دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئاقسۇ «Hi ئالما قىزاردى» يان تېلېفون ئابۇنىچىلار تېرمىنالى «ئىككى ياشقا كىردى» كۆمۈر «ۋاسىتە» قىلىنىپ، كۆمۈر خىمىيە سانائىتىنىڭ «ئالتۇن زەنجىرى» بەرپا قىلىندى تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ياخشى بولدى، جاسارەت بىلەن ئىشلەپ قۇرۇلۇش مۇددىتى تېزلىتىلدى 19 ئائىلە ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلە بولۇپ تاللاندى ۋىلايىتىمىزدىن ئىككى ئائىلە مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلە، دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى ئونسۇ مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ نەق مەيدان تەييارلىقى پۈتتى ئالدىنقى تۆت ئايدا ۋىلايەت خەلق تۇرمۇشىغا 10 مىليارد 609 مىليون يۈەن چىقىم قىلدى ۋىلايەتنىڭ ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى بويىچە ماھىرلار رىقابەتلىشىش مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى پەن-تېخنىكا قىممىتى ئەڭ يۇقىرى ھالەتكە كۆتۈرۈلدى! دۆلەت ئىچىدىكى بوشلۇقتىكى تۇنجى ئاسما رېلىسلىق پويىز سىناق تەرىقىسىدە يولغا چىقتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ــ تەرەققىياتى گۈللىرىنى جۇلالىق پورەكلىتىش
​ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە ئورۇن ـــ شايار ناھىيەسىنىڭ تويبولدى بازىرى توغرىسىدا
مۇھەررىر: ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-19 11:34:41

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىمۇخبىرىمىز دېڭ لىجۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم)

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىر خىل روھ، بىر خىل ئىنتىلىش». 5 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، شايار ناھىيەسىنىڭ تويبولدى بازىرى پەيزىئاۋات كەنتىنىڭ پەن ـ تېخنىكا مۇئاۋىن مۇدىرى ساۋ جۇڭچىن مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مىللىتى بىر چوڭ ئائىلە، بىر ئائىلە كىشىلىرى ھەممىمىز ياخشى كۈن كەچۈرۈۋاتىمىز.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تويبولدى بازىرى «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش»نى نىشان قىلىپ، كۆپ خىل تەدبىر، كۆپ خىل شەكىلدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىي قىلىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، 2022 ـ يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە ئورۇن، دېگەن نامغا ئېرىشتى.

ئىتتىپاقلىقتىن «ئېچىلغان» بېيىش گۈللىرى

تويبولدى بازىرى يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى ۋاسىتە قىلىپ، پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى ئېتىز ـ ئېرىق باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ «تېخنىكا يەتكۈزۈش»كە سەپەرۋەر قىلىپ، تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش، يېتەكچىلىك قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنىڭ پۇختىلىشىشى، چوڭقۇرلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشىنى ئالغا سىلجىتتى. 5 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، پەيزىئاۋات كەنتىدىكى بىر چىلانلىقتا، ساۋ جۇڭچىن ئاممىغا چىلاننى پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى سۆزلەۋاتاتتى. ساۋ جۇڭچىن كەنتكە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن دەسلەپكى مەزگىلدە باغلارنى ئىلمىي پەرۋىش قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، كەنت ئاھالىلىرى ئانچە قوللىمىغان ئىدى.

ساۋ جۇڭچىن مۇنداق دېدى: دەسلەپتە كەنت ئاھالىلىرىگە مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاش تەكلىپىنى بەرگەندە، نۇرغۇن كىشى دەرەخنىڭ شېخى قانچە كۆپ بولسا، مېۋىسى شۇنچە كۆپ بولىدۇ، دەرەخ شاخلىرىنى چاتىۋەتسەك مېۋىسى ئازلاپ كېتىدۇ، دەپ زادىلا قوشۇلمىغان ئىدى.

كەنت ئاھالىسى ئەمەر راخمان ئىلمىي پەرۋىش تېخنىكىسىنى چۈشەنمىگەچكە، ئۇنىڭ بېغىدا كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشارات زىيىنى كۆپ كۆرۈلۈپ، مېۋە ھوسۇلى ئازلاپ، سۈپىتى ناچارلاپ كەتكەن ئىدى، شۇنداق بولسىمۇ ئۇ مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشنى خالىمىدى. ساۋ جۇڭچىن ئۇنىڭغا ئىقتىسادىي ھېسابات قىلىپ بېرىپ، قولمۇقول تېخنىكا ئۆگەتتى.

كېيىن، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ئەمەر راخمانغا ئوخشاش ساۋ جۇڭچىننىڭ جاپالىق ئەجرىدىن تەسىرلىنىپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاشنى ئۆگىنىشكە باشلىدى، يىل ئاخىرىدا ئالغان ھوسۇلى بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشى بولدى.

ئەمەر راخمان مۇنداق دېدى: ئىلگىرى مېۋىلىك دەرەخلەرنى قايسى ۋاقىتتا سۇغارساق، قايسى ۋاقىتتا پەرۋىش قىلساق ئەڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتۇق، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، كەنتىمىزگە دائىم تېخنىكلار كېلىپ ئىلمىي تېرىقچىلىق، پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسى ئۆگەتتى، بىز تېخنىكا ئۆگەنگەندىن كېيىن چىلاننىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئېشىپ، كىرىمىمىزمۇ كۆپەيدى.

ساۋ جۇڭچىن مۇنداق دېدى: مەن ئۆزۈم ئۆگەنگەن بىلىملەرنى ۋە تېرىقچىلىق تەجرىبىلىرىمنى كەنت ئاھالىلىرىگە سۆزلەپ بەردىم، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلاندى، مەنمۇ خۇشال بولدۇم.

ئىتتىپاقلىقتىن «ئېچىلغان» بەخت گۈللىرى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، تويبولدى بازىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشتىكى مىكرو بەرپا قىلىش ھەرىكىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى «ياخشى قوشنا»، «ياخشى ئائىلە»، «ياخشى دۇكان»، «ياخشى ئاھالە» قاتارلىق ئۈلگىلىك تىپلارنى تاللاش ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنىڭ ھەر ساھە، ھەر كەسىپ، ھەممە ئائىلىنى قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

باغۋەنچىلىك مەيدانى كەنتى ئاھالىسى ئېزىز ئوسماننىڭ ئۆيىنىڭ سىرتقى تېمىدا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى «ياخشى قوشنا» دېگەن قىزىل تاختا كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. مۇخبىر ھويلىغا كىرگەندە، ئۇ قوشنىسى ما تيەنشوۋ بىلەن ئېچىلىپ ـ يېيىلىپ مۇڭدىشىۋاتاتتى.

ئېزىز ئوسمان مۇنداق دېدى: ئۆيۈم ما تيەنشوۋنىڭ ئۆيىگە 100 مېتىرمۇ كەلمەيدۇ، قايسىمىزنىڭ ئۆيىدە قىيىنچىلىق بولسا بىز ئۆزئارا ياردەم بېرىمىز، شۇنچە يىلدىن بېرى بىز بىرەر قېتىممۇ قىزىرىشپ قالمىدۇق.

ئېزىز ئوسمان بىلەن ما تيەنشوۋنىڭ ھېكايىسىنى يەنىلا 50 يىلنىڭ ئالدىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. 1973 ـ يىلى، ما تيەنشوۋ شەنشى ئۆلكىسىدىن باغۋەنچىلىك كەنتىگە كېلىپ ئېزىز ئوسمان بىلەن قوشنا بولدى. ما تيەنشوۋ ئېزىز ئوسماننىڭ مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ بىللە چاتىدى. ئېزىز ئوسمان ما تيەنشوۋنىڭ ھويلا تېمىنى رېمونتلاپ قوپۇرىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بەردى، ئىككى ئائىلىدىكىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى قويۇقلاشتى.

ما تيەنشوۋ مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدە، ھەرقايسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىمىز، ھەر ھېيت ـ بايرامدا ئۆزئارا مۇبارەكلىشىپ، قولۇم ـ قوشنىدىن ئەل ـ ئاغىنىگە، ئەل ـ ئاغىنىدىن ئۇرۇق ـ تۇغقانغا ئايلاندۇق.

تويبولدى بازىرىدا، ئېزىز ئوسمان ۋە ما تيەنشوۋغا ئوخشاش ئېجىل ـ ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇۋاتقان ياخشى قولۇم ـ قوشنىلار ناھايىتى نۇرغۇن. نۆۋەتتە، بۇ بازار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى «ياخشى ئائىلە»دىن 10 مىڭ 700نى، «ياخشى ئاھالە»دىن 10 مىڭ 900نى، «ياخشى دۇكان»دىن 393نى، «ياخشى قوشنا»دىن 10 مىڭ 500نى، «ياخشى كوچا»دىن 44نى بەرپا قىلدى.

تويبولدى بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى كېرەم ئوسمان مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇنىڭدىن كېيىن، بىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى دائىم قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرلۇشىغا تۈرتكە بولىمىز. ھەر مىللەت ئاممىنى دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقى ۋە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ياخشى ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى يۇرت ـ ماكانىنى قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش