ياخشى ئىكەن، ھەرقايسى جايلار يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنى ئېتىز ـ ئېرىق باشلىرىغا بېرىشقا تاللاپ ئەۋەتىپ، دېھقانلارنىڭ كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈگىتىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىپ، بۇغدايدىن مول ھوسۇل ئېلىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

بۇ يىل، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ كۈزگى بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 61 مىڭ موغا يەتكەن بولۇپ، باش ياز كىرگەندىن بۇيان، بۇ ناھىيە يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ ئېتىز پەرۋىشىنى كۈچەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا پائال تەشكىللەپ، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش، كۆپ كىرىم قىلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

5 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ گەزلىك بازىرى ئۈستۈن قاشئېرىق كەنتىدىكى دېھقان ئايشەم يۇنۇس كۈزگى بۇغدايلىرىنىڭ بەس ـ بەستە باشاق چىقىرىۋاتقانلىقىغا قاراپ، خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ يىل كۈزگى بۇغدايلىرىمىز ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ياخشى بولدى، كېيىنكى قەدەمدە ياخشى پەرۋىش قىلساقلا، ئوبدان ھوسۇل ئالالايمىز.

ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئايباغ بازىرىدىكى خېڭشىن يېزا ئىگىلىكى تېرىقچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بۇغدايلىقىدا، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى بۇغداينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، دېھقانلارغا كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈگىتىش تېخنىكىسىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى. بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى چىن خاۋنەن مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە ياردىمىدە، بۇغدايلار كىشىنى خۇشال قىلغۇدەك ياخشى ئۆستى، مۆلچەرىمىزچە مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقىدىن ئاشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش