ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش
ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدىكى جايلار، تارماقلار ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى تەربىيە ئېيىغا بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى كۆپ خىل شەكىلدە دېھقانلارغا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەريانىدا ھەر مىللەت كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ ھېسسىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا پورەكلەتتى.
يېقىندا، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ تۇمشۇق بازىرى يۇقىرىقى تاغاق كەنتىدە، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ئېتىز ـ ئېرىق باشلىرىغا بېرىپ، ئىسسىققا قارىماي ئىگە ـ چاقىسىز موماي روزىخان مونىيازنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ياردەملەشتى، ئۇنىڭ يېرىنى سۇغىرىشقا تەييارلىق قىلىشىپ بەردى.
كۆپچىلىكنىڭ ئىش تەقسىماتى ئېنىق بولدى، بەزىلىرى قىر سالدى، بەزىلىرى ئېرىقنى راۋانلاشتۇردى، يېرىم كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە رەتلىك قىرلار سېلىندى، ئېرىقتىكى ئەخلەتلەرمۇ پاكىز تازىلاندى. ئېرىقتىكى سۇنىڭ ئېتىزىغا كىرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن روزىخان مونىيازنىڭ كۆز چاناقلىرى نەملەشتى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: سىلەر پارتىيەنىڭ ياخشى كادىرلىرى، سىلەر ھەمىشە مەن قىيىنچىلىققا يولۇققاندا تۇغقانلىرىمدەك ماڭا ياردەم قىلىسىلەر، مەن بۇ ياخشىلىقنى قەلبىمدە چىڭ ساقلايمەن.
بۇ كۆرۈنۈش باي ناھىيەسىدىمۇ نامايان بولدى. «ئىككى كۈندىن بېرى غەم قىلىپلا يۈردۈم، ھاۋا ئىسسىپ كەتسىمۇ ئۈزۈم تاللىرىنى تېخىچە باراڭغا ئالالمىدىم، قانداق قىلارمەن !» يېقىندا باي ناھىيەسىنىڭ سايرام بازىرى يېڭىمەھەللە كەنتىدە يەرلىك كۆك ئۈزۈم ئۆستۈرۈش چوڭ ئائىلىسى ئىسمايىل مەمەت ئۈزۈم تاللىرىنىڭ كەينى ـ كەينىدىن چېچەكلىگەنلىكىگە قاراپ غەمگە پاتقان ئىدى.
«قانداق قىيىنچىلىققا يولۇقسىڭىز بىزگە دېسىڭىزلا بولىدۇ، ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئىسمايىل مەمەتنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، دەرھال كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار ئەترىتىنى ئۇنىڭ ئۈزۈم تاللىرىنى باراڭغا ئېلىشىغا ياردەملىشىشكە تەشكىللىدى، كۆپچىلىكنىڭ بەزىلىرى تاللارنى يىغدى، بەزىلىرى تالنى باراڭغا ئالدى، بەزىلىرى تالنى مۇقىملاشتۇردى، ئادەم كۆپ بولسا كۈچمۇ زور بولىدۇ، ئۇلار يېرىم كۈندىلا ئۈزۈم تاللىرىنى باراڭغا ئېلىپ، ئىسمايىل مەمەتنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.
ئىسمايىل مەمەت مىننەتدارلىق بىلەن مۇنداق دېدى: ئادەتتە خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىزگە كۆپ ياردەم قىلدى، بىزگە تۇغقىنىمىزدەك مۇئامىلە قىلىدۇ، بۇ قېتىم يەنە قىيىنچىلىقىمنى ھەل قىلىپ بەردى، ئۇلارغا كۆپ رەھمەت.
سىز ئاممىنى تۇغقىنىڭىزدەك كۆرسىڭىز، ئامما ئاندىن سىزنى ئائىلە ئەزاسىدەك كۆرىدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى تەربىيە ئېيى پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، ۋىلايىتىمىزدىكى جايلار، تارماقلار پارتىيەلىك كادىرلارنى كەنتلەرگە بېرىپ، ئېتىز ـ ئېرىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە تەشكىللەپ، كەنت ئاھالىلىرىنى غەم ـ ئەندىشىدىن خالاس قىلىش بىلەن بىللە، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە چىن ھېسسىياتى، چىن قەلبىنى بېغىشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ئۇزاققىچە پورەكلەتتى.
ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ تۇمشۇق بازىرى دەريابويى كەنتىدە، جۇڭگو گۇاڭخې گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى قىزىل جىلىتكە كىيىپ پىدائىي بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىگە تۈرلۈك كۆكتات مايسىلىرىنى ئاپىرىپ بېرىپلا قالماي، يەنە ھويلا ـ ئارانلاردا كۆكتات مايسىلىرىنى كۆچۈرۈشكە ياردەملىشىپ، ئەمگەك جەريانىدا ئۆزئارا ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇردى.
كۇچا شەھىرىنىڭ خانىقىتام يېزىسى بوزئېرىق كەنتىدە، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئىشخانىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ خىمىيەۋى ئوغۇتقا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، 40 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ئىئانە قىلىنىدىغان 15 توننا خىمىيەۋى ئوغۇتنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، ئۇنى قىيىنچىلىقى بار 202 دېھقان ئائىلىسىگە دەل ۋاقتىدا تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.
كەنت ئاھالىسى غۇنچەم نامان خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتى بىزگە خىمىيەۋى ئوغۇت ئىئانە قىلىپ، بىزنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىمىزنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ بەردى، بىز چوقۇم بۇ خىمىيەۋى ئوغۇتلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى قىلىپ، ھوسۇل ۋە كىرىمىمىزنى ئاشۇرىمىز.
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش