ئاقسۇ ئاخبارات تورى > يېمەك-ئىچمەك
ياغدا پىشۇرۇلغان، ياغدا قاقلانغان يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەر مەززىلىك، چۈرۈك، تەملىك بولۇپ، نۇرغۇن ئادەم يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن بۇنداق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېسە سالامەتلىككە ئېنىق زىيانلىق. «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش كۆرسەتمىسى (2022- يىل نەشرى)»دە تەۋسىيە قىلىنىشىچە، ئاھالىلەرنىڭ ھەر كۈنلۈك يېمەكلىك ياغ قوبۇل قىلىش مىقدارىنى 25 گىرامدىن 30 گىرام ئىچىدە كونترول قىلىش كېرەككەن. لېكىن، يالغۇز بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلغان بىلەن كۇپايە قىلمايدۇ، خالىغان بىر خىل يېمەكلىك يېغىنى 25 گىرامدىن 30 گىرامغىچە يېسىلا بولۇۋەرمەيدۇ، ساغلام ئوزۇقلىنىش يېمەكلىك يېغىنىڭ تەركىبىگىمۇ ئېنىق تەلەپ قويىدۇ.
يېمەكلىك يېغىنى قانداق تاللاش، قانداق ئىستېمال قىلىش كېرەك؟ تۈرلۈك يېمەكلىك يېغى ئوتتۇرىسىدا قانداق پەرق بار؟ قايسى خىل ياغ تېخىمۇ ياخشى؟ ئۇزۇن مۇددەت پەقەت بىر خىل ياغ يېسە بولامدۇ؟ بۇ مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، قانداق ياغ ئىشلەتكەندە، قانداق ئىستېمال قىلغاندا ساغلام بولىدىغانلىقىنى بىلىپ باقايلى.
يېمەكلىك يېغىنى تاللاپ سېتىۋالغاندا بۇلارغا دىققەت قىلىش كېرەك
سۈپەت دەرىجىسىگە قاراش
يېمەكلىك يېغى 1- دەرىجىلىك، 2- دەرىجىلىك، 3- دەرىجىلىك، 4- دەرىجىلىك دەپ تۆت دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ (زەيتۇن يېغى بۇنىڭ سىرتىدا، ئۇ تۇنجى قېتىم تارتىلغان زەيتۇن يېغى: ئالاھىدە دەرىجىلىك، ئوتتۇرا دەرىجىلىك، ئىنچىكە چەككىلەنگەن، ئارىلاشما ياغ، دەپ ئايرىلىدۇ). ئۇنداقتا دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا، ياغنىڭ سۈپىتى شۇنچە ياخشى بولامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي ئۇنداق ئەمەس.
1-، 2- دەرىجىلىك يېمەكلىك يېغىنىڭ ساپلىق دەرىجىسى يۇقىرى، ئارىلاشما ماددىلار ئاز، رەڭگى سۈزۈك، پۇرىقى ۋە تەمى سۇسراق، تاماق ئەتكەندە بۇسى ئازراق بولىدۇ، ياغنى بەكرەك قىزدۇرۇپ كۈچلۈك ئوتتا قورۇشقا، ياغدا پىشۇرۇشقا ماس كېلىدۇ. ئەمما يېتەرسىزلىكى چەككىلەش دەرىجىسى بەك يۇقىرى بولغاچقا، ياغ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەر خوراپ كەتكەن بولىدۇ. 3-، 4- دەرىجىلىك يېمەكلىك ياغ دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ ساپلىق دەرىجىسى تۆۋەن، ئارىلاشما ماددا كۆپ، رەڭگى قېنىقراق ياكى مۇۋاپىق دەرىجىدە دۇغ بولىدۇ، پۇرىقى ۋە تەمى كۈچلۈكرەك كېلىدۇ، تاماق ئەتكەندە بۇس كۆپ چىقىدۇ، ياغنى بەك قىزدۇرۋەتمەي تاماق ئېتىشكە بەكرەك ماس كېلىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى، ياغدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەر ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلاپ قېلىنغان بولىدۇ.
مەيلى قايسى دەرىجىلىك ياغ بولسۇن، پەقەت دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولسىلا، نورمال ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. بىز ئوزۇقلۇق تەركىبىگە بولغان ئېھتىياج، تەمگە بولغان ئېھتىياج ۋە ئوخشاش بولمىغان تاماق ئېتىش ئۇسۇلىغا قاراپ تاللىساق بولىدۇ.
پىششىقلاش ھۈنەر- سەنئىتىگە قاراش
پىرېسلانغان ياغ فىزىكىلىق ئۇسۇل قوللىنىلىپ، خام ئەشيادىن ياغ ئايرىپ چىقىلىدۇ، ئۇنىڭدا تېخىمۇ كۆپ ئوزۇقلۇق ماددا ساقلاپ قىلىنىدۇ، پىرېسلاش ھۈنەر- سەنئىتىنىڭ تەننەرخى بەك يۇقىرى، باھاسىمۇ بەكرەك قىممەت بولىدۇ. چىلاپ چىقىرىلغان ياغ بولسا بىر قاتار خىمىيەلىك ھۈنەر- سەنئەت ئۇسۇلى ئارقىلىق ساپلاشتۇرۇلغان ياغ بولۇپ، ياغنىڭ ئايرىلىپ چېقىلىش نىسبىتى يۇقىرى، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى تۆۋەن، باھاسى نىسبەتەن ئەرزان بولىدۇ.
نۇرغۇن كىشى پىرېسلانغان ياغنى ئىستېمال قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنداق ياغنى تېخىمۇ ساغلام دەپ قارايدۇ؛ چىلاپ چىقىرىلغان ياغنى ئانچە ياقتۇرمايدۇ، ئۇنىڭدا خىمىيەلىك ماددىلار قېلىپ قالىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بەك ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ياغ بولسىلا، مۇنتىزىم سودا سارايلىرىنىڭ داڭلىق ماركىلىرىنى تاللاپ سېتىۋالساق بىخەتەر بولىدۇ، خاتىرجەم ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
ئەمما دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان پارچە قاچىلانغان ياغنى، كىچىك دۇكانلاردا يەرلىك ئۇسۇلدا تارتىپ چىقىرىلغان ياغنى سېتىۋالماسلىق كېرەك.
ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى، سۈپەت كاپالەت مۇددىتىگە قاراش
ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى قانچە بالدۇر بولسا شۇنچە ياخشى، سۈپەت كاپالەت مۇددىتى قانچە ئۇزاق بولسا شۇنچە ياخشى. ئادەتتە يېمەكلىك ياغنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتى 18 ئايدىن 24 ئاغىچە بولۇپ، سالقىن، قۇرغاق، كۈن نۇرىدىن خالىي، ھىم ئېتىلگەن ھالەتتە ساقلاش كېرەك.
ئامال بار كىچىك تۇڭلۇق ياغلارنى سېتىۋېلىش
يېمەكلىك ياغنىڭ ئېغىزى ئېچىلغاندىن كېيىن، ھاۋا بىلەن ئوكسىدلىنىش رېئاكسىيەسى يۈز بېرىپ، ياغنىڭ سۈپىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. شۇڭا ئامال بار كىچىك تۇڭلۇق يېمەكلىك يېغى سېتىۋېلىش، ھەر قېتىم ياغنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ئېغىزىنى ياخشى ئېتىش، ئېغىزى ئېچىلغاندىن ئەڭ ياخشىسى ئۈچ ئاي ئىچىدە ئىشلىتىپ بولۇش كېرەك.
يېمەكلىك ياغدا تاماق ئەتكەندە بۇ نۇقتىلارغا قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك
ئومۇمىي قوبۇل قىلىش مىقدارىنى كونترول قىلىش
«جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش كۆرسەتمىسى (2022- يىل نەشرى)»دە، ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك يېمەكلىك ياغ قوبۇل قىلىش مىقدارىنى 25 گىرامدىن 30 گىرام ئەتراپىدا كونترول قىلىش تەۋسىيە قىلىنغان، ساغلاملىقنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ سانلىق قىممەتكە قاتتىق ئەمەل قىلىش كېرەك.
تاماق ئەتكەندە ياغنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى كونترول قىلىش
ھەرگىز ياغ قىزىپ ئىس چىققاندا ئاندىن قورۇماقچى بولغان نەرسىلەرنى سالماسلىقىمىز كېرەك، چۈنكى دادۇر يېغى، كۆممىقوناق يېغى، قىچا يېغى، گازىر يېغى، ئالاھىدە دەرىجىلىك تۇنجى قېتىم تارتىلغان زەيتۇن يېغى، ياڭاق يېغى، كۈنجۈت يېغى، زىغىر يېغى، رەيھان يېغى، ئۈزۈم ئۇرۇقى يېغى قاتارلىق ياغلاردا تاماق ئەتكەندە ياغنىڭ گىرادۇسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە بولمايدۇ.
تاماق ئېتىش ئۇسۇلىنى كونترول قىلىش
ياغدا قاقلاش، ياغدا پىشۇرۇش قاتارلىق تاماق ئېتىش ئۇسۇللىرىنى ئاز ئىشلىتىش كېرەك. ياغدا قاقلاش، ياغدا پىشۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا تەتۈر تىپلىق ياغ كىسلاتاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زىيانلىق ماددىلارنى پەيدا قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ياغنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ئۇنىڭ مىزلىك پۇرىقى ۋە تەمىمۇ بىزنى ئاسانلا كۆپ يەۋېلىپ، نەتىجىدە مېتابولىزم خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ياغنى ئاز ئىشلىتىپمۇ تەملىك قورۇمىلارنى قورغىلى بولىدۇ، پىشۇرۇش ئۇسۇلىدا ئىمكانقەدەر ھوردا پىشۇرۇش، سۇدا پىشۇرۇش، دۈملەپ پىشۇرۇش، قورۇپ پىشۇرۇشنى ئاساس قىلىش، ياغدا قاقلاپ پىشۇرۇش، ياغدا پىشۇرۇش ئۇسۇلىنى ئاز قوللىنىش، ياغدا پىشۇرۇشنىڭ ئورنىغا ھاۋا قازاندا پىشۇرۇشنى تاللاش كېرەك.
ھەر قېتىم يېڭى ماي ئىشلىتىش
نۇرغۇن ئائىلە يېمەكلىكنى پىشۇرۇپ بولغاندىن كېيىنكى ياغنى ساقلاپ قويۇپ، باشقا يېمەكلىكلەرنى ياغدا پىشۇرۇشقا ياكى قورۇما قورۇشقا ئىشلىتىدۇ. ئەمما، قايتا- قايتا ئىشلىتىلگەن ياغدا ئاسانلا راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار پەيدا بولىدۇ، مەسىلەن، تەتۈر تىپلىق ياغ كىسلاتاسى، بېنزوپىرېن، ئاكرىلامىد، ئارىلاش ھالقىلىق ئامىن قاتارلىقلار، بۇنداق ياغنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىنسا سالامەتلىككە يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر مەيلى قانداق ئۇسۇلدا تاماق ئېتىشتىن قەتئىينەزەر، ياغنى پەقەت بىر قېتىملا ئىشلىتىش، ھەر قېتىم يېمەكلىك يېغى ئىشلەتكەندە يېڭى ياغ ئىشلىتىش تەكلىپىنى بەردى.
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش