دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ۋىلايەت ئۆمەك تەشكىللەپ 7 ـ نۆۋەتلىك ئىسسىقكۆل ئىقتىساد مۇنبىرى ۋە 6 ـ نۆۋەتلىك يىپەك يولى دۆلەتلىرى تاۋار كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى ​4933 نەپەر پىدائىي ئاقسۇغا مۇلازىمەت قىلدى ئالدىنقى يېرىم يىلدا ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 7 مىليارد 420 مىليون يۈەنگە يەتتى ۋۇ خۇڭجەن جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى خۇاڭ چىڭشۆ قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتلەشتى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى 16 مىليارد 829 مىليون يۈەن ! ۋىلايىتىمىز ئىستېمالىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى ياخشىلاندى ۋىلايىتىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى 32 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولدى ​بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ يېڭى دەۋردىكى ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك ​پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى دۆلەت ئىچىدە تەييار ماي باھاسى ئۆسىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

ۋىلايەت «ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتى»نى نەق مەيداندا ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى
مۇھەررىر: مۇختەر خېلىل
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-08-01 12:01:32

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى پىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 7 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، ۋىلايەتنىڭ «ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتى»نى نەق مەيداندا ئالغا سىلجىتىش يىغىنى باي ناھىيەسىدە ئېچىلدى.

يىغىندا، باي ناھىيەسى ۋە شىنجاڭ كۇچا مېھمانخانىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق ئالتە پارتىيە ياچېيكىسى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلىپ، نۆۋەتتىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالى، قولغا كەلتۈرۈلگەن باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى خۇلاسە قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: «ئىككى يېڭى» تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشقا كىرگۈزۈپ، «ئىككى يېڭى» تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ قېتىملىق ئالغا سىلجىتىش يىغىنىنى پۇرسەت قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تېخىمۇ زور ئىشەنچ، تېخىمۇ پۇختا ئىستىل بىلەن خىزمەتلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتى سۈپىتىنىڭ ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىتتىپاق، ئىناق، مەدەنىي، باي، گۈزەل ئاقسۇ قۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

يىغىن مەزگىلىدە، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار باي ناھىيەسىنىڭ باي بازىرى شىنيۈەن مەھەللىسى، شىنجاڭ تيەنيۈ ئۇرۇقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا كارخانا ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان يەتتە ئورۇننى كۆرەك قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئەمەرجان ئىمىن يىغىن ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش