دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئاپتونوم رايوننىڭ 26 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى باشلاندى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى كەسپى تېز سۈرئەتتە ئاشتى خوتەندە دۆلىتىمىزدە ياسالغان ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن ئۈچى كۆپەيتىلىدۇ دۆلەت دەرىجىلىك! ئۈرۈمچى ناھىيەسى دۆلەتنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك ناھىيەلەر تىزىملىكىگە كىردى شىنجاڭ مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش ئۇچۇرلىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش نۇقتىسىدىن 119نى تەسىس قىلدى 9- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭدىكى بارلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە يۈك- تاقنى ھەقسىز ھاۋالىلىك توشۇش ۋە ئايروپىلاندا يېمەك- ئىچمەك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ 35- نۆۋەتلىك شياۋداۋ كاڭيۈ شىنجاڭ داشۆ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقىتىلدى ۋىلايەتنىڭ ئورگانلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ كۈزلۈك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى مەمۇرىي مەھكىمە پارتىيە گۇرۇپپىسى 2023 ـ يىلى 14 ـ قېتىملىق (كېڭەيتىلگەن) يىغىن ئاچتى ۋىلايەت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاساسىي سانى بويىچە تولۇقلاپ تاپشۇرۇش خىزمىتىنى تاماملىدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

ساۋەن شەھىرى: ئېتىزدا ئالدىراش ئىشلەۋاتقان پىدائىيلار
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2023-09-18 19:03:16

7-ئاينىڭ 11-كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى باغۋەنلەرگە ياردەملىشىپ توقاچ شاپتۇلنى ئايرىماقتا. يېقىندا، ساۋەن شەھىرى يەنسىخەي بازىرى گۇشۇ كەنتىنىڭ 260 مو يېرىدىكى توقاچ شاپتۇللار ئارقا-ئارقىدىن پىشتى، ساۋەن شەھەرلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، باغۋەنلەرنىڭ مېۋىلەرنى ۋاقتىدا ئۈزۈشىگە ياردەملەشتى ھەمدە جىڭدۇڭ، شۈنفېڭ قاتارلىق تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، «توردا زاكاز قىلىش + تور سىرتىدا زاكازنى ئەۋەتىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، توقاچ شاپتۇلنى چېڭدۇ قاتارلىق جايلارغا ساتتى.

لەن لىڭ فوتوسى

7-ئاينىڭ 11-كۈنى، ساۋەن شەھىرى يەنسىخەي بازىرى گۇشۇ كەنتىدە، باغۋەنلەر توقاچ شاپتۇلنى جىڭلاپ سېۋەتكە قاچىلىماقتا.

لەن لىڭ فوتوسى

7-ئاينىڭ 12-كۈنى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى كۆممىقوناقلارنى ئاپتوموبىلغا قاچىلاپ سىرتقا توشۇماقتا. ساۋەن شەھىرىنىڭ ئۇلان ئۇس بازىرى ئاياغ سەنگۇڭ كەنتىنىڭ 100 مودىن ئارتۇق يېرىدىكى كۆممىقوناقلار ئارقا-ئارقىدىن پىشتى، ساۋەن شەھەرلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ تۆۋەنكى سەنگۇڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى پارتىيەلىك پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ۋاقتىدا يىغىپ سىرتقا توشۇشىغا ياردەملەشتى.

ما لەنخۇا فوتوسى

7-ئاينىڭ 11-كۈنى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىگە ئۇرۇقلۇق قوناقنىڭ ئاتىلىقىنى ئايرىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى چۈشەندۈرمەكتە. تومۇز ياز پەسلى، دەل ئۇرۇقلۇق قوناقنىڭ ئاتىلىقىنى ئايرىشنىڭ دەل پەيتى، ساۋەن شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ دۇڭۋەن بازىرى خۇجياجۇاڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنى تەشكىللەپ ھەم ئىشلىگۈچى خادىملار بىلەن ئالاقىلىشىپ، پۈتۈن كەنتتىكى 2580 مو يەرگە ئۇرۇقلۇق قوناقنىڭ ئاتىلىقىنى ئايرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىنىڭ تېخنىكلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلدۇرۇپ، ئاتىلىقىنى ئايرىش خىزمىتىنى سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ۋاڭ فاڭجى فوتوسى










7-ئاينىڭ 11-كۈنى، ساۋەن شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ دۇڭۋەن بازىرى خۇجياجۇاڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى ئۇرۇقلۇق قوناقنىڭ ئاتىلىقىنى ئايرىش خىزمىتىنى ئىشلىمەكتە.

ۋاڭ فاڭجى فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش