دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ «5+2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويۇشنى باشلىدى ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %82.7 ئاشتى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى! شىنجاڭلىقلارغا مۇنداق دەم ئېلىش كۈنلىرى بار... ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ تور سودا سوممىسى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشتى مەمۇرىي مەھكىمە پارتىيە گۇرۇپپىسى 2023 ـ يىلى 6 ـ قېتىم (كېڭەيتىلگەن) يىغىن ئاچتى ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتىدىكىلەر ئاقسۇغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋىلايىتىمىزدىكى 972 مۇقىم سېلىنما تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش رەسمىيىتى بېجىرىلىپ بولدى ۋىلايىتىمىز ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا يەرمەنكىسىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى جۇڭگو تېلېۋىزىيە سەنئەتكارلىرى جەمئىيىتىنىڭ 60 ـ «كىنو ـ تېلېۋىزىيە كىچىك ئۆيى»گە ئاقسۇدا ۋىۋىسكا ئېسىلدى 2023 ـ يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسى ئاقسۇ شەھىرىدە باشلاندى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېزا ئىگىلىكى

يېزا ئىگىلىك ئاساسىي گەۋدىلىرى تۇتىشىپ زەنجىر ھاسىل قىلدى، كەسىپلەر يۇغۇرۇلۇپ گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈردى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-24 12:22:34

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز ليۇ خۇڭۋېن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاۋ شىنچاڭ)

  يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە، كەسىپنى گۈللەندۈرۈش ئاچقۇچ. ۋىلايەت مەۋقەنى پاختا، باغ ـ ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنىڭ خاس، ئەۋزەل بايلىقىغا تايىنىپ، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ باغچىسى ۋە يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا باغچە رايونىنى ياخشى قۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، كۆلەم ئەۋزەللىكى بىلەن سۈپەت ئەۋزەللىكى بازار ئەۋزەللىكى ۋە ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلانغان يېزا ئىگىلىك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقتى.

  ئالدىنقى ئۇچ: ئۆلچەم تۇتۇلۇپ، سۈپەت ئۆستۈرۈلدى

  ھازىر، دەل كېۋەز پەرۋىشى مەزگىلى. ئاۋات ناھىيەسىنىڭ دولان يېزىسى ئۈستۈنكى دولان كەنتىدىكى بىر كېۋەزلىكتە، كەنت ئاھالىسى ئەخمەت مامۇت كېۋەزنىڭ ئۈنۈش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈۋاتاتتى. تېرىغان كېۋەزلەرنىڭ كەينى ـ كەينىدىن ئۈنۈپ چىققانلىقىنى كۆرۈپ ئەخمەت مامۇت خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: كېۋەزلەر بالدۇر ئۈندى، ئۈنۈش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولدى، بۇ يىل يەنە بىر مول ھوسۇللۇق يىل بولغۇدەك.

  ئەخمەت مامۇت كەنتتىكى كېۋەز تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى بولۇپ، بۇ يىل 550 مو كېۋەز تېرىپ، ھەممىسىدە «بىر ئاساسىي، ئىككى قوشۇمچە سورت» ئىشلىتىش ئەندىزىسىنى قوللاندى.

  ئەخمەت مامۇت مۇنداق دېدى: بۇرۇن كېۋەز تېرىشتا تاللايدىغان سورت كۆپ بولغاچقا، سورت ئارىلىشىپ كېتىپ، ساتقاندا ياخشى باھادا ساتالمايتتۇق. «بىر ئاساسىي، ئىككى قوشۇمچە سورت» ئىشلىتىش ئەندىزىسىنى قوللانغاندىن كېيىن، پاختىنىڭ سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، باھاسىمۇ ئۆستى، كىرىمنى ئاشۇرۇشمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى.

  پاختا سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، پاختا كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئالغا سىلجىتىلدى. ۋىلايەت پاختا كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئالدىنقى ئۇچ «ئىشلىرى»نى قىلىشتا، ئەلا سۈپەتلىك خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇش، «قۇرۇق تېرىپ ئاز ـ ئازدىن تېمىتىپ سۇغىرىش» تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ناھىيە رايونىدا «بىر ئاساسىي، ئىككى قوشۇمچە سورت» ئىشلىتىش ئەندىزىسى ئارقىلىق ئەلا سۈپەتلىك پاختا كەسىپ بازىسى بەرپا قىلىپ، پاختا كەسپىنى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىيات يولىدا ماڭدۇردى.

  ئوتتۇرا ئۇچ: ئايلىنىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئوبوروت جانلاندى

  5 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، ئاۋات ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كەسىپ باغچىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ ميەندۇ مۇسەللەس چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار پىششىقلاپ ئىشلەش، مەھسۇلاتنى ئوراپ قاچىلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ھازىر، بۇ شىركەت ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن تۆتنى قۇرغان بولۇپ، يىلىغا 13 مىڭ توننا ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرالايدۇ، مەھسۇلاتلىرى شىنجاڭ ئىچى ـ سىرتىغا سېتىلىدۇ.

  ئىشلەپچىقىرىش كۆلەملەشتى، مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىشى ياخشى بولدى. شىنجاڭ ميەندۇ مۇسەللەس چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى، ئاۋات ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كەسىپ باغچىسىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئەۋزەل، خاس يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، 2020 ـ يىلى 7 ـ ئايدا، ئاۋات ناھىيەسى 350 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ بۇ ناھىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش تۇنجى كەسىپ باغچىسىنى قۇردى.

  ئاۋات ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىدارىسى كەسىپلەشتۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ چياڭ مۇنداق دېدى: ئىككى يىلدىن كۆپرەك تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، كەسىپ باغچىسىغا يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىسىدىن سەككىزى ماكانلاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتىسى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى. كارخانىلارنىڭ ماكانلىشىشى ناھىيەمىزنىڭ خاس مېۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باغۋەنلەرنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىنى كېڭەيتتى.

  خاس مېۋە مەھسۇلاتلىرى بايلىق ئەۋزەللىكىنى قانداق قىلىپ ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش كېرەك؟ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋىلايەت باشلامچىلارنى يېتىشتۈرۈپ ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ۋە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش باغچە رايونى قۇرۇش ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، باغۋەنلەرنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر، ۋىلايىتىمىزدە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش باغچە رايونىدىن توققۇزى قۇرۇلغان بولۇپ، باغ ـ ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ۋە ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىسى 196گە يەتكەن، ھەمكارلىق كوپىراتىپى 818كە يەتكەن، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى يىللىق ئىنچىكە پىششىقلاش ئىقتىدارى 650 مىڭ توننىغا يەتكەن. ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ كەينى ـ كەينىدىن ماكانلىشىشى بىلەن، ۋىلايىتىمىزدە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن.

  ئاخىرقى ئۇچ: بازار كېڭەيتىلىپ، پايدا ئاشتى

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار مەۋقەنى ئۆز جايىنىڭ يېزا ئىگىلىك خاس ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ماركىسى يېتىشتۈرۈش، بەرپا قىلىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى سىجىل كېڭەيتىپ، داڭقى بار بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ماركىسىنى يېتىشتۈرۈپ، ئاقسۇنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ «خۇش ھىدىنى ھەممە يەرگە تاراتتى».

  ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى پېڭ گاڭ يېقىندا ۋىلايەت ئۆمەك تەشكىللەپ قاتناشقان 108 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قەنت ـ گېزەك، ھاراق تاۋار سودىسى يەرمەنكىسىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: سودا يەرمەنكىسىدە، ۋىلايىتىمىزنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ يەرمەنكە قىلىنىشى بىلەنلا، نۇرغۇن سېتىۋېلىش سودىگەرلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئۇلار ۋىلايىتىمىزدىكى ئالاقىدار كارخانىلار بىلەن بەس ـ بەستە ئۇدۇللىشىپ ھەمكارلىشىش ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى.

  يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ۋىلايەت شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش بويىچە «10 شەھەردە 100 دۇكان ئېچىش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، جېجياڭ ئۆلكىسىدە ئاقسۇنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مەخسۇس سېتىش دۇكىنى قۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، جېجياڭ ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدىغان، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى، جۇجياڭ دېلتىسى رايونىنى قاپلىغان تىجارەت تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، ۋىلايىتىمىز يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشتا ئەنئەنىۋى يولدىن بىۋاسىتە تىجارەت قىلىشقا، يالغۇز تىجارەت قىلىشتىن مەملىكەت بويىچە ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلىشقا ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ۋىلايەت يەنە تور ۋە تور سىرتىدىن ئىبارەت «ئىككى تور» قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىنىڭ تيەنماۋ، جىڭدۇڭ قاتارلىق سۇپىلار بىلەن ھەمكارلىشىشىنى پائال قوللاپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش يولىنى كېڭەيتتى. ھازىر، ۋىلايىتىمىزدە ئېلېكتىرونلۇق سودا (ۋىيشىن سودىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كەسپى بىلەن بىۋاسىتە شۇغۇللىنىۋاتقانلار 20 مىڭ ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ.

  جېجياڭنىڭ ئاقسۇغا ياردەم بېرىش بايلىقى ۋە سىجىل كېڭەيتىلگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش ـ سېتىشتىكى «ئىككى تور»غا تايىنىپ، بۇ يىل 1 ـ پەسىلدە، ۋىلايەت بويىچە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىدىن جەمئىي 322 مىڭ 600 توننا سېتىلدى، سېتىلىش سوممىسى 1 مىليارد 488 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42.09 ئاشتى.

  ھازىر، ئاقسۇ بىڭتاڭشىن ئالمىسى، كۇچا كىشمىش ئۆرۈكى، كەلپىن چامغۇرى، ئونسۇ ياڭىقى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ داڭقى يىراققا تارقىلىپ، سېتىلىش يولى بارغانسېرى كېڭەيدى، باغۋەنلەرنىڭ ھەميىنى بارغانسېرى تومپايدى. 2022 ـ يىلى، ۋىلايىتىمىزدىكى دېھقانلارنىڭ باغۋەنچىلىكتىن قىلغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 5669 يۈەنگە يېتىپ، دېھقانلار ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنىڭ %26.25ىنى ئىگىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش