دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش كۆمۈر «ۋاسىتە» قىلىنىپ، كۆمۈر خىمىيە سانائىتىنىڭ «ئالتۇن زەنجىرى» بەرپا قىلىندى تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ياخشى بولدى، جاسارەت بىلەن ئىشلەپ قۇرۇلۇش مۇددىتى تېزلىتىلدى 19 ئائىلە ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلە بولۇپ تاللاندى ۋىلايىتىمىزدىن ئىككى ئائىلە مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلە، دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى ئونسۇ مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ نەق مەيدان تەييارلىقى پۈتتى ئالدىنقى تۆت ئايدا ۋىلايەت خەلق تۇرمۇشىغا 10 مىليارد 609 مىليون يۈەن چىقىم قىلدى ۋىلايەتنىڭ ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى بويىچە ماھىرلار رىقابەتلىشىش مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى پەن-تېخنىكا قىممىتى ئەڭ يۇقىرى ھالەتكە كۆتۈرۈلدى! دۆلەت ئىچىدىكى بوشلۇقتىكى تۇنجى ئاسما رېلىسلىق پويىز سىناق تەرىقىسىدە يولغا چىقتى سۈرەتلىك خەۋەر | شىنجاڭدىكى ئىككىنچى يۇقىرى ئېگىزلىك ئايرودۇرۇمى بولغان بايىنبۇلاق ئايرودۇرۇمىدا قۇرۇلۇش جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇردى
​ئىتتىپاقلىق گۈللىرى ھەر يەردە پورەكلەپ، ئىتتىپاقلىق ئىدىيەسى قەلبلەرگە چوڭقۇر سىڭدى
مۇھەررىر: ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-18 11:00:08

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش، بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى، يېزىلارغا بېرىپ ھەقسىز كېسەل كۆرۈش... يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر، ئورۇنلار ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى تەربىيەسى ئېيىغا بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەتنىڭ كىرىشىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى دەرىخىنى باراقسانلاتتى.

5 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئېگەرچى بازىرى سورتلۇق ئۇرۇق يۇقىرىقى چوغتال كەنتى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش، ئىناق تەرەققىي قىلىپ قەلبداش بولۇش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. پائالىيەت «شادلىق» ناملىق ئۇسسۇل بىلەن باشلاندى، «خەنفۇ كىيىم كۆرگەزمىسى» ناملىق نومۇر تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان گۈزەل، كاتتا كىلاسسىك كىيىم ـ كېچەك كۆرگەزمىسى ئاتا قىلىپ، كۆپچىلىككە جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم ـ كېچەكلىرىنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇردى. خەنفۇ كىيگەن بەش بالا ئاپىلىرىغا چاي تۇتتى، چاچلىرىنى تاراپ قويدى، ئۇلارغا بەخت تىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ چوڭلارغا ۋاپادار بولۇش، ئۇرۇق ـ تۇغقانلارنى ھۆرمەتلەشتەك مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىغا ۋارىسلىق قىلدى ھەم ئۇنى ئەۋج ئالدۇردى.

5 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، ئاقسۇ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى، ئاقسۇ شەھەرلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كادىر، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن كۆكيار خاتىرە سارىيى، ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت مۇزېيى (مۇزېي)، ئاقسۇ پەن ـ تېخنىكا سارىيى قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، كۆكيار روھىنى ئۆگىنىش، تارىخىي مەدەنىيەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۇرمۇشنى ھېس قىلىشقا تەشكىللىدى.

5 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توپقان بازىرى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئورنى (پونكىتى) «ئاممىۋى مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئىللىق يۇرت ـ ماكان بەرپا قىلىش» ۋە «مەدەنىي بولۇپ ئار ـ نومۇسنى بىلىش، ئەخلاقنى ئۇلۇغلاپ ياخشىلىققا ئىنتىلىش» باش تېمىسىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» بويىچە شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

پائالىيەتتە، پىدائىيلار نەق مەيداندا يەلپىگۈچ ئۇسسۇلى، مەيدان ئۇسسۇلى ۋە قىزىل ناخشا ئېيتىش قاتارلىق نومۇرلارنى ئورۇنلاپ، ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۇ بازار ئاھالىسى ئەھەت ئەمەر مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پائالىيەت ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە بىزنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىمىزنى بېيىتتى.

5 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، باي ناھىيەسىنىڭ باي بازىرى گۈلزارلىق مەھەللىسى تەۋەلىكتىكى 300دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، كادىر، ئاممىنى دۇڭچياۋلى كەچلىك بازىرىدا «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش» باش تېمىسىدا يۈرۈشلۈك پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.

پائالىيەتتە، بۇ ناھىيەدىكى قىزىل ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكى ئېلىپ كەلگەن «بەختكە چۆمگەن باي»، «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرى»، «سىزگە بىر دەستە جىگدە چېچىكى سوۋغا قىلاي» قاتارلىق مىللەتلەر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ناخشا ـ ئۇسسۇللار كەينى ـ كەينىدىن ئورۇنلاندى، ئېسىل نومۇرلار ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى كۈيلىنىپ، تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان مول مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلىندى، نەق مەيداندا ئالقىش ساداسى ئۈزۈلمىدى.

مەھەللە پىدائىيلىرى يەنە ئاممىغا تەشۋىقات قوللانمىسى تارقىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىملىقىنى قىزغىنلىق، سەۋرچانلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭىنى كۈچەيتىشكە پائال يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى خىزمىتىدە تېخىمۇ زور ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش