دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش 2023-يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە «ئانام بىلەن بىللە ئىلىم-پەن ئۆگىنىمەن» پائالىيىتى باشلاندى 1 مىليارد 70 مىليون يۈەن! شىنجاڭدىكى كونىراپ كەتكەن 62 يېقىلغۇ گاز تۇرۇبا تورى ئۆزگەرتىلىپ يېڭىلىنىدۇ شىنجاڭ ئەشيا ئوبوروتى تېز يەتكۈزۈش كەسپىگە مەخسۇس خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى 6- ئاينىڭ 28- كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ شىنجاڭنىڭ تۇنجى يەرلىك مۇزىكا بايرىمى ماركىسىدىكى «جياڭگو» مۇزىكا بايرىمى 7-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ 2022 ـ يىللىق مالىيە نەق چوتى توغرىسىدىكى قارارى ئاپتونوم رايوننىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئاقسۇغا كېلىپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كومىتېتى 2023 ـ يىلى 2 ـ قېتىملىق يىغىن ئاچتى ۋىلايىتىمىزدىكى 1029 تۈردە جىددىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلماقتا ​ئىلگىرىكى «ئويمان - دۆڭ يەر» بۈگۈنكى كۈندە «مېھمان قوبۇل قىلىش زالى»غا ئايلاندى سايرام كۆلىنى ئايلىنىش بويىچە تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى باشلاندى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار كۆپ خىل پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-06-15 12:43:17

    ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىرىمىز پەن تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى چيەنچيەن خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ۋىلايىتىمىزدە پورەكلەتتى.

ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بىڭتۇەن 1 ـ شى ئارال شەھىرى  1ـ تۇەن ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ كادىرلىرىنى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ بەشتۈگمەن يېزىسى تۆۋەنكى گىرىشىمئېرىق كەنتىگە كېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى تەربىيەسى ئېيى بويىچە ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش پائالىيىتىنى ئورتاق قانات يايدۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئاياللار خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئالماشتۇرۇپ، بەيشاۋەن كۈتۈنۈش جىلغىسى قاتارلىق يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى نەق مەيداندا كۆرەك قىلىپ، «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتتى.

كەنت ئاھالىلىرى ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ئائىلىسىدە «ئانار گۈلى قىزلارنىڭ يۈزى قىزارغاندەك ھۈپپىدە ئېچىلدى» ناملىق شادىيانە كوللېكتىپ ئۇسسۇل بىلەن ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش پائالىيىتى باشلاندى، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزى تەييارلاپ ئۆزى ئورۇنلىغان «ئاشۇ گۈزەللىك»، كوللېكتىپ ئۇسسۇل «ئالتە قەدەم» قاتارلىق ئېسىل نومۇرلار ئارقا ـ ئارقىدىن ئورۇنلىنىپ، ۋەتىنىمىزگە بولغان ياخشى تىلىكى ۋە بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى تولۇق ئىپادىلەپ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

ۋىلايەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى (سودىگەرلەر باش ئۇيۇشمىسى) 41 ـ قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى تەربىيەسى ئېيى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ۋە پارتىيەنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىگە ئائىت سىياسەت، قانۇن ـ نىزاملىرى بويىچە تەربىيەلەش يىغىنى ئېچىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنىڭ كونكرېت مەزمۇنىنى ئون جەھەتتىن نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان زاتلارنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى پائال زىممىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى مۇنەۋۋەر كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «ۋەتەننى سۆيۈش، كەسىپنى قەدىرلەش، سەمىمىي بولۇش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، تۆھپە قوشۇش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى.

ۋىلايەتلىك ئىشچىلار مەدەنىيەت سارىيى شادلىققا تولدى. ۋىلايەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، ۋىلايەتلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىن كەلگەن 50 نەپەر بالا كىنو پارتىيە مەكتىپى، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر كۇتۇپخانىسى، پەن ـ تېخنىكا كىچىك ئۆيى قاتارلىق جايلاردا ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ خالىس ئۆزىنى ئۇنتۇش قىزىل روھىنى ھېس قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىپ، زامانىۋى پەن ـ تېخنىكىنىڭ ئاجايىپ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى.

پەن ـ تېخنىكا كىچىك ئۆيىدىكى ھەر خىل پەن ـ تېخنىكا كەشپىياتلىرى، ئىلىم ـ پەن ھادىسىلىرى كىچىك دوستلارنى ئۆزىگە ناھايىتى جەلپ قىلدى، ئۇلار بىردەم توختاپ كۆرسە، بىردەم قولى بىلەن تۇتۇپ باقتى، كىچىك دوستلار تېخنىكلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە VR كۆزەينىكىنى تاقاپ، قار تېيىلىشنى، پەن ـ تېخنىكىنىڭ سېھرىي كۈچىنى قانغۇچە ھېس قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ بىلىمگە ئىگە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى؛ كىچىك دوستلار كىنو پارتىيە مەكتىپىدە «پايانسىز ئاسمان شاھى» ناملىق كىنونى كۆرگەندىن كېيىن، پەن ـ مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تىرىشىپ ياخشى ئۆگىنىپ، ۋەتەنگە ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىدىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىدىغانلىقىنى بەس ـ بەستە بىلدۈرۈشتى.

ئاقسۇ شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ قۇمتام تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئازادلىق ئابىدىسى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تەۋەلىكىدىكى ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى. پائالىيەت «ئانار گۈلى قىزلارنىڭ يۈزى قىزارغاندەك ھۈپپىدە ئېچىلدى» ناملىق قول ئىشارىتى ئۇسسۇلى بىلەن باشلاندى، لەرزان مېلودىيەنىڭ ياڭرىشى بىلەن، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، مەھەللە كادىرلىرى، ھەر مىللەت ئاھالە ۋەكىللىرى مۇزىكىغا ئەگىشىپ لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتى، كۆپچىلىك مەھەللە ھويلىسىدىكى «ئۆتمۈشتىكى مۇشەققەتنى ئەسلەپ، ھازىرقى بەختنى قەدىرلەش رايونى»دا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ گۈزەل تۇرمۇش توغرىسىدا كەڭ ـ كۇشادە پاراڭلاشتى، نەق مەيداندا كۈلكە ساداسى ئۈزۈلمىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسى يۇقىرىقى قۇرباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېت»ى پارتىيە ئەزالىرى، پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرىنى كۆكيار خاتىرە سارىيىغا بېرىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى تەربىيەسى ئېيى باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، كۆكيار قاقاسلىقىنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ كۈرەش مۇساپىسىنى چۈشىنىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش كۈچىنى ھېس قىلدى. كۆپچىلىك بەس ـ بەستە مۇنداق بىلدۈردى: ھەر مىللەت ئامما پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقارساقلا، جەزمەن تېخىمۇ زور مۆجىزە يارىتالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش