ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېمەك-ئىچمەك
شىنجاڭدا خەلق ئارىسىدا
«ئۈچ كۈن گۆش يېمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن بىر كۈن نان يېمىسە بولمايدۇ» دەيدىغان گەپ بار
بۇنىڭدىن ناننىڭ پۇقرالارنىڭ تاماق ئۈستىلىدىكى ئورنىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ
ماتېرىيال سۈرەت. مەنبە: كېرىيە ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى
نان شىنجاڭلىقلارنىڭ ھەممىسى ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىك
قانداقلا بولمىسۇن، ئىسسىق ناننىڭ كۆپىنچىسى ئۆيگە پۈتۈن پېتى يېتىپ بارالمايدۇ
شۇنىڭ بىلەن مۇنداق بىر بىر ئاددى سوئال پەيدا بولىدۇ↓
كەچۈرۈڭ، يان تېلېفوندا ۋىيشىنغا چىقىپ بېلەت تاشلاڭ
سىز سېتىۋالغان ئىسسىق ناننى ئۆيگە پۈتۈن پېتى، يۇپيۇمىلاق، مۇكەممەل ھالەتتە ئېلىپ كىرەلەمسىز؟ (تاق تاللاش)
● ياق! ئوشتۇپ بىر نەچچە چىشلەم يېيىش ئىسسىق نانغا بولغان ئەڭ چوڭ ھۆرمەت
● ھەئە! مەن ئىرادىسى مۇستەھكەم ئادەم
● قانداقلا بولسا بولىدۇ! كەيپىياتىم ۋە قورسۇقىمنىڭ ئەھۋالىغا قارايمەن
تولۇقسىز ئستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا
ناننىڭ تۈرى 300 خىلدىن ئاشىدىكەن
نانغا كېتىدىغان ماتېرىياللار ئۇندىن باشقا يەنە
تۇخۇم، سۈت، كۈنجۈت، ئۆسۈملۈك مېيى
قۇرۇق ئۈزۈم، ياڭاق، قىزىلگۈل قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىمۇ بار
نان تەييارلاش ئۇسۇلى ناھايىتى كۆپ، تەمىمۇ ھەرخىل
تاتلىق بولسىمۇ، تۇزى تېتىغان بولسىمۇ، ئاچچىق بولسىمۇ بولىدۇ
يەنە گۆشلۈك، گۆشسىز قىلىشقا بولىدۇ
كۈنجۈت نان، پىياز نان، ياڭاق نان
گۈلقەنت نان، بادام نان، لازا نان، گۆش نان قاتارلىقلارنىڭ
ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ھەم مەززىلىك
شىنجاڭ نېنى تىلغا ئېلىنسا
كۇچا چوڭ نېنىنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ
ئۇنىڭ دىيامېتىرى 60 سانتىمېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ
«نان شاھى» دەپ ئاتالغان
كۇچا نېنى ئالتۇندەك سېرىق
چاقتەك يوغان، چۈرۈك ھەم مەززىلىك
بىرەر كۈن يېمىسىڭىز ئۈچ كۈنگىچە سېغىنىسىز
كۇچا نېنى چوڭ ھەم نېپىز، چۈرۈك ھەم مەززىلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن
پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇلغان
2010-يىلى
كۇچا چوڭ نېنى
ئاپتونوم رايوننىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى
2012-يىلى
دۆلەت ئېسىل ساياھەت ئۇششاق يېمەكلىكى بولۇپ باھالاندى
كۇچا شەھىرىنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىدا
خۇش پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان كۇچا چوڭ نېنىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدىغان بولۇپ
شۇ جايدىكى ئۆزگىچە بىر مەنزىرىدۇر
يەنە كۇچادىكى چوڭ نان شەھەرچىسى بىر ئايلىنىپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ
شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ناندىن بىر چىشلەم يېسىڭىز
چوقۇم شۇ ھامان بەخت تۇيغۇسىغا چۆمىسىز!
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش