دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش «پەرۋىشكارلار سەپىرى ــ شىنجاڭ تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلارنى تاسقاپ تەكشۈرۈپ قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ھەرىكىتى» ئاقسۇغا كەلدى ۋىلايىتىمىزدە ئائىلە ئىستىلى، ئائىلە تەربىيەسى تەشۋىقات ئېيى پائالىيىتى باشلاندى 2023 ـ يىللىق مەملىكەت بويىچە ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيانى زاپاس ساقلاش پەن ـ تېخنىكا پائالىيىتى ھەپتىلىكى تەشۋىقات پائالىيىتى باشلاندى ۋىلايەتنىڭ 2021 ـ يىلىدىن 2022 ـ يىلىغىچە بولغان مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما تۈرلىرىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى شىنجاڭ بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇردى جۇڭگو (شىنجاڭ) − قىرغىزىستان يەرلىكلەر ئارا كارخانىچىلار ھەمكارلىقى بويىچە ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە جەنۇبىي شىنجاڭدا ھۆل-يېغىن دائىم كۆرۈلىدۇ تاغلىق رايونلاردا ئومۇمىي ھۆل-يېغىن مىقدارى كۆپ بولۇپ، قىيان گېئو ئاپىتى ۋە كۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايىنىڭ پايدىسىز تەسىرىدىن ساقلىنىش كېرەك جۇڭگو − شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەقەملىك تېخنىكا ھەمكارلىق تەرەققىيات مۇنبىرى قارامايدا ئېچىلدى لياڭ فېڭيۈەن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ شىنجاڭ جەنۇبىي قىسىم ئىتتىپاقىنىڭ دورا بۇيۇملىرى باھاسىنى بىرلىشىپ كېڭىشىپ مەركەزلىك سېتىۋېلىش خىزمىتى ۋىلايىتىمىزدە باشلاندى 1 ـ ئايدىن 4 ـ ئايغىچە مۇقىم مۈلۈك سېلىنما تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا ئىش ياخشى باشلاندى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلار ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-26 12:03:08

    ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار مول، رەڭدار بولغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى تەربىيەسى ئېيى بويىچە ھېسسىياتنى يۇغۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەممەيلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەيدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا بارغانسېرى چىرايلىق ئېچىلدۇردى.

5 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، ئونسۇ ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ كادىر، ئىشچى ـ خىزمەتچىلىرى كومسۇمۇللار بازىرىنىڭ قارابويۇن كەنتىگە بېرىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كادىرلار بىلەن قوشماقلاشقان تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنى قويۇقلاشتۇردى

پائالىيەتتە، كۆپچىلىك بىر جايغا جەم بولۇپ، مۇڭدىشىپ، كەلگۈسى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى بىلىملىرىدىن تالىشىپ جاۋاب بېرىش، ئورۇندۇق تالىشىش ئويۇنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇسسۇلى ئويناش قاتارلىق رەڭدار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، كۈلكە ـ چاقچاق ئىچىدە ھېسسىياتىنى قويۇقلاشتۇردى.

كەنت ئاھالىسى ئوسمان ھاپىز خۇشال بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: قوشماقلاشقان تۇغقىنىم بىلەن بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە قاتنىشالىغىنىمدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم، بىز قېرىنداشلاردەك بىر يەرگە جەم بولۇپ، مۇناسىۋىتىمىزنىڭ تېخىمۇ قويۇقلاشقانلىقىنى ھېس قىلدىم.

تۇغقانلار يوقلاشقانسېرى يېقىنلىشىدۇ، ھېسسىيات جەم بولغانسېرى قويۇقلىشىدۇ. 5 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، باي ناھىيەسىنىڭ قېيىر يېزىسى مىسبۇلاق كەنتىدىكى ياقۇپ سۇلايمان بوۋاينىڭ 100 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى ئىدى. شۇ كۈنى، ئاقسۇ ئوچۇق داشۆسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى تۇغۇلغان كۈن تورتىنى كۆتۈرۈپ، بوۋاينىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.

«بوۋا بۈگۈن سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىز ئىكەن، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن، سالامەت بولۇشىڭىزنى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىڭىزنى تىلەيمىز.» كۆپچىلىك بوۋاينى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ «تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى»نى بىرلىكتە ئېيتتى، كۈلكە سادالىرى بوۋايغا ئىللىقلىقنى ھېس قىلدۇردى.

ياقۇپ سۇلايمان مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ ئۆيۈمگە كېلىپ ماڭا تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈپ بەرگىنىگە رەھمەت، ئۇلار ماڭا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشىنى ھېس قىلدۇردى، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈشى ئاستىدا، مېنىڭ ياشانغاندىكى تۇرمۇشۇم بارغانسېرى بەختلىك ئۆتۈۋاتىدۇ.

ياخشى ئىشنى ياخشى قىلغاندا، ئەمەلىي ئىشنى ئەمەلىي قىلغاندا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىنىڭ ئۇل تېشى تېخىمۇ مۇستەھكەم بولىدۇ. ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاچىتاغ يېزىسى ئويتۇر كەنتىدە، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ناھىيەلىك ئۇيغۇر تېبابىتى (جۇڭيى تېبابىتى) دوختۇرخانىسى بىلەن بىللە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ، داۋالىنىش كاپالىتى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، ھەقسىز كېسەل كۆرۈش، ساغلاملىق يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشىكى ئالدىدىلا ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش، شۇنداقلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتىپ، چېچەكلەپ مېۋە بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

پائالىيەت نەق مەيدانى ناھايىتى قىزىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى نېمە ئۈچۈن ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىمىز؟ قانداق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولالايمىز؟ داۋالىنىش، دورا ئېلىش خىراجىتىنى قانداق ئاتچوت قىلدۇرىمىز؟ قاتارلىق كەنت ئاھالىلىرى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە چۈشەنچە بېرىپ، داۋالىنىش كاپالىتى يېڭى سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلدى. تېببىي خادىملار يەنە كەنت ئاھالىلىرىنى ساغلاملىقتىن مەسلىھەت بېرىش ۋە داۋالىنىشقا يېتەكلەش، شۇنداقلا قان بېسىمىنى ئۆلچەش، دورا تارقىتىپ بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى ھەم ھەرىكىتى قولايسىز ياشانغانلارغا قارىتا ھەقسىز كېسەل كۆرۈش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى.

كەنت ئاھالىسى ئانارخان دايىم مۇنداق دېدى: دوختۇرلار بىزنىڭ كېسىلىمىزنى ھەقسىز تەكشۈرۈپ قويدى، مۇلازىمىتى ناھايىتى ئەتراپلىق ۋە قىزغىن ئىكەن، بىزنى كەنتتىلا ئەلا سۈپەتلىك داۋالىنىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، ئۇلارغا كۆپ رەھمەت.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بى گاۋشاڭ مۇنداق دېدى: چىن ھېسسىيات بىلەن مۇلازىمەت قىلغاندىلا، ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشنى قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. بىز داۋالىنىش كاپالىتى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، داۋالىنىش كاپالىتىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپكە ئېرىشتۈرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش