ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز پەن تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خۇ جو خەۋەر قىلىدۇ) 6 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، ۋىلايەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى ئىشلىرى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ۋىلايىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى، ھەرمىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالاقىلىشىش ئەھۋالى، ساياھەت ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋىلايەت پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى ئىشلىرىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، «ھەر مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش پىلانى»، «ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىش تەرەققىيات پىلانى»، «ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ساياھەت ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى»دىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك پىلاننى يولغا قويدى.
نۆۋەتتە، ۋىلايىتىمىزدە دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيە (شەھىرى)دىن ئالتىسى، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنىدىن 34ى بەرپا قىلىندى؛ دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى 81 نەمۇنىچى كوللېكتىپ، 148 نەمۇنىچى شەخس مەيدانغا كەلدى؛ ۋىلايەت بويىچە 77 مىڭ پارتىيەلىك كادىر، ئىشچى ـ خىزمەتچى 138 مىڭ ئائىلىلىكتىن ئارتۇق ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى؛ ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا دەرىجىلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە 105 ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى قۇرۇلدى، 23 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيەتلىرىگە ئەزا بولدى، پۈتۈن جەمئىيەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى ئىشلىرىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشتەك جەمئىيەت مۇھىتى شەكىللەندى.
جېجياڭ ئۆلكىلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تۈرتكە بولۇشى ئاستىدا، ۋىلايىتىمىزدىكى 490 مەكتەپ قوشماقلىشىپ ئورتاق بەرپا قىلىش بويىچە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، 200 مىڭدىن ئارتۇق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن قوشماقلىشىپ دوستلاشتى، ئىككى جايدىكى قوشماقلاشقان مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى مېھىر ـ مۇھەببەت يۇغۇرۇلغان ئۆزئارا زىيارەت قىلىش، قوشماقلىشىپ دوستلىشىش، خەت يېزىشىپ ئالاقە قىلىش، بۇلۇت تېرمىنالىدا ھەمتۈرتكە بولۇش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا قەرەللىك تەشكىللەپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.
جېجياڭ ـ ئاقسۇ «100 مەكتەپ 10 مىڭ ‹ئانار دانىسى› ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ مېھىر ـ مۇھەببەت يۇغۇرۇلۇش قۇرۇلۇشى»نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئەمەلىيىتىدىن 1100 مەيدان (قېتىم) قانات يايدۇرۇپ، 4000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى نەپكە ئېرىشتۈردى، جېجياڭ بىلەن ئاقسۇدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچ يىلدىن بېرى ئۆزئارا 16 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق مىكرو ئارزۇ كارتىسى ئەۋەتىشتى، 33 مىڭ كىچىك دوستنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 360 ئوقۇتقۇچى شۇ جايدىكى 1396 ياش ئوقۇتقۇچى بىلەن 391 قوشماقلىشىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايدىغان كىچىك «ئانار دانىلىرى»نى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈردى.
ۋىلايەت جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا دائىر تارىخىي پاكىتلار، يادىكارلىق ـ ئىزنالار، جانلىق ھالەتتىكى مىراس، ھېس قىلىش تۈرلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، رەتلەپ، ئېچىپ، مەدەنىيەت ـ ساياھەتنىڭ سەرخىل يۇغۇرما مەھسۇلاتلىرىنى بەرپا قىلدى. خاس ساياھەت تەرەققىيات پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، رايون ساياھىتى ماس تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، يېزا ـ كەنت ساياھىتىنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋە مەدەنىيەت مۇزېيى، سارايلىرى ساياھەت كۆرگەزمە سۇپىسى يېتىلدۈرۈش، 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ساياھەت بىلەن قاتناشنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش، ساياھەت لىنىيەلىرىنى ئورتاق تەۋسىيە قىلىش، ساياھەت بىلەن ماركىتىڭنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش، ساياھەت ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنىڭ ماسلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنىڭ ساياھەت ماركىسى بەرپا قىلىشىنى قوللاپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى مەنزىرە رايونلىرى، كوچا رايونلىرىغا كىرگۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئورتاق» بولۇشنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى ۋە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا دائىر تارىخىي پاكىتلارنى ياخشى چۈشەندۈردى.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش