دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا يەرمەنكىسىدە ۋىلايىتىمىز 17 مىليون يۈەنلىك سېتىش زاكازى ئىمزالىدى ئاقسۇ مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ماھىرلىرى تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسىدە رىقابەتلىشىدۇ ۋىلايەت 2023 ـ يىللىق 2 ـ مەيدان سانلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى 260 ئائىلە ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلە بولۇپ باھالاندى 40 مىڭدىن ئارتۇق داشۆ ئوقۇغۇچىسى شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسىم پىلانىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتتى شىنجاڭدا ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئالىي تېخنىكومدىن يەتتىسى يېڭىدىن كۆپەيدى رەڭدار پائالىيەتلەر ئارقىلىق «خەلقئارا مۇزېي كۈنى» تەبرىكلەندى ئۈچ مەيدان ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىدا 24 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىنىپ، ئومۇمىي سومما 37 مىليارد 250 مىليون يۈەنگە يەتتى ​ھاۋا سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك ئاقسۇ «Hi ئالما قىزاردى» يان تېلېفون ئابۇنىچىلار تېرمىنالى «ئىككى ياشقا كىردى»

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېزا ئىگىلىكى

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 2023 ـ يىلى 15 ـ قېتىملىق ئەزالار (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئېچىلدى
مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-22 11:55:15

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 2023 ـ يىلى 15 ـ قېتىملىق ئەزالار (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مەركەز ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئالاقىدار دوكلاتلار ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، ئالاقىدار قارالمىلارغا قاراپ چىقىلدى، يېقىنقى مەزگىللىك خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ خۇڭجەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئۇلى، دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق، تولۇق، دەل جايىدا ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئۇل سالىدىغان، يىراق كەلگۈسىگە پايدىلىق خىزمەتلەرنى كۆپرەك ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلاردىكى ئەڭ تەخىرسىز، دېھقانلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك چوڭ رايونىدىن يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونىغا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سىستېما تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنى زىچ چۆرىدەپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكى، ئىقتىسادىي ئەۋزەللىك، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى باشتىن ـ ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىخەتەرلىك تۆۋەت چېكىنى قەتئىي ياخشى ساقلاپ، ئۇرۇقلۇق پىلازمىسى بايلىقى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى ياخشى تۇتۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەبلەغ سېلىنمىسىنى زورايتىپ، سۇ بايلىقىدىن تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ مەركىزى ۋەزىپىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئورتاق بېيىش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك چارە ـ ئامال بىلەن دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىنى كېڭەيتىپ، دېھقانلارنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئاساسى ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ـ كەنت ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان، ئىناق، گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولۇش، پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ يېزا خىزمىتى تارماقلىرى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرىدىغان يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى ۋە ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بەلگىلىمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىستاتىستىكىدا ساختىلىق قىلىش، كۆز بويامچىلىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش خىزمىتى سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، قىلچە يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن، ئىستاتىستىكىدا ساختىلىق قىلىش، كۆز بويامچىلىق قىلىش دېلولىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئىستاتىستىكىدا ساختىلىق قىلىش، كۆز بويامچىلىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاشنى توختاتماسلىق كېرەك. تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، ھوقۇقنى تەقسىملەش ۋە يۈرگۈزۈشنى چەكلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش بويىچە تۈزىتىشنىڭ «كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرى»نى ياخشى ئىشلەپ، تەكشۈرۈشنىڭ نازارەتچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشتىكى ھەرقايسى ھالقىلارغا چىڭ قادىلىپ، ھوقۇقنى ئاشكارا يۈرگۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  يىغىن سىنلىق شەكىلدە ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)، يېزا(بازار)لارغىچە ئېچىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش