«كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر! بۈگۈن مەن كۆپچىلىككە خوتەننىڭ يەرلىك يۆبىڭىنى ئېلىپ كەلدىم، ئۇنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل قۇرۇق مېۋە، مول ئاقسىل ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار بار...» 9-ئاينىڭ 13-كۈنى، خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسى بۇيا يېزىسى باش سۇلۋا كەنتىدىكى خوتەن رىزۋان يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى رىزۋانگۈل ھاشىم بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە تورداشلارغا خوتەننىڭ يەرلىك يۆبىڭىنى تونۇشتۇردى.
9-ئاينىڭ 13-كۈنى، خوتەن رىزۋان يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى يەرلىك يۆبىڭنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ تونۇشتۇرماقتا.
مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى
رىزۋان يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ پىششىقلاش، ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرگەندە، ئون نەچچە نەپەر خىزمەتچى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، تەرتىپ بىلەن يۆبىڭلارنى ياساپ، ئوراپ قاچىلاۋاتاتتى، مەشغۇلات سۇپىسىدا ئەمدىلا دوخوپكىدىن چىققان يەرلىك يۆبىڭلار ئالتۇن رەڭگە كىرگەنىدى.
رىزۋانگۈل ھاشىم 13 يېشىدىن باشلاپلا پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇشنى ئۆگەنگەن. 2000-يىلى، ئۇ خوتەن شەھىرىدە تۇنجى دۇكىنىنى ئاچىدۇ، گەرچە سودىسى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ شۇ چاغدىكى ئەھۋالىغا تەن بەرمەي يۇرتىدىن ئايرىلىپ بېيجىڭغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ بىلىم ئېلىش يولىنى باشلايدۇ.
«مەن كىچىكىمدىن تارتىپلا پېچىنە-پىرەنىك يېيىشنى ياخشى كۆرەتتىم، بولۇپمۇ گۈلقەنت قوشۇلغانلىرىنى بەكرەك ياخشى كۆرەتتىم» دېدى رىزۋانگۈل. بېيجىڭدا بەش يىل پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇشنى ئۆگەنگەندىن كېيىن ئۇ يۇرتىغا قايتىپ، مەززىلىك، تەملىك «بەختنىڭ تەمى»نى تەتقىق قىلىپ پىشۇرۇپ چىقىشنى قارار قىلىدۇ.
يۇرتىغا قايتىپ رې ئۇستام پېچىنە-پىرەنىك دۇكىنى ئاچقاندىن تارتىپ، رىزۋان يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى قۇرۇشقىچە، ئاندىن يەنە بۇيا يېزىسى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بازىسىغا ماكانلىشىشقىچە بولغان بۇ مەزگىلدە، رىزۋانگۈل كامالەتكە يەتكەن پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇش ھۈنىرىنى مەشىق قىلىپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ داڭلىق ماركىسى «رىزۋان»نى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ، يەنە 2000دىن ئارتۇق شاگىرت تەربىيەلەپ چىقىدۇ.
نۆۋەتتە، رىزۋان يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان يۆبىڭ، لېبا، گۈلقەنت قاتقات، ھەسەل پىرەنىك قاتارلىق 200 نەچچە خىل پېچىنە-پىرەنىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ئىنتايىن ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، 20 كەنت ئاھالىسىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.
9-ئاينىڭ 13-كۈنى، خوتەن رىزۋان يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى يەرلىك يۆبىڭ تەييارلىماقتا.
مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى
9-ئاينىڭ 13-كۈنى، خوتەن رىزۋان يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى يەرلىك يۆبىڭ تەييارلىماقتا.
مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى
9-ئاينىڭ 13-كۈنى، خوتەن رىزۋان يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى يەرلىك يۆبىڭ پىشۇرماقتا.
مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى
9-ئاينىڭ 13-كۈنى، خوتەن رىزۋان يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى يەرلىك يۆبىڭلەرنى ئوراپ قاچىلىماقتا.
مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى
9-ئاينىڭ 13-كۈنى، خوتەن رىزۋان يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى يەرلىك يۆبىڭنىڭ ئورالما قاپلىرىنى رەتلىمەكتە.
مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى
9-ئاينىڭ 13-كۈنى، خوتەن رىزۋان يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئوراپ قاچىلانغان يەرلىك يۆبىڭلەرنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىش ئۈچۈن ئاپتوموبىلغا قاچىلىماقتا.
مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى